8-تەتقىق ماقالىسى
سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندە خۇشاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
«خىلمۇ-خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ قاراڭلار».— ياقۇپ 1:2.
28-ناخشا يېڭى ناخشا
بۇ ماقالىدە a
1، 2. مەتتا 5:11-ئايەتكە ئاساسەن، بىز سىناقلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا ھەقىقىي خۇشاللىق تاپىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇ يەنە ئۇنى سۆيىدىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 10:22، 23؛ لۇقا 6:20—23). بىز مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇشتىن خۇشاللىق تاپىمىز. ئەگەر ئائىلىڭىز خۇداغا خىزمەت قىلىشقا توسالغۇلۇق قىلسا، ھۆكۈمەتلەر زىيانكەشلىك قىلسا، ياكى بولمىسا خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى سىنىپداشلىرىڭىز يامان ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلسا ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە، شۇنداق قىيىنچىلىقلار سىزنى غەم-تەشۋىشلەرگە سېلىشى مۇمكىن.
2 ئادەتتە ئادەملەر زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشنى ھەرگىزمۇ خۇشال بولۇشنىڭ سەۋەبى، دەپ ئويلىمايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا سۆزى بىزگە خۇشال بولۇشىمىزنى ئېيتىدۇ. مەسىلەن، شاگىرت ياقۇپ سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە چۈشكۈنلۈككە بېرىلىشنىڭ ئورنىغا خۇشال بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى يازغان (ياقۇپ 1:2، 12). ئەيسا مەسىھ ئەگەر بىز زىيانكەشلىككە دۇچ كەلسەكمۇ، شاد-خۇرام بولۇپ قېلىشىمىزنى ئېيتقان (مەتتا 5:11-نى ئوقۇڭ). سىناقلارغا قارىماستىن خۇشاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟ ياقۇپ دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدىكى بىرنەچچە ئوي-پىكىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. بىرىنچىدىن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقىمىز.
دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن؟
3. ياقۇپ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغاندىن كېيىن، نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
3 ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ كۆپ ئۆتمەي، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن (ئەلچى. 1:14؛ 5:17، 18). شاگىرت ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار يېرۇسالىم شەھىرىدىن قېچىپ يەھۇدىيە، سامارىيە ئۆلكىلىرىگە، ھەتتا سىپرۇس ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن (ئەلچى. 7:58—8:1؛ 11:19). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار تارقىلىپ كەتكەن ھەر قايسى يەرلەردە خۇش خەۋەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئېيتقان ۋە پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيە زېمىنىدا جامائەتلەر پەيدا بولغان (1-پېتر. 1:1). بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.
4. دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەنە قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن؟
4 دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، مىلادى 50-يىلى رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇس يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە رىم شەھىرىدىن كېتىشنى بۇيرىغان. شۇ سەۋەبتىن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئىبرانىيلار ئۆيلىرىنى تاشلاپ، باشقا ياققا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان (ئەلچى. 18:1—3). تەخمىنەن مىلادى 61-يىلى، ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادداشلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا مەسخىرە قىلىنغانلىقى، تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى يازغان (ئىبرانىي. 10:32—34). باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كەمبەغەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارغا دۇچ كەلگەن.—رىملىقلار 15:26؛ فىلىپى. 2:25—27.
5. بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
5 تەخمىنەن مىلادى 62-يىلى، ياقۇپ ئۆز خېتىنى يازغاندا، قېرىنداشلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن سىناقلىرىنى ياخشى بىلگەن. يەھۋا ياقۇپنى ئاشۇ ئېتىقادچىلارنىڭ خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىرنەچچە ئەمەلىي مەسلىھەتنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ياقۇپنىڭ خېتىنى كۆرۈپ چىقىپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى. ياقۇپ قانداق خۇشاللىق توغرىسىدا يازغان؟ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى نېمە خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ؟ بىز دۇچ كەلگەن سىناقلارغا قارىماستىن، خۇشاللىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا دانالىق، ئىمان-ئېتىقاد ۋە جاسارەت قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنى نېمە خۇشال قىلىدۇ؟
6. لۇقا 6:22، 23-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن خۇشاللىقنى ھېس قىلالايدۇ؟
6 ئادەملەر سالامەتلىكىم ياخشى، پۇلۇم كۆپ، ئائىلەمدە تىنچ-خاتىرجەملىك بولسىلا بەختلىك بولىمەن، دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ياقۇپ ئۆز خېتىدە خۇشاللىق مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئادەمنىڭ قانداق ئەھۋالدا بولۇشى بىلەن باغلىق ئەمەسلىكىنى يازغان (گالاتىيا. 5:22). مەسىھ ئەگەشكۈچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى ۋە ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىشنى بىلسە، شۇندىلا ئۇ خۇشاللىق ۋە ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىدۇ (لۇقا 6:22، 23-نى ئوقۇڭ؛ كولوسى. 1:10، 11). خۇددى ئاسما چىراقنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتتەك، شۇنداق خۇشاللىق مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتىدۇ. شۇ خۇشاللىق ئوتى پۇل تەرەپتىن قىسىلغاندا ياكى سالامەتلىك ناچارلاشقاندا ھەم ھېچقاچان ئۆچمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خۇشاللىق ئوتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ياكى باشقا ئادەملەر زاڭلىق قىلسا ياكى قارشىلىق كۆرسەتسە ئۆچمەيدۇ. ئادەملەر بىزنىڭ خۇشاللىق ئوتىمىزنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقانسېرى، ئۇ تېخىمۇ لاۋۇلدايدۇ. ئىمان-ئېتىقادىمىز سەۋەبىدىن دۇچ كەلگەن سىناقلار بىز ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللەيدۇ (مەتتا 10:22؛ 24:9؛ يۇھاننا 15:20). شۇ سەۋەبتىن، ياقۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «قېرىنداشلىرىم، خىلمۇ-خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ قاراڭلار».—ياقۇپ 1:2.
7، 8. بىزنىڭ سىنالغان ئىمان-ئېتىقادىمىز بىزنى قانداق پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ؟
7 ياقۇپ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى ئېيتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «سىنالغان ئىمان-ئېتىقادىڭلار سىلەرنى سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ» (ياقۇپ 1:3). سىناقلار پولات تىغلىق ئەسۋابنى قىزدۇرىۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ. پولاتنى قىزىتىپ سوۋۇتقاندا، ئۇ تۆمۈر تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ياقۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «سەۋر-تاقەتنى تولۇق نامايان قىلىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا، ھەر جەھەتتىن كامىل ۋە ئەيىبسىز، ھېچبىر كەمچىلىكى بولمىغان كىشىلەر بولىسىلەر» (ياقۇپ 1:4). سىناقلار ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، سىناقلارغا خۇشاللىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
8 ياقۇپ ئۆز خېتىدە بىزنى خۇشاللىقىمىزدىن مەھرۇم قىلىدىغان يەنە بەزى قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالغان. بۇ قانداق قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنى قانداق يېڭەلەيمىز؟
خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
9. نېمە ئۈچۈن بىزگە دانالىق كېرەك؟
9 قىيىنچىلىق: نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىش. بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن يەھۋاغا تايىنىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشنى خالايمىز. بۇنداق قارارلار خۇدانى خۇشال قىلىدۇ، قېرىنداشلارغا پايدا ئەكېلىدۇ ۋە ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (يەرەم. 10:23). بىزگە نېمە قىلىشنى ۋە قارشى چىققۇچىلارغا نېمە دېيىشنى بىلىش ئۈچۈن دانالىق كېرەك. نېمە قىلىشنى بىلمىسەك، ئۈمىدسىزلىنىپ تىزلا خۇشاللىقنى يوقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
10. ياقۇپ 1:5-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
10 ھەل قىلىش: يەھۋا خۇدادىن دانالىق سوراش. ئەگەر بىز سىناقلارغا خۇشاللىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشنى خالىساق، توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، دانالىق سورىشىمىز كېرەك (ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ). ئەگەر خۇدا بىزنىڭ دۇئايىمىزغا دەرھال جاۋاب بەرمەيدۇ، دەپ ئويلىساق نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ياقۇپ ئېيتقاندەك، بىز خۇدادىن سوراشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن دانالىقنى سوراۋەرسەك، ئۇ ھېچ ئاچچىقلانمايدۇ. سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن دانالىق سورىغىنىمىزدا، ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۇنى مەردلىك بىلەن بېرىدۇ (زەبۇر 25:12، 13). ئۇ سىناقلىرىمىزنى كۆرگەندە، بىزگە ئىچى ئاغرىيدۇ ۋە ياردەم قىلغۇسى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىزنى خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدۇ! ئۇنداقتا، يەھۋا بىزگە دانالىقنى قانداق بېرىدۇ؟
11. دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
11 يەھۋا بىزگە ئۆز سۆزى ئارقىلىق دانالىق بېرىدۇ (پەند. نە 2:6). مۇشۇ دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان كىتاب-ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە كۆپ نەرسىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. خۇدا بىزگە نېمە ئېيتسا، شۇنى قىلىشىمىز لازىم. ياقۇپ مۇنداق يازغان: «ئاڭلاپ قويغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىجرا قىلغۇچىلار بولۇڭلار» (ياقۇپ 1:22). بىز خۇدانىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغاندا، تىنچلىقپەرۋەر، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە رەھىم-شەپقەتلىك بولىمىز (ياقۇپ 3:17). بۇ پەزىلەتلەر ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
12. مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
12 مۇقەددەس كىتاب ئەينەككە ئوخشاش. ئۇ بىزنىڭ نېمىنى ياخشىراق قىلىشمىز كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (ياقۇپ 1:23—25). مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن. ئادەملەر ۋە قىيىنچىلىقلار غەزىپىمىزنى قوزغىغاندا، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن باشقىلارغا قانداق مۇلايىم مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىنىمىز. مۇلايىم بولغاچقا، بېشىمىزغا چۈشكەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز. ئېنىقراق ئوي-پىكىر يۈرگۈزەلەيمىز ۋە ياخشىراق قارارلارنى چىقىرالايمىز (ياقۇپ 3:13). مۇقەددەس كىتابنى بىلىش قانچىلىك مۇھىم!
13. خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىنى نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك؟
13 بەزىدە نېمىدىن نېرى بولىدىغانلىقىمىزنى پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا چۈشىنىمىز. بىراق، ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن ئۆگىنىش قىيىن بىر ئۇسۇل. شۇنداقتىمۇ، دانالىققا ئېرىشىشنىڭ بىر ياخشى يولى — باشقىلارنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىش. شۇڭا، ياقۇپ بىزنى ئىبراھىم، راھاب، ئايۇپ ۋە ئىلياسنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (ياقۇپ 2:21—26؛ 5:10، 11، 17، 18). يەھۋانىڭ بۇ سادىق خىزمەتچىلىرى ئۇلارنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكى، بىزنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
14، 15. نېمە ئۈچۈن بىز گۇمانلىرىمىزنى يوققا چىقىرىشىمىز كېرەك؟
14 قىيىنچىلىق: گۇمانلار پەيدا بولغاندا. بەزىدە خۇدانىڭ سۆزىدىكى بىر نەرسىنى چۈشىنىش قىيىن بولۇشى ياكى يەھۋا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا بىز كۈتكەندەك جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەر گۇمان تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر گۇمانلىرىمىزغا سەل قارىساق، ئۇلار بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدۇ (ياقۇپ 1:7، 8). گۇمانلار تۈپەيلى، بىز ھەتتا كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن.
15 ئەلچى پاۋلۇس كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزنى لەڭگەرگە ئوخشاتقان (ئىبرانىي. 6:19). لەڭگەر كېمىنىڭ بوران-چاپقۇندا بىر يەردە تۇرۇشىغا ۋە تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىگە ياردەم بېرىدۇ. لەڭگەرنىڭ كېمىگە باغلانغان زەنجىرى ئۈزۈلمىگەن چاغدىلا ياردەم بېرىدۇ. لەڭگەر زەنجىرىنى دات چىرىتىپ ئاجىزلاشتۇرغاندەك، گۇمانلارمۇ ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بېشىمىزغا قىيىنچىلىقلار چۈشكەندە، خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر ئىشەنچىمىزدىن ئايرىلساق، ئۈمىدىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. ياقۇپ ئېيتقاندەك: «گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز شامىلىدا ئۇرۇلۇپ، چايقالغان دولقۇنغا ئوخشايدۇ» (ياقۇپ 1:6). شۇنداق ئەھۋالغا چۈشكەن ئادەم ھېچقاچان خۇشال بولمايدۇ!
16. گۇمانلار پەيدا بولغاندا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
16 ھەل قىلىش: گۇمانلىرىڭىزنى يوق قىلىڭ، ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ. دەرھال ھەرىكەت قىلىڭ. ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا يەھۋانىڭ خەلقى ئىككىلەنگەن. ئىلياس ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «قاچانغىچە ئىككى تەرەپكە تەلمۈرۈپ تۇرىسىلەر؟ ئەگەر ھەق خۇدا يەھۋا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» (1-پادىشاھ. 18:21). بۈگۈنمۇ بىز دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. مۇنۇلارنى، يەنى يەھۋا ئۇ ھەق خۇدا، مۇقەددەس كىتاب ئۇنىڭ سۆزى ۋە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇنىڭ خەلقى دېگەنلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى ئىزدىنىشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 5:21). بۇنىڭ ھەممىسى گۇمانلىرىمىزنى يوق قىلىدۇ ۋە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. گۇمانلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج بولساق، ئاقساقاللار بىلەن سۆھبەتلەشسەك بولىدۇ. داۋاملىق خۇشال-خۇرام يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
17. جاسارەتنى يوقاتساق نېمە بولىدۇ؟
17 قىيىنچىلىق: ئۈمىدسىزلىنىش. خۇدا سۆزىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، ئاجىزلىشار كۈچۈڭ» (پەند. نە 24:10). بەزى تەرجىمىلەردە ئۈمىدسىزلىنىش دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىي سۆزى «جاسارەتسىز بولۇش» ياكى «جاسارەتنى يوقىتىش» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر جاسارەتنى يوقاتسىڭىز، تېزلا خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولىسىز.
18. بەرداشلىق بېرىش دېگەن ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
18 ھەل قىلىش: جاسارەت بېرىدىغان يەھۋاغا تايىنىڭ. ئەگەر بىز سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشنى خالىساق، بىزگە جاسارەت كېرەك (ياقۇپ 5:11). ياقۇپنىڭ بەرداشلىق بېرىش دېگەن ئىبارىنى قوللىنىشى بىرسىنىڭ بىر يەردە مەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ. بىر ئەسكەرنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: ھەتتا ئۇنىڭ دۈشمىنى ئۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلسىمۇ، ئۇ ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرۇپ، ئارقىغا چېكىنىشنى خالىمايدۇ.
19. ئەلچى پاۋلۇس بىزگە قانداق ئۈلگە كۆرسەتكەن؟
19 پاۋلۇس بەرداشلىق بېرىش ۋە جاسارەتلىك بولۇشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان. ئۇ ھەممىگە چىدىغان، چۈنكى ئۇ كېرەكلىك كۈچنى بەرگەن يەھۋاغا تايانغان (2-كورىنت. 12:8—10؛ فىلىپى. 4:13). ئەگەر بىز كىچىك پېئىللىق بىلەن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەنسەك، بىز شۇنداق كۈچ بىلەن جاسارەتكە ئېرىشەلەيمىز.—ياقۇپ 4:10.
خۇداغا يېقىنلىشىڭ ۋە خۇشاللىقىڭىزنى ساقلاڭ
20، 21. نېمىگە بىز ئىشەنچ قىلالايمىز؟
20 بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلار خۇدادىن ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. ياقۇپ بىزنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ: « «سىناققا دۇچ كەلگەندە، ھېچكىم: «مېنى خۇدا سىناۋاتىدۇ»،— دېمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ھېچكىمنى يامانلىق بىلەن سىنىمايدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى يامانلىق بىلەن سىنىيالمايدۇ» (ياقۇپ 1:13). بۇنىڭغا كۆزۈمىز يەتكەندە، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنراق بولىمىز.—ياقۇپ 4:8.
21 يەھۋا ئۆزگەرمەيدىغان خۇدادۇر (ياقۇپ 1:17). ئۇ بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى سىناقلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. دانالىق، ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇئادا يەھۋادىن يالۋۇرۇپ سوراڭ. ئۇ سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزغا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلاردا خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ!
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا
a ياقۇپ كىتابىدا سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار. بۇ ماقالىدە، ياقۇپ يازغان بىرنەچچە مەسلىھەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ مەسلىھەتلەر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، خۇشاللىقنى يوقاتماي داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
b سۈرەتتە: بىر بۇرادەر ئۆز ئۆيىدە قولغا ئېلىندى. كۈزەتچىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتىپ بارغاندا، ئايالى بىلەن قىزى قاراپ تۇرىۋاتىدۇ. يولدىشى تۈرمىدە ئولتۇرۇۋاتقاندا باشقا ئېتىقادداشلار ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئانىسى ۋە قىزى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن يەھۋادىن پات-پات كۈچ سوراۋاتىدۇ. خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە جاسارەت بېرىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، خۇشاللىق بىلەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ.