35-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا كەمتەر خىزمەتچىلىرىنى قەدىرلەيدۇ
«يەھۋا … كەمتەر كىشىگە نەزەر سالار»ر.—زەبۇر 137:6.
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا خۇدا كەمتەر ئادەملەرگە قانداق قارايدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
يەھۋا كەمتەر ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە پەقەت ھەقىقىي كەمتەر ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايدۇ. ئەكسىچە، «ئۇ تەكەببۇر كىشىنى پەقەت يىراقتىن تونار» (زەبۇر 138:6). ھەممىمىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىپ، ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى خالايمىز، شۇڭا، كەمتەر بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز بەك مۇھىم.
2. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 مۇشۇ ماقالىدە، بۇ ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز: (1) كەمتەرلىك دېگەن نېمە؟ (2) نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك؟ (3) كەمتەرلىكىمىز قانداق ۋەزىيەتلەردە سىنىلىشى مۇمكىن؟ كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈش يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.—پەند. نە 27:11؛ يەشايا 48:17.
كەمتەرلىك دېگەن نېمە؟
3. كەمتەرلىك دېگەن نېمە؟
3 تەكەببۇرلۇق ۋە مەغرۇرلۇق كەمتەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا يات نەرسىلەر. مۇقەددەس كىتابتا كەمتەر كىشىنىڭ يەھۋا ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە توغرا كۆز قارىشى بولىدىغانلىقى يېزىلغان. كەمتەر كىشى باشقىلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.—فىلىپى. 2:3، 4.
4، 5. كەمتەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئادەملەر نېمە ئۈچۈن ئەسلى كەمتەر بولماسلىقى مۇمكىن؟
4 بەزى كىشىلەر پەقەت كۆرۈنۈشكىلا كەمتەر بولۇپ كۆرۈنىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مېجەز-خۇلقى يۇۋاش ياكى خىجىلچان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، مەدەنىيىتى ۋە ئالغان تەربىيىسى تۈپەيلى باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى ياكى سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ. بىراق، ئەسلى ئۇلار يۈرىكىدە تەكەببۇر بولۇشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە نېمە بارلىقى ئاشكارا بولىدۇ.—لۇقا 6:45.
5 باشقا بىر تەرەپتىن، ئۆزىگە ئىشەنچىلىك ياكى ئۇدۇل سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى تەكەببۇر، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ (يۇھاننا 1:46، 47). شۇنداق بولسىمۇ، باشقىلار بىلەن تېز تىل تېپىشىدىغان ئادەملەر، تەكەببۇر بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك. مىجەز-خۇلقىمىز مەيلى قانداق بولسۇن، ھەممىمىز كەمتەر بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.
6. 1-كورىنتلىقلار 15:10-ئايەتنى ئوقۇپ، پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس يەھۋانىڭ خىزمىتىدە ئەجرى سىڭدۈرگەن ئىدى. ئۇ ھەر تۈرلۈك شەھەرلەردە يېڭى جامائەتلەرنى تەشكىل قىلىشقا ياردەم بەرگەن. بەلكىم، پاۋلۇس ئەيسانىڭ باشقا ئەلچىلىرىگە قارىغاندا، كۆپرەك ئۇتۇقلارغا يەتكەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ ئۆزىنى باشقا قېرىنداشلاردىن مۇھىمراق، دەپ ھېسابلىمىغان. ئەلچى پاۋلۇس كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىمەن ۋە ئەلچى دەپ ئاتىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەسمەن، چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن» (1-كورىنت. 15:9). ئاندىن پاۋلۇس باشقىلاردىن ئارتۇق ياكى قابىلىيەتلىك بولغانلىقتىن ئەمەس، يەھۋا ئۇنىڭغا مول مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (1-كورىنتلىقلار 15:10-نى ئوقۇڭ). ئەلچى پاۋلۇس كەمتەرلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنىدى. كورىنتتىكى جامائەتكە خەت يازغاندا، بەزىلەر ئۇنى تەنقىد قىلسىمۇ، ئۇ ماختانمىغان.—2-كورىنت. 10:10.
