بۇنىڭ ھەممىسى بىر كۈلۈمسىرەشتىن بولدى!
ئىككى ياش ئايال فىلىپپىنىنىڭ باگىئو شەھىرىدىكى سودا مەركىزىنى بىللە ئارىلاپ يۈرگەن. ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ قول ھارۋۇسىنى كۆرگەن، بىراق ئۇنىڭغا يېقىن كەلمىگەنىدى. ھارۋۇنىڭ يېنىدا تۇرغان خېلېن ئىسىملىك گۇۋاھچى ئىللىق كۈلۈمسىرىدى. ئاشۇ ئاياللار توختىمىسىمۇ، ئەمما خېلېننىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى.
كېيىنرەك ئۇلار ئۆيلىرىگە ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقاندا، ئىبادەت زالىدىكى jw.org دېگەن يوغان يېزىقلارنى كۆرۈپ قالدى. شۇ يېزىقلارنىڭ ئۇلار ئىلگىرى كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ ماتېرىياللار قول ھارۋۇسىدىكى يېزىقلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلار ئېسىگە ئالدى. ئۇلار ئىككىلىسى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، ئىبادەت زالى دەرۋازىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان جامائەتلەرنىڭ يىغىلىشلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى ئوقۇپ چىقتى.
ئۇلار ئىككىلىسى يىغىلىشقا كەلدى. ئۇلار ئىبادەت زالىغا كىرگەندە كىمنى كۆرۈپ قالدى؟ خېلېننى! شۇ ئاياللار بۇ ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ئايالنى دەررۇ تونۇۋالدى. خېلېن شۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ماڭا يېقىنلىشىۋاتقاندا، مەن بىراز ئەنسىردىم. مەن بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ، دەپ ئويلىدىم». بىراق، ئۇلار خېلىنغا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.
بۇ ئاياللار جامائەت يىغىلىشى ۋە سۆھبەتلىشىپ ئۆزئارا تونۇشۇشتىن مەمنۇن بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىدە بولغاندەك ھېس قىلغان. ئۇلار قېرىنداشلارنىڭ يىغىلىشتىن كېيىن ئىبادەت زالىنى تازلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بىزمۇ ياردەم بەرسەك بولامدۇ، دەپ سورىغان. ئىككى ئايالنىڭ بىرى باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كەتكەن، باشقىسى بولسا يىغىلىشلارغا قاتناشقان ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. بۇنىڭ ھەممىسى بىر كۈلۈمسىرەشتىن بولدى.