10-تەتقىق ماقالىسى
بىز ھەممىمىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز
«ھەربىر ئەزا … پۈتۈن بەدەننىڭ … ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەسسە قوشىدۇ».—ئەفەس. 4:16.
21-ناخشا رەھىمدىل بولغان بەختلىك
بۇ ماقالىدە a
1، 2. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە كىملەر ياردەم بېرەلەيدۇ؟
فىجىدا ياشايدىغان ئېيمى ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمنى ياخشى كۆردۈم. ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىراق، قېرىنداشلار بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىنلا، كېرەكلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم». ئېيمىنىڭ تەجرىبىسى مۇھىم بىر ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن: مۇقەددەس كىتاب ئوقۇغۇچىسى جامائەتتىكىلەرنىڭ ياردىمىنى ئالغاندا، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى مۇمكىن.
2 جامائەتنىڭ ئۆسۈشىگە ھەر بىر ۋەز ئېيتقۇچى ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدۇ (ئەفەس. 4:16). ۋانۇئاتۇدا ياشايدىغان لېيلانى ئىسمىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «بالىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن يېزا ئادەملىرىنىڭ ياردىمى كېرەك، دېگەن ماقال بار. شاگىرت تەييارلاش ئىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئادەتتە بىرسىنىڭ ھەقىقەتكە كېلىشىگە پۈتۈن جامائەت ياردەم بېرىدۇ». بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىشىگە ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى ۋە مۇئەللىملىرى ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ. ئۇلار بالىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇھىم تەلىم-تەربىيە بېرىش ئارقىلىق شۇ مەقسەتكە يېتەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، قېرىنداشلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە مەسلىھەت بېرىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.—پەند. نە 15:22.
3. ئاننا، دورىن ۋە لېيلانى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
3 نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋەز ئېيتقۇچى باشقا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؟ مولداۋىيىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاننا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلايلى: «بىر ۋەز ئېيتقۇچى ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ، ھەممە ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش بەكمۇ قىيىن». شۇ دۆلەتتە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دورىن ئىسىملىك قېرىنداش: «ئادەتتە باشقا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ مەن ھېچقاچان ئويلىمىغان سۆزلىرى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن»،— دەپ ئېيتقان. لېيلانى يەنە بىر سەۋەبنى ئېيتىدۇ: «قېرىنداشلارنىڭ ئۆگەنگۈچىگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى يەھۋا خۇدانىڭ خەلقى كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ».—يۇھاننا 13:35.
4. بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بىراق، سىز ئۆزىڭىزدىن: «مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزمىسەم، ئۆگەنگۈچىگە شەخسەن قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟»— دەپ سورايدىغانسىز. كېلىڭلار، ئەگەر بىرسى بىزنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە چاقىرسا ۋە ئۆگەنگۈچى جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى باشلىسا، بىز نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
باشقا ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغاندا
5. سىزنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە چاقىرسا، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
5 ئادەتتە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىدە، ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ خۇدا سۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشتە ئۆگەتكۈچى قېرىنداش جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۆگەتكۈچى سىزنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە چاقىرسا، ئۆزىڭىزنى ياردەم بەرگۈچى دەپ قارىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش (ۋەز 4:9، 10). سىز بارغان مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن قانداق ھەسسە قوشالايسىز؟
6. ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغاندا، سىز پەندى-نەسىھەت 20:18-ئايەتتىكى پرىنسىپنى قانداق قوللىنالايسىز؟
6 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە تەييارلىق قىلىڭ. ئاۋۋال ئۆگەتكۈچىدىن ئۆگەنگۈچى توغرۇلۇق ئازراق ئېيتىپ بېرىشنى سوراڭ (پەندى-نەسىھەت 20:18-نى ئوقۇڭ). سىز ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىشىڭىز مۇمكىن: «مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق؟ قايسى ماۋزۇنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ ئۆگەنگۈچىنىڭ نېمىنى چۈشىنىشىنى خالايسىز؟ ئۆگىنىشتە نېمە ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق، قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرەك؟ ئۆگەنگۈچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟» ئېنىقكى، ئۆگەتكۈچى ئۆگەنگۈچىنىڭ سىرلىرىنى ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇ ئېيتقان نەرسىلەر پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. جوي ئىسىملىك مىسسىئونېر ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغان قېرىنداشلارغا شۇ كىشى توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق مەلۇمات شېرىكىمنىڭ ئۆگەنگۈچىگە قىزىقىش كۆرسىتىپ، ئۆگىنىشتە ئۇ قانداق ھەسسىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى بىلىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ».
7. بىرسىنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتناشسىڭىز، نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشكە ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك؟
7 ئەگەر بىرسى سىزنى ئۆگىنىشكە چاقىرسا، مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ماۋزۇنى تەييارلىق قىلسىڭىز ياخشى بولىدۇ (ئەزرا 7:10). دورىن ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر شېرىكىم ئۆگىنىشكە ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلسا، مەن بۇنى بەك قەدىرلەيمەن. شۇ چاغدا، ئۇ ئۆگىنىشتە پايدىلىق ئوي-پىكىرلەرنى ئېيتالايدۇ». بۇنىڭدىن باشقا، ئۆگەنگۈچى بىزنىڭ ئۆگىنىشكە تەييارلىق قىلىپ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرگەندە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولىدۇ. ئەگەر ئۆگىنىشكە پۇختا تەييارلىق قىلالمىسىڭىزمۇ، ئاساسىي ئوي-پىكىرلەرنى تېپىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت چىقارسىڭىز ياخشى بولىدۇ.
8. مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ۋاقتىدا، دۇئايىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقىغا قانداق كۆز يەتكۈزەلەيسىز؟
8 دۇئا قىلىش — مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئەگەر ئۆگەتكۈچى سىزدىن دۇئا قىلىشنى سورىسا، نېمە ئېيتىش ھەققىدە ئالدىن-ئالا ئويلاپ كۆرۈڭ. شۇ چاغدا، دۇئايىڭىز ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن (زەبۇر 141:2). ياپونىيەدە ياشايدىغان خانائې ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئۇنىڭ ئۆگەتكۈچىسى بىلەن كەلگەن قېرىنداشنىڭ دۇئالىرىنى بۇ كەمگىچە ئېسىدە ساقلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى بەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بولغۇم كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ دۇئادا مېنىڭ ئىسىمىمنى تىلغا ئالغاندا، مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈلگەندەك ھېس قىلدىم».
9. ياقۇپ 1:19-ئايەتكە ئاساسەن، ئۆگىنىشتە ياخشى شېرىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
9 ئۆگىنىشتە ئۆگەتكۈچىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ. نىگېرىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئومامۇۋوۋبى ئىسىملىك مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى شېرىك ئۆگىنىش ۋاقتىدا زەن قويۇپ تىڭشايدۇ. ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئۆگەتكۈچى يېتەكچىلىكنى ئۆز بوينىغا ئالىدۇ، شېرىك بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئارتۇق سۆز قىلماي ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ». شۇڭا، سىزگە قاچان ۋە نېمە ئېيتىش كېرەك؟ (پەند. نە 25:11) ئۆگەتكۈچى ئۆگەنگۈچى بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەي، دىققەت قويۇپ تىڭشاڭ (ياقۇپ 1:19-نى ئوقۇڭ). شۇ چاغدىلا سىز ياخشى شېرىك بولۇپ ياردەم بېرەلەيسىز. بىر نەرسە ئېيتىشتىن ئاۋۋال ئويلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، كۆپ سۆزلەشنى، ئۆگەتكۈچىنىڭ سۆزىنى بۆلۈشنى ياكى باشقا مەزمۇنغا ئۆتۈشنى خالىمايسىز. ئەمما، ئورۇنلۇق ئوي-پىكىر، رەسىم ۋە سوئال ئارقىلىق مەزمۇننى ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيسىز. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنى ئۆگىنىشكە كۆپ ھەسسە قوشالمايدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئۆگەنگۈچىنى ماختىسىڭىز، ئۇنىڭغا شەخسىي قىزىقىش كۆرسەتسىڭىز، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە كۆپ ياردەم بېرەلەيسىز.
10. كەچۈرمىشلىرىڭىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىز توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىڭ. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، سىز ئۆگەنگۈچىگە ھەقىقەتكە قانداق كەلگەنلىكىڭىزنى، قىيىنچىلىقلارنى قانداق باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ۋە ھاياتىڭىزدا يەھۋا خۇدانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ (زەبۇر 78:4، 7). سىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭىز، دەل ئۇنىڭ ئاڭلىشى كېرەك بولغان نەرسە بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، بۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشى ياكى ئۇنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدۇ ۋە ياكى كەچۈرمىشلىرىڭىز ئۇنىڭغا دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلارنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (1-پېتر. 5:9). برازىلىيىدە ياشاۋاتقان گابرىئېل ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشتىن قانداق پايدا ئالغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قېرىنداشلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندا، يەھۋانىڭ بىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئەگەر قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن بولسا، مەنمۇ شۇنداق قىلالايمەن».
ئۆگەنگۈچى جامائەتكە كەلگەندە
11، 12. نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلارغا كېلىۋاتقان ئۆگەنگۈچىنى قىزغىن قارشى ئېلىشىمىز كېرەك؟
11 ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئۇ دائىم جامائەت يىغىلىشلىرىغا كېلىپ، ئۇلاردىن پايدا ئېلىشى كېرەك (ئىبرانىي. 10:24، 25). ئادەتتە ئۆگەتكۈچى ئۇنى بىرىنچى قېتىم يىغىلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ ئىبادەتكە قاتنىشىشقا باشلىغاندا، ھەممىمىز ئۇنى داۋاملىق كېلىشكە دەۋەت قىلالايمىز. بۇنى قانداق قىلساق بولىدۇ؟
12 ئۆگەنگۈچىنى قىزغىن قارشى ئېلىڭ (رىملىقلار 15:7). ئەگەر ئۆگەنگۈچىنى قىزغىن قارشى ئالساق، ئۇ ئىبادەتكە قاتنىشىشقا كېلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. ئۇنى خىجالەتتە قالدۇرماي، ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ، باشقىلار بىلەن تونۇشتۇرۇڭ. ئۇنىڭغا باشقا بىرسى غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنى ئۆگىتىۋاتقان ۋەز ئېيتقۇچى يىغىلىشقا كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۆگەنگۈچىنىڭ ئېيتقانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ ۋە ئۇنىڭغا شەخسىي قىزىقىشنى كۆرسىتىڭ. سىزنىڭ ئۇنى ئىللىق قارشى ئېلىشىڭىز ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟ بىرنەچچە يىل بۇرۇن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ۋە ھازىر خىزمەت ياردەمچىسى ۋەزىپىسىنى قىلىۋاتقان دىمىترىي ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. بىرىنچى قېتىم يىغىلىشقا كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر بۇرادەر مېنىڭ ئىبادەت زالى ئالدىدا ئەنسىرەپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن مېنى ئىبادەت ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. نۇرغۇنلىرى ئالدىمغا سالاملىشىش ئۈچۈن چىقتى. مەن ھەيران بولۇپ قالدىم. ماڭا يىغىلىشلار شۇنچىلىك يېقىپ قالدىكى، ھەتتا ھەر كۈنى شۇنداق يىغىلىشلارنىڭ ئۆتۈشىنى خالىدىم. مەن باشقا ھېچ يەردە ھېس قىلمىغان نەرسىنى ھېس قىلدىم».
13. سىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
13 ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىڭ. سىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ (مەتتا 5:16). مولداۋىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋىتالىي ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ مېنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى».
14. سىزنىڭ ئۈلگىڭىز باشقىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇ بىلگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى كېرەك. بۇنى قىلىش ھەردائىم ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئەمما، ئۆگەنگۈچى سىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشتىن قانداق پايدا ئالىدىغانلىقىڭىزنى بايقىغاندا، ئۇ سىزنى ئۈلگە قىلىشنى خالايدۇ (1-كورىنت. 11:1). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خانائېنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە دىققەت قىلايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قېرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، قانداق ئىلھام بېرەلەيدىغانلىقىمنى، كەچۈرۈمچان بولالايدىغانلىقىمنى ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمنى كۆردۈم. ئۇلار باشقىلار توغرۇلۇق ھەرقاچان ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتاتتى. مەن ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشنى خالىدىم».
15. پەندى-نەسىھەت 27:17-ئايەت، جامائەت يىغىلىشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىۋاتقان ئۆگەنگۈچى بىلەن دوست بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 ئۆگەنگۈچى بىلەن دوست بولۇڭ. ئۆگەنگۈچى جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقانسېرى، ئۇنىڭغا داۋاملىق قىزىقىشىڭىزنى كۆرسىتىڭ (فىلىپى. 2:4). ئۇنىڭ بىلەن يېقىنراق تونۇشۇشقا تىرىشىڭ. ئۇنىڭ قىلغان ئۆزگۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئائىلىسى، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ۋە قەيەردە ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىسىڭىز بولىدۇ. بىراق، ئۇنى خىجالەتتە قالدۇرىدىغان سوئاللارنى سورىماڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بىر-بىرىڭلارغا يېقىنراق بولىسىلەر. ئۆگەنگۈچى بىلەن دوست بولسىڭىز، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيسىز (پەندى-نەسىھەت 27:17-نى ئوقۇڭ). خانائې ھازىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ جامائەت يىغىلىشىغا بىرىنچى قېتىم كەلگەن ۋاقتىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن جامائەتتە دوستلارنى تاپقاندا، جامائەت يىغىلىشلىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ھەتتا شۇنچىلىك ھېرىپ كەتسەممۇ، ئۇلارغا باراتتىم. مەن يېڭى دوستلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم ۋە بۇ خۇداغا خىزمەت قىلمايدىغان دوستلار بىلەن ئارىلىشىشنى توختىتىشىمغا ياردەم بەردى. مەن يەھۋا خۇدا ۋە قېرىنداشلىرىمغا تېخىمۇ يېقىنراق بولۇشنى خالىدىم. شۇڭا مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلدىم».
16. ئۆگەنگۈچى جامائەتتە ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىشى ئۈچۈن سىز يەنە نېمە قىلالايسىز؟
16 ئۆگەنگۈچى روھىي جەھەتتىن ئۆسكەنسېرى، ئۇنىڭ ئۆزىنى جامائەتنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ. بۇنى مېھماندوست بولۇش ئارقىلىق قىلالايسىز (ئىبرانىي. 13:2). مولداۋىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دېنىس ئىسىملىك بۇرادەر ئۆگەنگەن ۋاقتىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم ئىككىمىزنى بىرنەچچە قېتىم قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىشقا چاقىردى. بىز يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. شۇ بىزگە ئىلھام بەردى. شۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتۈش بىزنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدى ۋە ئەگەر شۇنداق قىلساق، ئاجايىپ ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا كۆز يەتكۈزۈشىمىزگە ياردەم بەردى». ئۆگەنگۈچى ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندا، ئۇنى ۋەز خىزمەتكە چىقىشقا چاقىرسىڭىز بولىدۇ. برازىلىيىدە ياشايدىغان دىئاگو ئىسىملىك ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن قېرىنداشلار مېنى ۋەز خىزمىتىگە چاقىراتتى. بۇ بولسا، ئۇلار بىلەن يېقىنراق تونۇشۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولغان. شۇنداق قىلىپ، مەن يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ھەققىدە كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلدىم ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىن بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم».
ئاقساقاللار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17. ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17 ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ. ئاقساقاللار، سىلەرنىڭ ئۆگەنگۈچىلەرگە بولغان سەمىمىي قىزىقىشىڭلار، ئۇلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئۇلار بىلەن پات-پات پاراڭلىشىپ تۇرامسىز؟ ئەگەر ئۇلار يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشكە باشلىغاندا، سىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىمىنى ئاتىساڭلار، ئۇلار سەمىمىي كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارنى ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر ۋەز ئېيتقۇچى سىلەرنى ئۆگىنىشكە چاقىرسا، ئۇنىڭ بىلەن بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت تاپالامسىلەر؟ بەلكىم، سىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپرەك ئۇلارغا ياردەم بېرەيسىلەر. نىگېرىيىدە ياشايدىغان جېكى ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «كۆپلىگەن ئۆگەنگۈچىلەر مېنىڭ بىلەن بارغان بۇرادەرنىڭ ئاقساقال ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ھەيران قالغان. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بىر ئەر كىشى مۇنداق دېگەن: ‹بىزنىڭ دىنىي يېتەكچىمىز مېنى ھېچقاچان يوقلاپ كەلمىگەن. ئۇ پەقەت پۇل تۆلىگەن باي كىشىلەرگىلا باراتتى›». مانا ئەمدى بۇ ئۆگەنگۈچى جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارىدىغان بولدى.
18. ئەلچىلەر 20:28-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ئاقساقاللار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى قانداق ئورۇنلىيالايدۇ؟
18 ئۆگەتگۈچىلەرنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ. ئاقساقاللار، سىلەرگە ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ۋەز خىزمەتتە ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتە ماھىر بولۇشىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان (ئەلچىلەر 20:28-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ۋەز ئېيتقۇچى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئۇيالسا، ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشنى سوراڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جېكى مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللار ئۆگەنگۈچىلىرىم ھەققىدە دائىم سوراپ تۇرىدۇ. مەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسەم، ئاقساقاللار ماڭا پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ». ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ (1-سالونىكا. 5:11). جېكى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللار مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مېنىڭ ئەمگىكىمنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مەن خۇشال بولىمەن. بۇنداق سۆزلەر ماڭا ھاۋا ئىسسىق كۈندە ئىچكەن بىر چىنە سوغاق سۇدەك ئىلھام بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىقى ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى ۋە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشتىن تاپقان خۇشاللىقىمنى ئاشۇرىدۇ».—پەند. نە 25:25.
19. ھەممىمىز قانداق خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمىز؟
19 ھەتتا بىرسى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزمىسەكمۇ، بىراق ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. ئۆگىنىشتە كۆپ سۆزلىمەي، ياخشى تەييارلاپ كەلگەن جاۋابلىرىمىز بىلەن ئۆگەتكۈچىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز. ئۆگەنگۈچىلەر ئىبادەتكە قاتنىشىشقا كەلگەندە، بىز ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتەلەيمىز. ئاقساقاللار ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋاقتىنى چىقىرىش، ئۆگەتكۈچىلەرگە بولسا ماختاش سۆزلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئىلھام بېرەلەيدۇ. ھەقىقەتەن، باشقىلارنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىغا ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم قىلالىساق، بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
139-ناخشا ئۇلارنى چىڭ تۇرۇشقا ئۆگەتكىن
a بەلكىم، ھازىر بەزى بىرلىرىمىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزمەيمىز. ئەمما، بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. مۇشۇ ماقالىدە، باشقىلارغا مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.