5-تەتقىق ماقالىسى
«ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر»
«ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر».—1-كورىنت. 11:3.
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
بۇ ماقالىدە a
1. ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلىشىغا نېمە تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
«باشچىلىق» سىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بەزى ئەرلەر ئايالى ۋە بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە كېلىپ چىقىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان يانىتا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا ئاياللار ئەر كىشىلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا خۇددى قۇللارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دېگەن ئۆرپ-ئادەت سىڭىپ كەتكەن»،— دەيدۇ. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ليۇك ئىسىملىك بۇرادەر: «بەزى ئاتىلار ئۆز ئوغۇللىرىغا ئايال كىشىنىڭ پىكىرى مۇھىم ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق گېپىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ ئۆگىتىدۇ»،— دەيدۇ. لېكىن، يەھۋا ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىمايدۇ (ماركۇس 7:13-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئۇنداقتا، ئەر كىشى ياخشى ئائىلە بېشى بولۇشنى قانداق ئۆگىنەلەيدۇ؟
2. ئائىلە بېشى نېمىنى بىلىشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
2 ئەر كىشى ياخشى ئائىلە بېشى بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال يەھۋا ئۇنىڭدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇ نېمە ئۈچۈن يەھۋا بەزى كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم. ئەر كىشىنىڭ بۇنى بىلىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە بەك مۇھىم؟ چۈنكى، يەھۋا ئائىلە بېشىغا مەلۇم دەرىجىدە چەك قويۇلغان ھوقۇقنى بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى توغرا ئىشلىتىشىنى كۈتمەكتە.—لۇقا 12:48.
ياراتقۇچى يەھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى ئائىلىسىنى قانداق تەشكىللىگەن؟
3. 1-كورىنتلىقلار 11:3-ئايەتتىن، باشچىلىق پرىنسىپى ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
3 1-كورىنتلىقلار 11:3-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتە، يەھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى ئائىلىسىنى قانداق تەشكىللىگەنلىكى يېزىلغان. باشچىلىق ئىككى مۇھىم نەرسىدىن، يەنى ھوقۇق ۋە جاۋابكارلىقتىن ئىبارەت. يەھۋا ئۇ بارلىق ھوقۇقدارنىڭ «بېشى» ياكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە بالىلىرى، يەنى پەرىشتىلەرمۇ، ئىنسانلارمۇ ھېساب بېرىدۇ (رىملىقلار 14:10؛ ئەفەس. 3:14، 15). يەھۋا جامائەتنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەيساغا بەرگەن. ئەمما، ئەيسا بىزگە قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ (1-كورىنت. 15:27). يەھۋا ئەر كىشىگە ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن، ئەمما ئۇ ئائىلىسىگە قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ.—1-پېتر. 3:7.
4. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ قانداق ھوقۇققا ئىگە؟
4 يەھۋا ئاسماندىكى ۋە يەردىكى ئائىلىسىنىڭ بېشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىغا قانۇنلارنى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقى بار ھەم ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ (يەشايا 33:22). جامائەتنىڭ بېشى سۈپىتىدە ئەيسانىڭمۇ قائىدە-قانۇنلارنى ئورنىتىش ھوقۇقى بار ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىدۇ.—گالاتىيا. 6:2؛ كولوسى. 1:18—20.
5. ئائىلە بېشى قانداق ھوقۇققا ئىگە ۋە ئۇنىڭغا قانداق چەك قويۇلغان؟
5 يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسى ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە (رىملىقلار 7:2؛ ئەفەس. 6:4). ئەمما، ئۇنىڭ ھوقۇقى چەكلىك. مەسىلەن، ئۇنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى خۇدا سۆزىدىكى پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىشى كېرەك (پەند. نە 3:5، 6). ئائىلە بېشىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈنلا قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ھوقۇقى بار (رىملىقلار 14:4). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ بولۇپ ئۆيىدىن كېتىپ قالغاندا، ئائىلە بېشىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار داۋاملىق ئائىلە بېشىنى ھۆرمەتلەيدۇ.—مەتتا 19:5.
يەھۋا نېمە ئۈچۈن باشچىلىقنى ئورۇنلاشتۇرغان؟
6. يەھۋا نېمە ئۈچۈن باشچىلىقنى ئورۇنلاشتۇرغان؟
6 يەھۋا ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرگەچ، باشچىلىقنى ئورناتقان. بۇ ئۇنىڭ سوۋغىتى. يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىق پرىنسىپى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرتىپ ئىچىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ (1-كورىنت. 14:33، 40). ئەگەر ئائىلىدە باشچىلىق قىلىدىغان ھوقۇقدار شەخس بولمىغان بولسا، يەھۋانىڭ ئائىلىسى تەرتىپسىز ۋە بەختسىز بولاتتى. مەسىلەن، كىم ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە كىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەي قالاتتى.
7. ئەفەسلىكلەر 5:25، 28-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا ئەر كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ؟
7 ئەگەر خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىق شۇنچە ياخشى بولغان بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مۇئامىلىسىنى رەھىمسىز ۋە ئۆزلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ؟ چۈنكى كۆپلىگەن ئەر كىشىلەر يەھۋانىڭ ئائىلىگە بولغان ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى رەت قىلىپ، يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىشنى تاللايدۇ. شەخسىيەتچى ئەر كىشى ئۆز خاھىشلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئايالىنى خورلايدۇ. مەسىلەن، ئەر كىشى ئۆزىنى ئايالىدىن يۇقىرى قويۇش ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشقا ياكى باشقىلارغا «يېرىم خۇدا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇ، ئايالىمنى مېنى ياخشى كۆرۈشكە كۆندۈرەلمىسەممۇ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى موجۇۋالالايمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئايالىنىڭ ماڭغان-تۇرغىنىنى تەكشۈرۈپ كونترول قىلىدۇ b. ئەر كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئوي-پىكىر قىلىش تەرزى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتوغرا. ئۇلار ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلمىشلىرى يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىگە تامامەن زىت.—ئەفەسلىكلەر 5:25، 28-نى ئوقۇڭ.
ياخشى ئائىلە بېشى بولۇشنى قانداق ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
8. ئەر ياخشى ئائىلە بېشى بولۇشنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟
8 ئەر كىشى يەھۋا ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشچىلىق قىلىشىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ياخشى ئائىلە بېشى بولالايدۇ. يەھۋا ئاتىمىز ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ پەقەت ئىككى ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئائىلە بېشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا قارىتا بۇ ئىككى پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلايلى.
9. يەھۋا خۇدا كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
9 كەمتەرلىك. يەھۋا پۈتۈن كائىناتتىكى ئەڭ دانا شەخستۇر. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوي-پىكىرىگە قۇلاق سالىدۇ (يارىت. 18:23، 24، 32). ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا بولغان خىزمەتچىلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى قوبۇل قىلىدۇ (1-پادىشاھ. 22:19—22). يەھۋا مۇكەممەل خۇدا ، بىراق ئۇ بىز قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 113:6، 7). ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا «ياردەمچىمدۇر» دەپ تەسۋىرلەنگەن (زەبۇر 27:9؛ ئىبرانىي. 13:6). داۋۇت پادىشاھ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئۇلۇغ ئىشنى يەھۋا كەمتەر بولغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قىلالىدىم، دەپ ئېتىراپ قىلغان.—2-سام. 22:36.
10. ئەيسا كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتكەن؟
10 ئەيسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئۇستازى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيغان. يەھۋا خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابقا مۇشۇ ۋەقەنى يازدۇرۇپ ساقلاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا بولۇپمۇ ئائىلە بېشى بولغۇچىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئېنىق مىسالنى بەرگەن. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سىلەرگە قىلغىنىمنى سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئۈلگە كۆرسەتتىم» (يۇھاننا 13:12—17). ئەيسا زور ھوقۇققا ئىگە بولسىمۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ، دەپ كۈتمىگەن. ئەكسىنچە، ئۇ ئۆزى باشقىلارغا خىزمەت قىلغان.—مەتتا 20:28.
