6-تەتقىق ماقالىسى
«ئايالنىڭ بېشى ئەر»
«ئايالنىڭ بېشى ئەر».—1-كورىنت. 11:3.
5-ناخشا مەسىھ — بىزنىڭ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ئايال كىشى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن قانداق سوئاللارنى سورىشى كېرەك؟
بارلىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇكەممەل باشچىلىقى ئاستىدا بولماقتا. ئەمما، مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغان ئايال تۇرمۇشقا چىققاندا، نامۇكەممەل ئېرىنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ھەر ۋاقىت ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭا، دەل مۇشۇ بۇرادەرگە تۇرمۇشقا چىقىمەن، دەپ ئويلايدىغان ئايال قېرىنداش ئۆزىدىن مۇنداق سورىشى كېرەك: «نېمە بۇ بۇرادەرنىڭ ياخشى ئائىلە بېشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئۇ ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويامدۇ؟ ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلمىسا، بىز توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ياخشى ئائىلە بېشى بولۇپ روھىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دەپ ئويلاشقا نېمە مېنى دەۋەت قىلىدۇ؟» ئەلۋەتتە، ئايال قېرىنداش يەنە ئۆزىدىن مۇنداق سورىشى كېرەك: «مېنىڭدە نىكاھىمىزغا پايدا ئەكېلىدىغان قانداق پەزىلەتلەر بار؟ مەن سەۋرچان ۋە مەردمۇ؟ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم كۈچلۈكمۇ؟» (ۋەز 4:9، 12) ئەگەر ئايال كىشى توي قىلىشتىن بۇرۇن توغرا قارارلارنى قىلسا، بۇ ئۇنىڭ نىكاھىنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
2. بۇ ماقالىدە، بىز نېمە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 مىليونلىغان ئايال ئېتىقادداشلار ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشتا ياخشى ئۈلگە كۆرسەتتى. ئۇلار ماختاشقا سازاۋەر! بىز مۇشۇ سادىق ئاياللار بىلەن بىللە يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز! بۇ ماقالىدە، بىز ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز: (1) ئاياللار قانداق بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئايال ئۆز ئېرىگە بويسۇنۇشنى قارار قىلىدۇ؟ (3) ئەر ۋە ئايال كىشىلەر ئەيسا، ئابىگائىل ۋە يۈسۈپنىڭ ئايالى مەريەمنىڭ ئۈلگىسىدىن بويسۇنۇش ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
ئاياللار قانداق بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
3. نېمە ئۈچۈن ھەممە ئەر-ئاياللار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
3 راست، نىكاھ خۇدانىڭ مۇكەممەل سوۋغىسى، ئەمما ئادەملەر نامۇكەممەل (1-يۇھاننا 1:8). شۇ سەۋەبتىن، خۇدا سۆزى ئەر-ئاياللارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىدۇ (1-كورىنت. 7:28). ھازىر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان بەزىبىر قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقايلى.
4. نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىمگە بويسۇنۇش مېنىڭ ئىناۋىتىمنى چۈشۈرىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن؟
4 بەلكىم، ئايال ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك، ئېرىمگە بويسۇنۇش مېنىڭ ئىناۋىتىمنى چۈشۈرىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارىسول ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆسكەن يۇرتتا، ئاياللارغا داۋاملىق ئەر كىشىلەرگە ھەممە تەرەپتىن تەڭ بولۇش كېرەك، دەپ ئۆگىتىدۇ. مەن يەھۋانىڭ نىكاھنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ئايالغا نىكاھىدا ئېرىگە بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى ۋە ئايالنىڭمۇ لايىق ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلىمەن. بىراق، باشچىلىققا بولغان تەڭپۇڭ كۆز قاراشنى ساقلاش قىيىن».
5. بەزى ئەر كىشىلەر ئاياللارنىڭ رولىغا قارىتا قانداق خاتا كۆز قاراشتا بولىدۇ؟
5 بىراق، باشقا تەرەپتىن ئايال بەلكىم ئاياللارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار دەپ قارايدىغان ئەر كىشى بىلەن توي قىلغان بولۇشى مۇمكىن. جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئېۋون ئىسىملىك ئايال قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا تاماقنى بىرىنچى ئەرلەر، ئاندىن ئاياللار يەيدۇ. قىزچاقلار تاماق ئېتىشى ۋە ئۆينى تازىلىشى كېرەك. كىچىك ئوغۇللىرىغا بولسا، ئانىسى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارنى ‹سىز ئۆينىڭ پادىشاھى›، دەپ كىچىكىدىن ئۆگىتىدۇ». ئاسىيادا ياشايدىغان يېڭلىڭ ئىسىملىك ئايال قېرىنداش شۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا بىر تەمسىل بار. بۇ تەمسىلدە ئاياللارنىڭ ئەقىللىق ۋە قابىلىيەتلىك بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن گەپ بار. ئاياللارنىڭ رولى — بارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش. بىراق، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ئوي-پىكىرىنى ئىپادىلەشكە رۇخسەت يوق». مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان ۋە مۇقەددەس كىتابقا ماس كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىدىغان ئەر ئۆز ئايالىنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلمايدۇ ۋە يەھۋا خۇدانى نارازى قىلىدۇ.—ئەفەس. 5:28، 29؛ 1-پېتر. 3:7.
6. ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
6 ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگەندەك، يەھۋا خۇدا ئەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشىنى كۈتىدۇ (1-تىموت. 5:8). بىراق، توي قىلغان ئايال نۇرغۇن ئىشلار ئارىسىدىن ۋاقتىنى چىقىرىپ، مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇلاھىزە قىلىشى ۋە خۇداغا سەمىمىي دۇئا قىلىشى كېرەك. بۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئاياللار ئۆي ئىشلىرى بىلەن بەنت بولغاچقا، بۇ روھىي ئىشلارغا ۋاقتىم، كۈچۈممۇ يوق، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار مۇشۇ مۇھىم ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ھەر بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرۈشىنى ۋە كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.—ئەلچى. 17:27.
7. ئايالغا ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئاسانراق بولۇش ئۈچۈن ئۇ نېمە قىلىشى كېرەك؟
7 ئېنىقكى، ئايال نامۇكەممەل ئېرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئېرىنى ھۆرمەتلەش ۋە بويسۇنۇش ۋەزىپىسى مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىنى چۈشىنىپ، قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ يەھۋا بەلگىلىگەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇشى ئاسانراق بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىگە بويسۇنۇشنى تاللايدۇ؟
8. ئەفەسلىكلەر 5:22—24-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىگە بويسۇنۇشنى تاللايدۇ؟
8 ئايال ئېرىگە بويسۇنۇشنى تاللايدۇ، چۈنكى بۇنى خۇدا ئۆزى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:22—24-نى ئوقۇڭ). ئايال ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىدۇ.—تەكرار. قا 6:24؛ 1-يۇھاننا 5:3.
9. ئايال ئېرىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىسە، قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ؟
9 بۇ دۇنيا ئاياللارنى يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە پەرۋاسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇ ئۆلچەملەر ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ، دەپ ئويلاشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق كۆز قاراشنى تارقىتىۋاتقان ئادەملەر بىزنىڭ مېھرىبان خۇدايىمىزنى تونۇمايدۇ. يەھۋا ئۆز سۆيۈملۈك قىزلىرىغا ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ئۆلچەملەرنى ھېچقاچان چىقارمايدۇ. ياراتقۇچى بەلگىلىگەن رولنى تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇنلاۋاتقان ئايال قېرىنداش ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ (زەبۇر 119:165). ئۇنىڭ ھەمراھى، ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
10. كارول ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاقلارنى ئالالايمىز؟
10 نامۇكەممەل ئېرىگە بويسۇنىدىغان ئايال ئائىلىدىكى باشچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەلگىلىگەن يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى كۆرسىتىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان كارول ئىسىملىك ئايال قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەمراھىم خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇش، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقۇمنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، مەن ئاسماندىكى ئاتامنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغاچقا، مەن ئېرىمگە بويسۇنۇش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىشقا تىرىشىمەن».
11. ئانىز ئىسىملىك ئايال قېرىنداشنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشىغا نېمە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
11 ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە غەم-تەشۋىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، ئايال ئۈچۈن ئېرىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. توي قىلغان ئانىز ئىسىملىك ئايال قېرىنداشنىڭ ھاياتىدا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەندە، ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا دىققەت قىلايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خاپا بولمايمەن. ھەممىمىزنىڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىز ئېسىمدە. مېنىڭ مەقسىتىم — يەھۋا خۇداغا ئوخشاش چىن دىلدىن كەچۈرۈش. ئېرىمنى كەچۈرگەندە، كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالىدۇ» (زەبۇر 86:5). كەچۈرۈمچان ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇنۇشى ئاسان بولىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللاردىن بويسۇنۇش ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12. مۇقەددەس كىتابتا قانداق مىساللار بار؟
12 بەزىلەر ئىتائەتچان ئادەمنى ئاجىز، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئوي ناتوغرا. مۇقەددەس كىتابتا ئىتائەتچان، ئەمما جەسۇر ئادەملەرنىڭ مىساللىرى نۇرغۇن. ئەيسا، ئابىگائىل ۋە مەريەمنىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
13. ئەيسا نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇداغا بويسۇنىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 ئەيسا ئەقىللىق ۋە قابىلىيەتلىك شەخس. ئەمما، ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىگەچكە، ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭ ئاددىي ۋە ئېنىق تەلىملىرى، ئۇنىڭ دانىشمەن شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (يۇھاننا 7:45، 46). يەھۋا ئەيسانىڭ قابىلىيەتلىرىنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلىگەنكى، ھەتتا ئۇنىڭ بىرلىكتە كائىناتنى يارىتىشىغا يول قويغان (پەند. نە 8:30؛ ئىبرانىي. 1:2—4). خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇقنى تاپشۇرغان (مەتتا 28:18). ھەتتا ئۇ قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە خۇدادىن يول-يورۇق سورايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتىسىنى سۆيىدۇ.—يۇھاننا 14:31.
