ھەممىگە قادىر خۇدا ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ
«ئۇ [يەھۋا] قانداق يارىتىلغانلىقىمىزنى بىلەر، تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى ئېسىگە ئالار».—زەبۇر 103:14.
ناخشىلار: 51، 9
1، 2. (1) يەھۋانىڭ ئادەملەرگە بولغان مۇئامىلىسى بۇ دۇنيادىكى ھوقۇققا ئىگە كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
ھوقۇققا ئىگە بولغان كۆپ ئادەملەر خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ئىزىپ خورلايدۇ (مەتتا 20:25؛ ۋەز 8:9). يەھۋا بولسا بىزنى ھېچقاچان خورلىمايدۇ! ئۇ ھەممىگە قادىر ۋە كائىناتتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك شەخس بولسىمۇ، نامۇكەممەل ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەھۋا ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئېھتىياجلىرىمىزنى چۈشىنىدىغان، ھېسداش ۋە مېھرىبان خۇدا. ئۇ بىزنىڭ ئېقتىدارىمىزنىڭ چەكلىك ۋە نامۇكەممەل ئىنسانلار ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ بىزدىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.—زەبۇر 103:13، 14.
2 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى يېزىلغان. كېلىڭلار، ھازىر ئۈچ مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچى، يەھۋا ياش سامۇئىلنىڭ ئالىي روھانىي ئەلىگە ھۆكۈم خەۋىرىنى يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بەرگەن. ئىككىنچى، مۇسا ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىش تاپشۇرۇقىنى رەت قىلغاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن. ئۈچىنچى، يەھۋا مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارغا غەمخورلۇق قىلغان. بۇ مىساللاردىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
يەھۋا ياش سامۇئىلغا غەمخورلۇق قىلغان
3. بىر كۈنى ئاخشىمى سامۇئىل بىلەن قانداق ئالاھىدە ئىش يۈز بەرگەن؟ بۇ ھەققىدە بىزدە قانداق سوئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
3 سامۇئىل مۇقەددەس چېدىردا كىچىك چېغىدىن باشلاپ خىزمەت قىلغان (1-سامۇئىل 3:1). بىر كۈنى ئاخشىمى ئالاھىدە بىر ئىش يۈز بەرگەن a (ئىزاھاتقا قاراڭ)، (1-سامۇئىل 3:2—10-نى ئوقۇڭ). سامۇئىل بىرسىنىڭ ئۆز ئىسىمىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ ياشانغان ئالىي روھانىي ئەلى چاقىرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. شۇڭا، ئۇ سەكرەپ تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ: «مېنى چاقىردىڭىزمۇ؟ مانا مەن»،— دېدى. لېكىن، ئەلى ئۇنىڭغا: «ياق، سېنى مەن چاقىرمىدىم»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋەزىيەت يەنە ئىككى قېتىم تەكرارلانغاندا، ئەلى خۇدانىڭ ئۆزى سامۇئىلنى چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇ سامۇئىلغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ گېپىگە كىرىدۇ. نېمە ئۈچۈن يەھۋا سامۇئىلغا ئۆزى سۆزلەۋاتقانلىقىنى دەرھاللا ئېيتمىغان؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ ھەققىدە ھېچنېمە يېزىلمىغان. ئەمما، يەھۋا سامۇئىلنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
4، 5. (1) سامۇئىل يەھۋا بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟ (2) بۇ ۋەقەدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
4 1-سامۇئىل 3:11—18-نى ئوقۇڭ. تەۋرات قانۇنى بويىچە، بالىلار چوڭلارنى، بولۇپمۇ ھوقۇققا ئىگە كىشىلەرنى ھۆرمەتلىشى كېرەك ئىدى (چىقىش 22:28؛ لاۋىيلار 19:32). شۇڭا، ياش سامۇئىلنىڭ ئەلىگە بېرىپ، خۇدانىڭ ئەلىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى چىقارغان ھۆكۈمىنى ئېيتىش قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. يازمىلاردا سامۇئىل كۆرگەن ۋەھىيىنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورققانلىقى يېزىلغان. لېكىن، يەھۋا سامۇئىلنى ئۆزى چاقىرغانلىقىنى ئەلىگە ئېنىق كۆرسەتكەن. ئەلى سامۇئىلنىڭ ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى يوشۇرماي، خۇدانىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى سورىغان. سامۇئىل ئەلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، «ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى».
5 بۇ خەۋەر ئەلى ئۈچۈن يېڭىلىق بولمىغان، چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن «خۇدانىڭ بىر پەيغەمبىرى» ئەلىگە شۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرنى يەتكۈزگەن (1-سامۇئىل 2:27—36). بۇ ۋەقەدىن يەھۋانىڭ ھېس-تۇيغۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە دانا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
6. خۇدانىڭ ياش سامۇئىلغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
6 ياشلار، سامۇئىلنىڭ ۋەقەسىدىن يەھۋانىڭ قىيىنچىلىقىڭلار ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىڭلارنى چۈشىنىدىغانلىقى كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، سىز تارتىنچاق بولۇپ، چوڭلارغا ۋەز قىلىشتىن خىجىل بولۇشىڭىز ياكى تەڭداشلىرىڭىزدىن پەرقلىنىشنى خالىماسلىقىڭىز مۇمكىن. يەھۋانىڭ سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. شۇڭا، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈڭ (زەبۇر 62:8). سامۇئىلغا ئوخشاش مۇقەددەس كىتابتىكى ياشلارنىڭ ئۈلگىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ. ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياكى يېشى چوڭراق قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ كۆرۈڭ. بەلكىم، ئۇلارمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندۇ. ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرىگە كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن.
يەھۋا مۇساغا غەمخورلۇق قىلغان
7، 8. يەھۋا مۇسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
7 مۇسا پەيغەمبەر 80 ياشتا بولغاندا، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ناھايىتى قىيىن بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغان. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىشى كېرەك ئىدى (چىقىش 3:10). بۇ مۇسا ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەزىپە بولغان بولۇشى مۇمكىن. سەۋەبى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ مىدىيان زېمىنىدا 40 يىل پادىچى بولغان. مۇسا يەھۋاغا: «مىسىرنىڭ فىرئەۋنى ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالىغۇدەك، مەن كىم ئىدىم؟»— دېگەن. يەھۋا مۇسانى ئىلھاملاندۇرۇپ: «مەن ساڭا يار بولىمەن»،— دەپ جاۋاب قايتۇرغان (چىقىش 3:11، 12). شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا مۇساغا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى چوقۇم «سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ»،— دەپ ۋەدە قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ مۇسا: «ئۇلار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسىچۇ؟»— دەپ سورىغان (چىقىش 3:18؛ 4:1). بۇ سۆزلىرى بىلەن مۇسا خۇدانىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئېيتقاندەك بولغان. ئەمما، يەھۋا مۇساغا سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن. خۇدا ھەتتا ئۇنىڭغا مۆجىزىلەرنى قىلىشقا كۈچ بەرگەن. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا مۇسا شۇنداق كۈچكە ئىگە بولغان بىرىنچى ئىنساندۇر.—چىقىش 4:2—9، 21.
8 مۇسا بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتىش ئۈچۈن يەنە باھانە ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ سۆزگە چېۋەر ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا، خۇدا ئۇنىڭغا: «مەن سۆز قىلغاندا، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن»،— دېگەن. ئەمدى مۇسا يەھۋاغا ئىشىنىپ، ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغانمۇ؟ ياق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى ئەۋەتىشنى سورىغان. يەھۋانىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلسىمۇ، ئۇ مۇسادىن باش تارتمىغان. ئۇ ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇسانىڭ ئورنىغا سۆزلەشنى ھارۇنغا تاپشۇرغان ئىدى.—چىقىش 4:10—16.
9. يەھۋانىڭ سەۋرچان ۋە مېھرىبانلىقى مۇساغا ياخشى يولباشچى بولۇشقا قانداق ياردەم بەرگەنىدى؟
9 بۇ ۋەقەدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ يەھۋا ھەممىگە قادىر بولغاچقا، مۇسانى قورقۇتۇپ، ئۇنى بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈسىتىگە ئېلىشقا مەجبۇرلىيالايتتى. بىراق، يەھۋا ئۇنداق قىلماي، ئەكسىچە سەۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ كەمتەر خىزمەتچىسىگە يار-يۆلەك بولۇشقا ۋەدە بەرگەن. بۇ مۇساغا تەسىر قىلدىمۇ؟ ھەئە، مۇسا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاجايىپ يولباشچىسى بولغان. ئۇ يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشقان.—سانلار 12:3.
10. يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلسەك، بۇنىڭدىن قانداق پايدا ئالىمىز؟
10 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەگەر سىز ئائىلە بېشى، ئاتا-ئانا ياكى ئاقساقال بولسىڭىز، سىز ھوقۇققا ئىگە. شۇ سەۋەبتىن سىز يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىز ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ھەم ئۇلارغا مېھرىبان ۋە سەۋرچان بولۇشىڭىز بەك مۇھىم (كولوسىلىقلار 3:19—21؛ 1-پېترۇس 5:1—3). ئەگەر سىز يەھۋا بىلەن ئەيسانى ئۈلگە قىلسىڭىز، سىزگە يېقىنلىشىش ۋە سىز بىلەن پاراڭلىشىش باشقىلار ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ. شۇ چاغدا سىز ئۇلارغا ئىلھام بېرەلەيسىز (مەتتا 11:28، 29). شۇنداقلا، سىز ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتەلەيسىز.—ئىبرانىيلار 13:7.
كۈچ-قۇدرەتلىك، ئەمما غەمخور قۇتقازغۇچى
11، 12. ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟
11 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1513-يىلى مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ سانى 3 مىليوندىن كۆپرەك بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بالىلار، ياشانغانلار، ئاجىز ۋە ئاغرىق ئادەملەرمۇ بولغان. مۇنداق كۆپ خەلق غەمخورلۇق قىلدىغان ۋە ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان يولباشچىغا مۇھتاج ئىدى. يەھۋا مۇسا ئارقىلىق نەق شۇنداق يولباشچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. نەتىجىدە، ئىسرائىللار ئۆز يۇرت-كانىمىز دەپ ھېسابلىغان شۇ جاينى تاشلاپ كېتىشتىن ھېچ قورقمىغان.—زەبۇر 78:52، 53.
12 ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟ ئۇ خەلقنى مىسىردىن «ئەسكەرلەردەك ناھايىتى تەرتىپلىك» چىقارغان (چىقىش 13:18). شۇنداق تەشكىللەنگەنلىكتىن، ئۇلار يەھۋانىڭ ھەممىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا ئۇلارنى «كۈندۈزى بۇلۇت» ۋە «كېچىسى ئوت نۇرى» ئارقىلىق يېتەكلەپ، ھىمايە قىلغانلىقىنى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسلەتكەن (زەبۇر 78:14). خەلق مۇنداق تەسەللىگە مۇھتاج بولغان، چۈنكى ئالدىدا ئۇلارنى ئالاھىدە بىر ۋەقە كۈتۈپ تۇراتتى.
13، 14. (1) قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا يەھۋا ئىسرائىللارغا قانداق غەمخورلۇق قىلغان؟ (2) يەھۋا ئۆزىنىڭ مىسىرلىقلاردىن ئاللىقاچان كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
13 چىقىش 14:19—22-نى ئوقۇڭ. ئۆزىڭىزنى ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرگە بولۇۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. كەينىڭىزدە فىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرى، ئالدىڭىزدا بولسا قىزىل دېڭىز، سىز خۇددى تۇزاققا چۈشكەندەك. لېكىن، شۇ چاغدا خۇدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ: خەلقنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇلۇت تۈۋرىگى كەينىگە يۆتكىلىدۇ. ئەمدى بۇلۇت تۈۋرىگى سىلەرنىڭ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ. مىسىرلىقلار تۇرغان تەرەپ قاراڭغۇلۇقتا، سىلەر تەرەپ يورۇقلۇقتا. كېيىن، سىز مۇسانىڭ قولىنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزاتقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇ چاغدا شەرقتىن قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىزنىڭ باشقا تەرىپىگە كەڭ يول ئاچىدۇ. شۇڭا سىز، ئائىلىڭىز، ماللىرىڭىز پۈتۈن خەلق بىلەن بىللە تەرتىپ بويىچە دېڭىزنىڭ ئاستى بىلەن ماڭىسىز. سىز دېڭىز ئاستىنىڭ پاتقاق ۋە تېيىلغاق ئەمەس، ئەكسىچە قۇرۇق ۋە قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاڭ-تاڭ بولىسىز. نەتىجىدە، ھەتتا ئەڭ ئاستا ماڭغانلار دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئامان-ئېسەن ئۆتىدۇ.
14 چىقىش 14:23، 26—30-نى ئوقۇڭ. شۇ پەيتتە تەكەببۇر ۋە ئەخمەق فىرئەۋن كەينىڭلارغا چۈشىدۇ. مۇسا يەنە بىر قېتىم قولىنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزاتقاندا، ئىككى تەرەپتىكى سۇ ئەسلىگە كېلىپ، فىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سۇغا غەرق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئامان قالمايدۇ! .—چىقىش 15:8—10.
15. بۇ ۋەقەدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلدىڭىز؟
15 بۇ ۋەقەدىن يەھۋا ھەققىدە يەنە بىر نەرسىنى بىلىۋالىمىز. يەھۋا — تەرتىپنىڭ خۇداسى ۋە ئۇ ھەممىنى ئاجايىپ تەشكىللەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلالايمىز (1-كورىنتلىقلار 14:33). قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدىغان پادىچىغا ئوخشاش، يەھۋا ئۆز خەلقىگە ئەمەلىي ئۇسۇللاردا غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۇ خىزمەتچىلىرىنى دۈشمەنلەردىن قوغدايدۇ. بۇنى بىلگىنىمىز مۇشۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى، جېنىمىزغا ئارامبەخش ئېتىپ، تەسەللىي بېرىدۇ.—پەندى-نەسىھەت 1:33.
16. يەھۋانىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى ئۆگىنىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
16 يەھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر تۈپ خالايىق سۈپىتىدە ئۆز خەلقدىن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە خەۋەر ئالىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى دۈشمەنلەردىن قوغدايدۇ. پات-ئارىدا بولىدىغان بۈيۈك ئاپەت ۋاقتىدىمۇ ئۇ شۇنداق قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 7:9، 10). شۇڭا، ياش ياكى قېرى، ساق-سالامەت ياكى ئاغرىق بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدانىڭ خەلقى سۈپىتىدە بۈيۈك ئاپەت ۋاقتىدا قورقۇنچقا چۆمۈپ، ھودۇقۇپ كەتمەيمىز b (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئەكسىچە، بىز تامامەن باشقىچە ئىنكاس قايتۇرىمىز. بىز ئەيسانىڭ: «ئورنىڭلاردىن دەس تۇرۇپ، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار يېقىنلىشىۋاتىدۇ»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئەستە تۇتىمىز (لۇقا 21:28). مۇقەددەس كىتابتا، گوگ (يەجۇج) خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. گوگ — ھەتتا فىرئەۋندىن كۈچلۈكرەك بولغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدىن تەشكىللىنىدۇ. خۇدا خەلقى ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋانىڭ قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ (ھەزەكىيال 38:2، 14—16). نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ كۆيۈمچان ۋە غەمخور قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.—يەشايا 26:3، 20.
17. (1) يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ھەققىدىكى يازمىلاردىكى ۋەقەلەردىن قانداق پايدا ئالىمىز؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 بۇ ماقالىدە، بىز يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلىگەندە، قۇتقۇزغاندا ۋە غەمخورلۇق قىلغاندا، ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇق. يازمىلاردىكى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغاندا، بۇرۇن بايقىمىغان تەپسىلاتلارغا دىققەت ئاغدۇرۇپ، يەھۋا ھەققىدە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشكە تىرىشىڭ. يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز ۋە ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىز، جامائەتتىكىلەر ھەم ۋەز خىزمىتىدە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق يەھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
a يەھۇدىي تارىخچى يۇسۇفۇس فلاۋىينىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا سامۇئىل 12 ياشتا بولغان ئىدى.
b ئارماگېدوندا ئامان قالىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ئاجىز ياكى مېيىپ بولۇشى مۇمكىن دەپ خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ. ئەيسا يەردە بولغاندا، «ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى». بۇ ئۇنىڭ ئارماگېدوندىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مەتتا 9:35). تىرىلدۈرۈلگەنلەر ساغلام تەنگە ئىگە بولىدۇ.