7. بىر ھەممىگە تونۇشلۇق بىر بۇرادەر كەمتەرلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان كارىل كلېيننىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ، نۇرغۇن قېرىنداشلار ئىلھام ئالغان. كارىل بۇرادەر ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە ھاياتىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرى توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ 1922-يىلى بىرىنچى قېتىم ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغان. لېكىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بەك قىيىن بولغانلىقتىن، ئۇ ئىككى يىلچە ۋەز ئىشىغا قايتا قاتناشمىغان. كېيىنرەك بەيتەلدە خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا بىر بۇرادەر ئۇنىڭغا نەسىھەت بەرگەندە، ئۇ بىراز ۋاقىت ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن. شۇنداقلا غەم-ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. لېكىن، كېيىن ساقىيىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماستىن، كارىل كلېين جامائەتتە كۆپلىگەن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان. شۇنداق ھەممىگە تونۇشلۇق بۇرادەرنىڭ ئۆز كەمچىلىكلىرىنى ئوچۇق ئېيتقانلىقى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن. نۇرغۇن قېرىنداشلار كارىل كلېين بۇرادەرنىڭ ھېچنەرسىنى يوشۇرماي يازغان قىزىقارلىق تەرجىمىھالىنى ئەسلەيدۇ. b
بىز نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك؟
8. 1-پېترۇس 5:6-ئايىتىدىكى سۆزلەر كەمتەرلىكىمىز يەھۋانى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
8 كەمتەر بولۇشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — يەھۋانى خۇشال قىلىشنى خالايمىز. ئەلچى پېترۇس بۇنى ئېنىق كۆرسەتكەن (1-پېترۇس 5:6-نى ئوقۇڭ). «كېلىپ، مېنىڭ شاگىرتىم بولغىن» (باشقا تىلدا) دېگەن كىتابتا پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇ يەردە: «تەكەببۇرلۇق زەھەرگە ئوخشاش. ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. ئادەم بەك قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، لېكىن تەكەببۇر بولسا، خۇدانىڭ ئالدىدا پايدىسىز بولىدۇ. ئەمما، ئادەم كەمتەر بولسا، ھەتتا قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، يەھۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولالايدۇ. خۇدا كەمتەرلىكىڭىزنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ» c،— دەپ يېزىلغان. ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلشتىن ياخشىراق ئىش يوق!—پەند. نە 23:15.
9. نېمە ئۈچۈن كەمتەرلىك باشقىلارنى بىزگە جەلپ قىلىدۇ؟
9 كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرگەندە، بىز يەھۋانى خۇشال قىلىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز. كەمتەر بولساق، باشقىلار بىزگە يېقىن بولۇشنى خالايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ھەممىمىز كەمتەر ئادەم بولۇشنى خالايمىز (مەتتا 7:12). ئۆز دېگىنىدە تۇرۇۋالىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى رەت قىلىدىغان تەرسا كىشى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ھېچكىم خالىمايدۇ. ئەكسىچە، قېرىنداشلارچە سۆيىدىغان، مېھرىبان ۋە كەمتەر ئېتىقادداشلار بىلەن بىللە بولۇش بىزگە خۇشاللىق بېرىدۇ (1-پېتر. 3:8). بىز كەمتەر كىشىلەرنى ياقتۇرىمىز، دەل شۇنداق كەمتەرلىكنى كۆرسەتسەك، باشقىلارمۇ بىزگە يېقىنلىشىدىغان بولىدۇ.
10. كەمتەر كىشىگە ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش نېمە ئۈچۈن ئاسانراق؟
10 شۇنداقلا كەمتەرلىك ھاياتىمىزنى ئاسانراق قىلىدۇ. بەزىدە بىز ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلىمىز. دانا پادىشاھ سۇلايمان: «مەن چاكارلارنىڭ ئاتقا مىنىپ، شاھزادىلەرنىڭ بولسا چاكارلاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم»،— دەپ يازغان (ۋەز 10:7). ئادەم قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ھەرقاچان مۇكاپاتقا ئېرىشمەيدۇ ۋە گايىدا ئادەمنىڭ ھېچقانداق قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇ ئابرويغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن، سۇلايمان پادىشاھ ھاياتىمىزدىكى يامانلىقلارنىڭ بىزنى چىرمىۋېلىشىغا يول بېرىشكە قارىغاندا، كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىقا يۈزلىنىشنىڭ دانالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ۋەز 6:9). كەمتەر بولساق، ھاياتىمىزدا ھەتتا بىز ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشقا دۇچ كەلسەك، ئۇنى قوبۇل قىلىش نەقەدەر ئاسان بولىدۇ.
كەمتەرلىكىمىز قانداق ۋەزىيەتلەردە سىنىلىشى مۇمكىن؟
11. بىزگە مەسلىھەت بېرىلگەندە، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟
11 بىز ھەر كۈنى كەمتەر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. بىرنەچچە ۋەزىيەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. بىزگە مەسلىھەت بېرىلگەندە. بىرسى بىزگە نەسىھەت بەرسە، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز بەلكىم بىز ئويلىغاندىن ئېغىرراق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بىرسى بىزنى تۈزەتكەندە، نەسىھەتنى دەرھاللا رەت قىلىشىمىز، ھەتتا مەسلىھەت بەرگەن كىشىنىڭ ئۆزىنى ياكى نەسىھەت بەرگەن ئۇسۇلىنى ياقتۇرماي، تەنقىد قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، كەمتەر بولساق، نەسىھەتكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشقا تىرىشىمىز.
12. پەندى-نەسىھەت 27:5، 6-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسلىھەت بەرگەن كىشىگە نېمە ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 كەمتەر كىشى مەسلىھەت ئۈچۈن مىننەتدار. مەسىلەن، جامائەت يىغىلىشىغا كەلدىڭىز دەيلى. سىز بىرنەچچە قېرىنداش بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرى سىزنى چەتكە تارتىپ: «چىشىڭىزغا بىرنەرسە چاپلىشىپ قاپتۇ»،— دەپ ئاستا ئېيتىپ قويدى. سىز خىجالەت بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق، شۇ قېرىنداشقا مىننەتدار بولمامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، «بۇنى ماڭا بىرسى بالدۇرراق ئېيتىپ قويغان بولسا، خويمۇ ياخشى بولاتتى»، دەپ ئويلايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىرسى بىزگە كېلىپ، نەسىھەت بەرسە، كەمتەرلىكنى كۆرسىتىشىمىز ۋە شۇ كىشىگە مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. بىز مەسلىھەت بەرگەن كىشىنى دۈشمىنىمىز ئەمەس، دوستىمىز، دەپ بىلىشىمىز لازىم.—پەندى-نەسىھەت 27:5، 6-نى ئوقۇڭ؛ گالاتىيا. 4:16.
13. باشقىلار شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەندە، كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 باشقىلار شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەندە. جېيسون دېگەن ئاقساقال: «باشقا بىرسىگە شەرەپلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەندە، «نېمە ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرمىدى»، دەپ ئويلايمەن»،— دېگەن. سىزمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، يەھۋا ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق (1-تىموت. 3:1). لېكىن، بىز نېمە توغرۇلۇق ئويلايدىغانلىقىمىزغا بەك دىققەتلىك بولۇشىمىز مۇھىم. پەخەس بولمىساق، يۈرىكىمىزدە تەكەببۇرلۇق يىلتىز تارتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇرادەر جامائەتتىكى بىرەر ۋەزىپىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق قىلالايدىغان ئادەم يوق، دەپ ئويلايدىغاندۇ. ئايال قېرىنداش بولسا، «ئېرىم بۇ ئىشنى پالانچى-پوكۇنچىدىن ياخشىراق قىلالايتتى» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، ھەقىقىي كەمتەر بولساق، شۇنداق ئويلاردىن نېرى تۇرىمىز.
14. باشقىلار ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەندە مۇسا نېمە قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
14 بۇ جەھەتتىن مۇسا پەيغەمبەر ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى بەك قەدىرلىگەن. ئەمما، يەھۋا مۇسا قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ بىر قىسىمىنى باشقىلارغا تاپشۇرغاندا، مۇسا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ ئىچ تارلىق قىلمىغان (سانلار 11:24—29). مۇسا كەمتەرلىكنى كۆرسىتىپ، يۈكنى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆتۈرۈشىگە يول قويغان (چىق. 18:13—24). چۈنكى، خەلققە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئىسرائىللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك ئۇزاق ۋاقىت كۈتۈشكە مەجبۇر بولمىغان. مۇسا ئۈچۈن يۇرت ئىچىدە نام-ئابرويغا ئىگە بولۇشتىن خەلقنىڭ ئەھۋالى مۇھىمراق بولغان. ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە! يەھۋا خۇدا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى خالىساق، قابىلىيەتلىك بولۇشىمىزدىن كۆرە كەمتەر بولۇشىمىز مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. «يەھۋا ئېگىزدە بولسىمۇ، ئۇ كەمتەر كىشىگە نەزەر سالار».—زەبۇر 137:6.
15. نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ئۆزگەرگەن؟
15 ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەندە. يېقىنقى يىللاردا يەھۋاغا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتى ئۆزگەرگەن. مەسىلەن، 2014-يىلى تەشكىلاتتا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، دائىرە، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنىڭ باشقا بىر تۈرىنى قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىلدىن تارتىپ رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار 70 ياشقا كىرگەندە ۋەزىپىسىنى توختىتىدىغان بولدى. 80 ياشقا كىرگەن ئاقساقاللار بولسا، ئەمدى جامائەتتە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رىياسەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلمايدۇ. ئاخىرقى بىرنەچچە يىللار ئىچىدە نۇرغۇن بەيتەللىكلەر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان بەزى قېرىنداشلار سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقتىن، ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىك خىزمىتىنى توختاتتى.
16. ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن قېرىنداشلار كەمتەرلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
16 شۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆنۈش قېرىنداشلار ئۈچۈن ئاسان بولمىغان. نۇرغۇن يىللار قىلغان خىزمىتىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سۆزسىز. قېرىنداشلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ كەتكەندە، بەزىلىرى خۇددى يېقىنىدىن ئايرىلغاندەك قايغۇرغان. لېكىن، ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇلار يېڭى ۋەزىيىتىگە ئۆگىنىپ كەتتى. ئۇلارغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئەڭ ئاۋۋال، يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى قانداقتۇ بىر ئىش ياكى ۋەزىپىگە ئەمەس، يەھۋا خۇداغا بېغىشلىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ (كولوسى. 3:23). شۇ قېرىنداشلار يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ھەرقانداق خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ. ئۇلار «بارچە غەم-ئەندىشەڭلارنى ئۇنىڭغا تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.—1-پېتر. 5:6، 7.
17. خۇدا سۆزى بىزنى كەمتەر بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىغا بىز نېمە ئۈچۈن مىننەتدار؟
17 مۇقەددەس كىتابنىڭ بىزنى كەمتەر بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىغا بىز بەك مىننەتدار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەندە، ئۆزىمىزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىمىز. ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئاسانراق بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بىز ئەرشتىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىمىز. ئۇ «ئەڭ ئالىي ۋە ئۇلۇغ» بولسىمۇ، كەمتەر خىزمەتچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ.—يەشايا 57:15.
22-ناخشا يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
a كەمتەر بولۇشىمىز بەك مۇھىم. كەمتەرلىك دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك؟ ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەندە، كەمتەرلىكىمىز قانداق سىنىلىشى مۇمكىن؟ ھازىر مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b «كۈزىتىش مۇنارى» (ئىنگل.) 1984-يىل، 1-ئۆكتەبىر سانىدىكى «يەھۋا خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c 3-بابنىڭ 23-ئابزاسىغا قاراڭ.
d سۈرەتتە: ئەلچى پاۋلۇس بىر بۇرادەرنىڭ ئۆيىدە كەمتەرلىكنى كۆرسىتىپ، قېرىنداشلار، ھەتتا كىچىك بالىلار بىلەن ئارىلىشىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: بۇرادەر ياش بۇرادەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
f سۈرەتتە: ياشانغان بۇرادەر جامائەتتە ۋەزىپىگە ئېرىشكەن ياش بۇرادەرگە كۆرەلمەسلىك قىلمايۋاتىدۇ.