14. پەندى-نەسىھەت 31-بابتا يېزىلغاندەك، يەھۋانىڭ ئاياللارغا بولغان كۆز قارىشىدىن ئەرلەر نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
14 ئەرلەر نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. يەھۋا خۇدا ئايال كىشىنى ئۆز ئېرىگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئايال كىشىنى ئەر كىشىدىن تۆۋەن، دەپ قارىمايدۇ. بۇنى بىز يەھۋانىڭ ئەيسا بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەم ئەر كىشىلەر ھەم ئايال كىشىلەرنىمۇ مەسىھ قىلىنغانلار سۈپىتىدە تاللىغانلىقىدىن ئېنىق كۆرۈمىز (گالاتىيا. 3:26—29). يەھۋا ئۆز ئوغلىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ھوقۇقنى بەرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، دانا ئەر ئۆز ئايالىغا مەلۇم دەرىجىدە ھوقۇقنى بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب قابىلىيەتلىك ئايالنىڭ رولىنى تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، سودا-سېتىق قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى ئېلىپ سېتىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 31:15، 16، 18-نى ئوقۇڭ). ئۇ ئۆز پىكىرىنى ئېيتىش ھوقۇقى يوق قۇل ئەمەس. ئەكسىنچە ئۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئوي-پىكىرىگە قۇلاق سالىدۇ (پەندى-نەسىھەت 31:11، 26، 27-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئايالى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ.
15. ئاياللار ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
15 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئەيسا گەرچە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، يەھۋانىڭ ھوقۇقىغا بويسۇنۇشنى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش، دەپ قارىمايدۇ (1-كورىنت. 15:28؛ فىلىپى. 2:5، 6). بۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانى ئۈلگە قىلىدىغان قابىلىيەتلىك ئايال ئېرىگە بويسۇنۇشنى ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى چۈشۈرۈش، دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ ئېرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، پەقەت ئېرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەھۋانى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە سۆيگەنلىكى ئۈچۈندۇر.
16. 1-سامۇئىل 25:3، 23—28-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئابىگائىل قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
16 ئابىگائىلنىڭ ئېرى نابال شەخسىيەتچى، مەغرۇر ۋە مىننەتدارسىز كىشى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىشقا باھانە ئىزدىمىگەن. ئابىگائىل ئۈن چىقماي ئولتۇرۇۋالغان بولسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ كىشىلىرىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويالايتتى. ئەكسىنچە، ئۇ نابالنىڭ جېنىنى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان. 400 قوراللانغان كىشىنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ۋە ھۆرمەت كۆرسەتكەن ھالدا داۋۇت بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئابىگائىلغا قانچىلىك جاسارەت كېرەك بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇ ھەتتا ئېرىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا تەييار بولغان ئىدى (1-سامۇئىل 25:3، 23—28-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ بۇ باتۇر ئايال ئارقىلىق ئۆزىنى ئېغىر گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ قالىدىغان نەسىھەتنى بەرگەنلىكىنى داۋۇت ئېتىراپ قىلغان.
17. ئەرلەر داۋۇت بىلەن ئابىگائىلنىڭ ۋەقەسىدىن نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟
17 ئەرلەر نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئابىگائىل دانا ئايال بولغان. داۋۇتنىڭ بۇ ئايالنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالغانلىقى دانا ئىش بولغان. شۇڭا، ئۇ ئادەملەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەبچى بولۇشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭغا ئوخشاش، دانا ئەر مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆز ئايالىنىڭ ئوي-پىكىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرىدۇ. بەلكىم، ئايالىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئەخمىقانە قارارلارنى چىقىرىشتىن نېرى بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
18. ئاياللار ئابىگائىلنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟
18 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ئايال، ھەتتا يولدىشى يەھۋاغا خىزمەت قىلمىسىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىمىسىمۇ، ئائىلىسىگە ياخشى تەسىر قىلالايدۇ. ئايال ئاجرىشىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابقا قارشى بولىدىغان سەۋەبلەرنى ئىزدىمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ ھۆرمەت كۆرسىتىش ۋە بويسۇنۇش ئارقىلىق ھەمراھىنى يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (1-پېتر. 3:1، 2). ھەتتا، ئۇنىڭ يولدىشى خۇداغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلمىسىمۇ، يەھۋا ئۇنىڭ ھەمراھىغا بولغان ئىتائەتچانلىقىنى ۋە ۋاپادارلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ.