11. ئائىلە بېشى يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ قالدۇرغان كەمتەرلىك ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
11 بىز ئۈچۈن ساۋاق. ئائىلە بېشى كەمتەرلىكنى نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىدىن مۇكەممەللىكنى كۈتمەيدۇ. ئۇ ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوي-پىكىرى بىلەن كېلىشمىسىمۇ، ئۇلارنى تىڭشايدۇ. ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارلى مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە ھەمراھىم ئىككىمىزنىڭ ئوي-پىكىرىمىز ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن ھەمراھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال، مېنىڭ ئوي-پىكىرىمنى سوراپ پۇختا ئويلىغاندا، مەن ئۇنىڭ مېنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن». ئۇنىڭدىن باشقا، كەمتەر ئەر، ھەتتا ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۆي ئىشلىرى ئاياللارنىڭ ئىشى دەپ قارالسىمۇ، بۇ ئىشنى قىلىشقا تەييار. بۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ رېيچېل ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىغا قاچا-قومۇچلارنى يۇيۇشقا ياكى ئۆينى بېسىقتۇرۇشقا ياردەم بەرسە، ئۇنىڭ قوشنىلىرى ۋە تۇغقانلىرى «سەن نېمە ئەركەك ئەمەسمۇ؟»— دەپ سورىشى مۇمكىن. ئۇلار خوتۇنىنى باشقۇرالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ». ئەگەر سىز ياشاۋاتقان يۇرتتا شۇنداق كۆز قاراش كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەيسانىڭ يۇرتىدا ئادەملەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇش قۇللار قىلىدىغان ئىشى دەپ قارالسىمۇ، ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيغان. ياخشى ئائىلە بېشى يۇرت خەلقى نېمە دەيدۇ دەپ ئويلىماي، ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بەختىنى ئويلايدۇ. ياخشى ئائىلە بېشىغا كەمتەرلىكتىن باشقا يەنە قانداق پەزىلەت كېرەك؟
12. يەھۋا ۋە ئەيسانى مېھىر-مۇھەببەت نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
12 مېھىر-مۇھەببەت. يەھۋا نېمىلا قىلسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئۇنى مېھىر-مۇھەببەت دەۋەت قىلىدۇ (1-يۇھاننا 4:7، 8). ئۇ سۆزى ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق بىزنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ. يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزچۇ؟ خۇدا «ھەممە نەرسىنى سېخىيلىق بىلەن» بېرىدۇ (1-تىموت. 6:17). خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇ بىزنى تۈزىتىدۇ، لېكىن سۆيۈشنى توختاتمايدۇ. ئۇ بىزنى ياخشى كۆرگەچكە، تۆلەمنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەيسا بولسا، بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچكە، ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان (يۇھاننا 3:16؛ 15:13). سادىق خىزمەتچىلىرىنى ھېچنېمە يەھۋا خۇدا ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.—يۇھاننا 13:1؛ رىملىقلار 8:35، 38، 39.
13. ئائىلە بېشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (« يېڭىدىن ئۆيلەنگەن ئەر كىشى ئايالىغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدۇ؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
13 بىز ئۈچۈن ساۋاق. ئائىلە بېشىنى ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشقا مېھىر-مۇھەببەت دەۋەت قىلىشى كېرەك. بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ ئەلچى يۇھاننا: «كۆرۈپ تۇرغان قېرىندىشىنى سۆيمىگەن كىشى، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيەلىسۇن؟»— دەپ جاۋاب بەرگەن (1-يۇھاننا 4:11، 20). ناھايىتى ئېنىقكى، ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە يەھۋا ۋە ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايدىغان ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە ماددىي تەرەپتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ (1-تىموت. 5:8). ئۇ بالىلىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ. يەنە ئۇ داۋاملىق يەھۋانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە ئۆز ئائىلىسىگە پايدىلىق بولغان قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنىدۇ. ھازىر مۇشۇ تەلەپلەرنى بىر-بىرلەپ مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە ئائىلە بېشى يەھۋا خۇدانى ۋە مەسىھ ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئائىلە بېشى نېمە قىلىشى زۆرۈر؟
14. ئائىلە بېشى ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائەتلەندۈرىدۇ؟
14 ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدا بولغانلارنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرگەن (مەتتا 5:3، 6؛ ماركۇس 6:34). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئائىلە بېشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى — ئائىلىسىنىڭ خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىش (تەكرار. قا 6:6—9). ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىشىغا، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا، خۇش خەۋەرنى ئېيتىشىغا ۋە يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇقنى ساقلاپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
15. ئائىلە بېشى ئائىلىسىنىڭ ھېس-تۇيغۇ تەرەپتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائەتلەندۈرەلەيدۇ؟
15 ئائىلىسىنىڭ ھېس-تۇيغۇ تەرەپتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش. يەھۋا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيسانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 3:17). ئەيسامۇ شاگىرتلىرىغا گەپ-سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پات-پات مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. شاگىرتلىرى بولسا، ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:9، 12، 13؛ 21:16). ئائىلە بېشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىش-ھەرىكەتلىرى، مەسىلەن، ئۇلار بىلەن بىللە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيدۇ. يەنە ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىشى لازىم. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئورۇنلۇق بولسا، ئۇلارنى ماختىشى كېرەك.—پەند. نە 31:28، 29.
16. ئائىلە بېشى يەنە نېمە قىلىشى كېرەك ۋە تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟
16 ئائىلـىسىنىڭ مـاددىي تـەرەپتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش. يەھۋا ئىسرائىللارنى، ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن جازالىغان چاغلاردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرگەن (تەكرار. قا 2:7؛ 29:5). بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدا بىزنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرىدۇ (مەتتا 6:31—33؛ 7:11). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەنلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغان ئىدى (مەتتا 14:17—20). ئۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەن (مەتتا 4:24). ئائىلە بېشى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى كېرەك. بىراق، ئۇ تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇشى لازىم. ئۇ ئائىلىسىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشقا بېشى بىلەن كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، ئائىلىسىنىڭ روھىي ۋە ھېس-تۇيغۇ تەرەپتىكى ئېھتىياجلىرىنى مۇۋاپىق تۈردە قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ.
17. يەھۋا ۋە ئەيسا بىزگە تەلىم-تەربىيە بېرىشتە قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
17 تەلىم-تەربىيە بېرىش. يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىشنى خالىغاچقا، تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ (ئىبرانىي. 12:7—9). ئەيسا ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەلىم بېرىدۇ (يۇھاننا 15:14، 15). ئۇ نەسىھەت بەرسىمۇ، لېكىن مېھرىبانلىق بىلەن بېرىدۇ (مەتتا 20:24—28). ئۇ بىزنىڭ نامۇكەممەلىكىمىزنى ۋە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە مايىل ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىدۇ.—مەتتا 26:41.
18. ياخشى ئائىلە بېشى نېمىلەرنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك؟
18 يەھۋا ۋە ئەيسانى ئۈلگە قىلىدىغان ئائىلە بېشى ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ نامۇكەممەللىكىنى ئەستە تۇتىدۇ. ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىغا «قوپال» مۇئامىلە قىلمايدۇ (كولوسى. 3:19). بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ گالاتىيالىقلار 6:1-ئايەتتە يېزىلغان پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇلارنى «مۇلايىملىق» بىلەن تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەيساغا ئوخشاش، ئۇ تەلىم-تەربىيە بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىدۇ.—1-پېتر. 2:21.
19، 20. قارار قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئائىلە بېشى يەھۋا ۋە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
19 غەرەزسىز قارار قىلىش. يەھۋا باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قارارلارنى قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ھاياتلىقنى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولسۇن، دەپ ئەمەس، بىزنىڭ ھاياتتىن ھوزۇر ئېلىپ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىمىز ئۈچۈن ياراتقان. ھېچكىم گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇدانى ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىققا بېرىشكە مەجبۇرلىمىغان. ئۇ ئۆزى بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن مۇشۇ قۇربانلىقنى بېرىشنى خالىغان (رىملىقلار 15:3). ئەيسامۇ باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قارارلارنى قىلغان. مەسىلەن، ئەيسا قاتتىق ھېرىپ كەتسىمۇ، دەم ئالماي بىر توپ ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن.—ماركۇس 6:31—34.
20 ياخشى ئائىلە بېشى ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى دانا قارار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ ۋەزىپىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئۇ پەقەت ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار چىقىرىشتىن نېرى تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ يەھۋانىڭ ئۇنى ئۆگىتىشىگە يول قويىدۇ (پەند. نە 2:6، 7). شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ.—فىلىپى. 2:4.
21. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
21 يەھۋا ئائىلە بېشى بولغۇچىلارغا قىيىن بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇلارنى بۇنى قانداق ئورۇنلىغانلىقى ئۈچۈن ھېساب-كىتابقا تارتىدۇ. بىراق، ئەگەر ئەر يەھۋا خۇدا ۋە مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشسا، ياخشى ئائىلە بېشى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئايالى ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىسا، ئۇلارنىڭ نىكاھلىق تۇرمۇشى بەختلىك بولىدۇ. ئايال كىشى باشچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك ۋە ئۇ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە، بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز.
14-ناخشا خۇدا ھەممىنى يېڭىلايدۇ
a ئەر كىشى ئۆيلەنگەندە، ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشى بولىدۇ. بۇ ماقالىدە، باشچىلىق دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، يەھۋا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ئەر كىشى خۇدا بىلەن ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئىككىنچىسىدە، ئەر-ئايال ئەيسادىن ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللاردىن قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۈچىنچى ماقالىدە بولسا، بۇرادەرلەر جامائەتتىكى ھوقۇقىنى قانداق قوللىنىشى كېرەك، دېگەننى مۇلاھىزە قىلىمىز.
b ئېرىنىڭ ئايالىغا بولغان رەھىمسىز مۇئامىلىسى، ھەتتا ئۇنى ئۇرۇپ-سوقۇشقا بولىدۇ، دېگەن ئوي-پىكىرى كىنولاردا، مەشرەپلەردە ۋە كۈلكە-چاقچاقلاردا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق ئوي-پىكىر كەڭ تارقالغاچ، ئادەملەر ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى توغرا، دەپ ئويلىشى مۇمكىن.