«بۇلارنى بىلگەن ئىكەنسىلەر، ئۇلارغا رىئايە قىلساڭلار بەختلىكسىلەر»
«مېنىڭ تامىقىم مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ ئىشىنى تاماملاشتۇر».—يۇھاننا 4:34.
ناخشىلار: 1، 42
1. بۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان شەخسىيەتچىلىك بىزگە قانداق يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
خۇدا سۆزىدىن ئالغان بىلىملىرىمىزگە ماس ھەرىكەت قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟ چۈنكى، توغرا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك. «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقاچقا، بىزگە كەمتەر بولۇپ قېلىش قىيىن، سەۋەبى كۆپ ئادەملەر «ئۆزىنىلا سۆيىدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر» ۋە «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان» بولۇپ كەتكەن (2-تىموتىي 3:1—3). بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغانلىقتىن، مۇنداق مىجەز-خۇلقلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن، بۇنداق يامان مىجەز-خۇلقلىرى بار كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقاندەك ۋە ھاياتى مەنىلىك، خۇشال-خۇرام ئۆتىدىغاندەك تۇيۇلىشى مۇمكىن (زەبۇر 37:1؛ 73:3). بىز ھەتتا مۇنداق ئوي-خىيالدا بولىدىغاندىمىز: «ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭ غېمىنى ئويلاشنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بارمۇ؟ كەمتەر بولسام، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئابرويۇم چۈشۈپ كېتەمدۇ؟» (لۇقا 9:48). بىز شەخسىيەتچى بولساق، قېرىنداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇپ، باشقىلاردىن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە پەرقلەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىراق، خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ كەمتەرلىكى ھەققىدە ئۆگىنىپ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئالساق، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز.
2. خۇدانىڭ قەدىمقى سادىق خىزمەتچىلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
2 خۇدانىڭ قەدىمقى سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇلار خۇدانىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇرسەن قىلغان؟ توغرا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كۈچنى قەيەردىن ئالغان؟ مۇقەددەس كىتابتىن ئۇلار ھەققىدە ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلساق، بىزنىڭ ئېتىقادىمىز مۇستەھكەملىنىدۇ.
ئېتىقادنى مەھكەم ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
3، 4. (1) يەھۋا خۇدا بىزگە نېمىلەر ئارقىلىق تەلىم بېرىدۇ؟ (2) ئېتىقادىمىزنى مەھكەم ساقلاش ئۈچۈن بىلىم ئېلىش نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس؟
3 يەھـۋا بىزنىـڭ ئىمـان-ئېتىقـادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈن نېمە زۆرۈر بولسا، شۇنى تەمىنلەيدۇ. بىز مۇقەددەس كىتاب، ماتېرىياللىرىمىز، jw.org توربېتى، ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى، جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلار ئارقىلىق نەسىھەت ھەم تەلىم ئېلىپ تۇرىمىز. بىراق، ئەيسا بىلىم ئېلىشتىن مۇھىمراق نەرسە توغرىسىدا ئېيتقان. ئۇ: «مېنىڭ تامىقىم مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ ئىشىنى تاماملاشتۇر»،— دېگەن.—يۇھاننا 4:34.
4 ئەيسا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى تاماق يېيىش بىلەن سېلىشتۇرغان. پايدىلىق تائام تېنىمىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەندەك، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. مەسىلەن، ھېرىپ قالسىڭىزمۇ، ۋەز ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ۋەز قىلىپ قايتقاندا، ئۆزىڭىزنى خۇشال ھېس قىلغان كۈنىڭىز بولغانمۇ؟
5. دانا بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
5 يەھۋا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش دانالىقتۇر (زەبۇر 107:43). دانالىققا ئىگە بولساق، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارزۇلىغان ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭغا [دانالىققا] تەڭ كېلەلمەستۇر. ئۇنىڭغا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، ئۇنى مەھكەم تۇتقانلار بەختلىك دەپ ئاتىلار» (پەندى-نەسىھەت 3:13—18). ئەيسا: «بۇلارنى بىلگەن ئىكەنسىلەر، ئۇلارغا رىئايە قىلساڭلار بەختلىكسىلەر»،— دېگەن (يۇھاننا 13:17). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە داۋاملىق قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىدى. ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىش شاگىرتلىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلى بولغان.
6. نېمە ئۈچۈن ئالغان بىلىملىرىمىزنى داۋاملىق ئەمەلىي قوللىنىشىمىز كېرەك؟
6 بۈگۈنكى كۈندە، بىزمۇ مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىمىزنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىمىز كېرەك. ماشىنا رېمۇنت قىلىدىغان ئۇستىنى مىسالغا ئالايلى. ئۇنىڭ سايمان-جابدۇقلىرى، كېرەكلىك زاپچاسلىرى ۋە بىلىمى بار. بىراق، ئۇ شۇلارنى ئىشلەتكەندىلا ياخشى ئۇستا بولالايدۇ. ئۇ ئىشىدا نۇرغۇن يىل تەجرىبە توپلىسىمۇ، ياخشى ئۇستا بولۇپ قېلىش ئۈچۈن بىلىمىنى داۋاملىق ئىشلتىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ھەقىقەتنى تونۇپ بىلگەندە، بەك خۇشال بولغان ئىدۇق. بىراق، مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز يەھۋادىن ئالغان بىلىملىرىمىزنى چوقۇم ھەر كۈنى ئەمەلىي قوللىنىشىمىز كېرەك.
7. خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
7 بۇ ماقالىدە، بىز كەمتەرلىكنى ساقلاش قىيىن بولىدىغان ۋەزىيەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. قەدىمدە خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى كەمتەرلىكنى قانداق ساقلىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەمتەرلىك كۆرسىتىشنىڭ تۆت يولىنى بىلىۋالىمىز. ئەمما، بۇنى بىلىپلا قويۇش يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئالغان بىلىملىرىمىزنى ھاياتىمىزدا قانداق ئەمەلىي قوللىنىش ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك.
باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن تۆۋەن كۆرمەڭ
8، 9. ئەلچىلەر 14:8—15-ئايەتلەردىن پاۋلۇسنىڭ كەمتەرلىكى ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
8 يەھۋا خۇدانىڭ «ئىرادىسى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇپ، قۇتقۇزۇلۇشىدۇر» (1-تىموت. 2:4). سىز ھەقىقەتنى تونۇمايدىغان ئادەملەرگە قانداق قارايسىز؟ ئەلچى پاۋلۇس ۋەز قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە بىلىمى بولغان. لېكىن، ئۇ ساختا ئىلاھلارغا سەجدە قىلغان كىشىلەرگىمۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەن. ئۇلارغا ۋەز قىلغاندا پاۋلۇسنىڭ كەمتەرلىكى سىنالغان ئىدى. قانداق؟
9 بىرىنچى قېتىملىق ۋەز قىلىش سەپىرىدە، پاۋلۇس بىلەن بارنابا لىسترا شەھىرىگە بارغان. شۇ يەردىكى لىكائونچە سۆزلەيدىغان كىشىلەر پاۋلۇس بىلەن بارنابانى ئادەم قىياپىتىدە كەلگەن زېئوس بىلەن ھېرمېس دېگەن يالغان ئىلاھلىرى، دەپ قارىغانىدى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا شان-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئازدۇرۇلغاندا، ئۇلار كۆرەڭلەپ كەتكەنمۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن بارغان ئىككى شەھەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇنى تەسەللىي ئېلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ ئويلىغانمۇ؟ خەلقنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن دىققىتى كۆپرەك ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ ھېسابلىغانمۇ؟ ياق. ئۇلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؟ بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئاجىز ئىنسان!»— دەپ ۋارقىرىغان.—ئەلچىلەر 14:8—15.
10. پاۋلۇس بىلەن بارنابا نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى لىكائونچە سۆزلەيدىغان ئادەملەردىن ئۈستۈن دەپ ھېسابلىمىغان؟
10 پاۋلۇس بىلەن بارنابا «بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئاجىز ئىنسان!»،— دېگەندە، ئۆزلىرىنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغان. ئەلۋەتتە، ئۇلار لىكائونچە سۆزلەيدىغان ئادەملەردەك ساختا ئىلاھلارغا سەجدە قىلمىغان. خۇدا پاۋلۇس بىلەن بارنابانى ياتئەل خەلقىگە ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتكەن (ئەلچىلەر 13:2). ئۇلار مۇقەددەس روھ بىلەن مايلانغان ۋە ئاجايىپ ئۈمىدكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتمىغان. پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارمۇ ئاسماندىكى ھاياتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.
11. ۋەز قىلغاندا پاۋلۇسقا ئوخشاش كەمتەر بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟
11 بۇ ۋەقەدىن پاۋلۇسقا ئوخشاش كەمتەر بولۇشنىڭ بىر يولىنى ئۆگىنەلەيمىز. يەھۋانىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەز ئىشى ياكى ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قىلىۋاتقان باشقا ئىشلار تۈپەيلى ئۆزۈمىزنى ئۆزگىلەردىن ئۈستۈن سانىماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆزۈمىزدىن: «ماڭا ۋەز قىلىشقا بەلگىلەنگەن رايوندىكى ئادەملەرگە قانداق قارايمەن؟ بەزى ئادەملەرنى ئۆزۈمدىن تۆۋەن كۆرىمەنمۇ؟»— دەپ سورىشىمىز كېرەك. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. بەزى گۇۋاھچىلار ھەتتا كۆپچىلىك تۆۋەن كۆرىدىغان خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆزىنى شۇ كىشىلەردىن ئۈستۈن ھېسابلىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ھەربىر ئادەمنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ دۇئا قىلىڭ
12. ئېپافراس چىن يۈرەكتىن قېرىنداشلارنىڭ غېمىنى يېگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 كەمتەرلىكنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى — «بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك ئىمان-ئېتىقادقا ئېرىشكەن» قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش (2-پېترۇس 1:1). ئېپافراس ئىسىملىك قېرىنداش بۇ جەھەتتىن بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. پاۋلۇس رىمدا ئۆيدە نازارەت ئاستىدا بولغاندا، كولوسى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا ئېپافراس ھەققىدە مۇنداق يازغان: ئۇ «ھەردائىم جان-دىلى بىلەن دۇئالارنى قىلىۋاتىدۇ» (كولوسىلىقلار 4:12). ئېپافراس قېرىنداشلارنىڭ شارائىتىنى ياخشى بىلگەن ۋە چىن يۈرەكتىن ئۇلارنىڭ غېمىنى يېگەن. پاۋلۇس ئېپافراسمۇ «زىندانغا سولانغان» دەپ ئېيتقان. دېمەك، ئېپافراسمۇ قىيىن ئەھۋالدا بولغان (فىلىمون 23). بىراق، شۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ باشقىلارنىڭ غېمىنى يەپ، قولىدىن كەلگىنىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشقان. ئېپافراس قېرىنداشلار توغرىسىدا دۇئا قىلغان. بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، قېرىنداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ دۇئا قىلساق بولىدۇ. مۇنداق دۇئالارنىڭ كۈچى زور.—2-كورىنتلىقلار 1:11؛ ياقۇپ 5:16.
13. دۇئا قىلغاندا ئېپافراستىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟
13 سىز كىملەرنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ دۇئا قىلالايسىز؟ مەسىلەن، جامائەتتىكى دوستلىرىڭىز ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئائىلىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلالايسىز. ئۇلار بىرەر قىيىن قارار چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئازدۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇۋاتقاندۇ. سىز jw.org تور بېكىتىدىكى «ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغانلار» دېگەن ماقالىدە ئىسىمى يېزىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ (تور بېكىتىمىزدىكى خەۋەرلەر > قانۇنىي دەۋا ئىشلىرى دېگەن يەرگە قاراڭ). شۇنداقلا يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان، تەبىئىي ئاپەتتە ۋە ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ ئامان قالغان ۋە ئىقتىساد تەرەپتىن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ. ھەقىقەتەن، بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا مۇھتاج قېرىنداشلار ئىنتايىن كۆپ! ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلغاندا، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (فىلىپىلىكلەر 2:4). يەھۋانىڭ شۇنداق دۇئالارنى ئاڭلايدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر.
«ئاڭلاشقا» ئالدىراڭ
14. نېمە ئۈچۈن يەھۋانى ئەڭ ياخشى تىڭشىغۇچى دەپ ئېيتالايمىز؟
14 كەمتەرلىكنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى — باشقىلارنى زېھىن قويۇپ تىڭشاش. ياقۇپ 1:19-ئايەتتە، بىز «ئاڭلاشقا» ئالدىرىشىمىز كېرەكلىكى يېزىلغان. يەھۋا — ئەڭ ياخشى تىڭشىغۇچى (يارىتىلىش 18:32؛ يەشۇئا 10:14). مەسىلەن، چىقىش 32:11—14-ئايەتلەردىكى (ئوقۇڭ) بۇ سۆھبەت ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى. يەھۋاغا مۇسانىڭ ئوي-پىكرىنى بىلىش كېرەك بولمىسىمۇ، ئۇ مۇساغا ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئېيتىشقا پۇرسەت بەرگەن. ئەگەر بىر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزگەن، باشقىلار ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن تىڭشاشنى ياكى ئۇنىڭ مەسلىھىتى بويىچە قىلىشنى خالىمىسىچۇ؟! بىراق، يەھۋا خۇدا ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلغان ھەربىر ئادەمنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشايدۇ.
15. يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز؟
15 ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «يەھۋا خۇدا ئىبراھىم، راھىلە، مۇسا، يەشۇئا، مانۇھ، ئىلياس ۋە ھىزقىيادەك ئاددىي ئادەملەرنى كەمتەرلىك بىلەن تىڭشىغان بولسا، مەنمۇ قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى تىڭشاپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆي-پىكىرىگە ماس ئىش قىلىپ كۆرۈشۇم كېرەك ئەمەسمۇ؟ جامائەتتە ياكى ئائىلەمدە كىمگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەلەيمەن؟ بۇنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟»—يارىتىلىش 30:6؛ ھاكىملار 13:9؛ 1-پادىشاھلار 17:22؛ 2-تارىخنامە 30:20.
يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىدۇ
16. شىمىي داۋۇتنى ھاقارەتلىگەندە ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
16 ئەگەر بىز كەمتەر بولساق، باشقىلار بىزگە يامان مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالايمىز (ئەفەسلىكلەر 4:2). 2-سامۇئىل 16:5—13-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ)، داۋۇتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرەلەيمىز. سائۇل پادىشاھنىڭ شىمىي دېگەن تۇققىنى داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارغا تاش ئاتقان. داۋۇت شىمىينى توختىتالايتتى، بىراق شۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىدىغان. داۋۇتنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى زەبۇرنىڭ ئۈچىنچى بابىدىن تاپالايمىز.
17. داۋۇتقا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن ۋە بىز ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
17 داۋۇت پادىشاھ زەبۇر كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىنى ئوغلى ئابشالوم ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان چاغدا يازغانىدى. شىمىيمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا داۋۇتقا قارشى چىققان. بىراق، داۋۇت سەۋرچانلىقىنى ساقلىغان. قانداقلارچە؟ داۋۇت زەبۇر 3:4-ئايەتتە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۈنلۈك ئاۋازدا يەھۋانى چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا مۇقەددەس تېغىدىن جاۋاب بېرەر». باشقىلار بىزگە قارشى چىقىپ، يامانلىق قىلغاندا، بىزمۇ داۋۇتقا ئوخشاش دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. شۇ ۋاقىتتا يەھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس روھىنى بېرىدۇ. بىرلىرى سىزگە يامان مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالامسىز ياكى چىن قەلبىڭىزدىن كەچۈرەلەمسىز؟ يەھۋا ھەممە قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
ئەڭ مۇھىمى — دانالىق
18. يەھۋانىڭ سۆزىگە ماس ھەرىكەت قىلىساق، قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىمىز؟
18 يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قىلساق، دانا بولىمىز ھەم ئۇنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىمىز. پەندى-نەسىھەت 4:7-ئايەتتە: «دانالىق ئەڭ مۇھىمدۇر»،— دەپ يېزىلغان. بىلىم دانالىقنىڭ ئۇل ئاساسىي بولسىمۇ، ئەمما دانالىق ھەربىر چىقارغان قارىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مۇقەددەس كىتاب، ھەتتا چۈمۈلىلەر قىشقا ئوزۇق يىغىپ، دانالىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 30:24، 25). خۇدادىن كەلگەن دانالىققا ئىگە بولغان مەسىھ، ئاتىسىنى دائىم خۇرسەن قىلغان (1-كورىنتلىقلار 1:24؛ يۇھاننا 8:29). بىزمۇ خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا قارار چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كەمتەرلىكنى ھەم دانالىقنى كۆرسەتسەك، يەھۋا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ (مەتتا 7:21—23-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، كەمتەرلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسىڭىز، جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى يەھۋاغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىسىز. ئەلۋەتتە، بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن سەۋرچانلىق كېرەك. شۇنداق قىلساق، كەمتەر بولۇپ، ھازىر ۋە مەڭگۈ بەختكە ئېرىشەلەيمىز.