19. ئايال ئېرىگە قايسى ۋەزىيەتلەردە بويسۇنمايدۇ؟
19 ئىتائەتچان ئايال، ئەگەر ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنىڭدىن مۇقەددەس كىتابتىكى قانۇن ياكى پرىنسىپلارغا زىت ئىش قىلىشنى سورىسا، ئۇ ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەيدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئېرى قېرىندىشىمىزنى يالغان ئېيتىشقا، ئوغرىلىق قىلىشقا ياكى مۇقەددەس كىتابقا ماس كەلمەيدىغان باشقا ئىشنى قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن. خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى، شۇ جۈملىدىن تۇرمۇشقا چىققان ئېتىقادداشلار ئەڭ ئاۋۋال يەھۋا خۇداغا بويسۇنىدۇ. ئەگەر ئېرى ئايالىدىن مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئۇنى نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغانلىقىنى جاسارەت بىلەن، ئەمما ھۆرمەت كۆرسەتكەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىشى لازىم.—ئەلچى. 5:29.
20. مەريەمنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
20 مەريەم يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. ئېنىقكى، ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى ياخشى بىلگەن. مەريەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئانىسى ئېلىزابېت بىلەن سۆزلەشكەندە، يازمىلاردىن 20دىن ئوشۇق پارچىنى نەقىل كەلتۈرگەن (لۇقا 1:46—55). قىزىقارلىق يېرى شۇكى، گەرچە يۈسۈپ مەريەم بىلەن توي قىلىشقا كېلىشىپ قويغان بولسىمۇ، يەھۋا خۇدانىڭ پەرىشتىسى دەسلەپتە يۈسۈپكە كۆرۈنمىگەن. پەرىشتە ئەڭ ئاۋۋال مەريەم بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىنى تۇغىدىغانلىقىنى جاكارلىغان (لۇقا 1:26—33). يەھۋا مەريەمنى ياخشى بىلگەن ۋە مەريەم ئۇنىڭ ئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەيسا ئۆلۈپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ، مەريەمنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىگەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر.—ئەلچى. 1:14.
21. ئەرلەر مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان مەريەمنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
21 ئەرلەر نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. دانا ئەر ئۆز ئايالىنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى ياخشى بىلگىنىدىن خۇشال بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەر ئۆز ئايالىنى ئائىلە بېشى بولۇشنى ئۆز قولىغا ئېلىشنى خالايدۇ، دەپ ئويلىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا خاپا بولمايدۇ. ئەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئايالىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايالى ئېرىدىن كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولسىمۇ، ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا روھىي ئىشلارنى قىلىش ئەرنىڭ بۇرچى.—ئەفەس. 6:4.
22. ئاياللار مەريەمدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
22 ئاياللار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئايال ئۆز ئېرىگە چوقۇم بويسۇنۇشى كېرەك، بىراق ئۆزىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا يەنىلا ئۆزى جاۋابكار (گالاتىيا. 6:5). شۇڭا، ئۇ شەخسىي ئۆگىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلىشىغا ۋە خۇشاللىق بىلەن يولدىشىغا بويسۇنۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
23. ئىتائەتچان ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىگە، ئائىلىسىگە ۋە جامائەتكە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
23 يەھۋا خۇدانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەتچان بولغان ئاياللار، يەھۋانىڭ باشچىلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقانلارغا قارىغاندا، كۆپرەك خۇشاللىق ۋە قانائەت تاپىدۇ. ئۇلار يەنە ياش قىز-يىگىتلەرگە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. ئۇلار پەقەت ئائىلىدىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتتە ھەم ئىللىق مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچلىققا تولغان مۇھىتنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ (تىتۇس 2:3—5). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى كۆپ (زەبۇر 68:11). مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى، ھەممىمىزنىڭ جامائەتتە مۇھىم رولى بار. كېلەركى ماقالىدە، ھەر بىرىمىزنىڭ شۇ رولنى قانداق ئورۇنلىيالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
36-ناخشا خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن
a خۇدا توي قىلغان ئايالنىڭ ئۆز ئېرىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلغان. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئەر ۋە ئاياللار مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەيسانىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئىتائەتچانلىق ئۈلگىلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلەلەيدۇ.