9-تەتقىق ماقالىسى
10-ناخشا «مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا تەييارمۇسىز؟
«ماڭا قىلغان بارچە ياخشىلىقىغا، قانداق جاۋاب قايتۇراي يەھۋاغا؟». —زەبۇر 116:12.
مەركىزى ئىدىيە
بۇ ماقالە، سىزنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايسىز.
1، 2. كىشى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى نېمىلەرنى قىلىشى لازىم؟
ئۆتكەن بەش يىلدا بىر مىليوندىن كۆپرەك كىشى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى ئەسىردىكى تىموتىيغا ئوخشاش، «بالىلىق چېغىدىن» باشلاپ ھەقىقەتنى ئۆگەنگەن (2-تىموت. 3:14، 15). يەنە بەزىلىرى ياش قورامىغا يەتكەن چوڭلار بولۇپ، ھەتتا ياشانغانلارمۇ ھەقىقەتنى تونۇغان. بىرقانچە يىل ئىلگىرى، ياشانغان بىر ئايال يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ، 97 يېشىدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدى.
2 سىز ھازىر مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتامسىز ياكى كىچىكىڭىزدىن ئاتا-ئانىڭىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىنىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا، سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدىغان مەقسەت! سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، چوقۇم ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىشىڭىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارلىق قىلغاندا، بۇ قەدەمنى بېسىشنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۆزىنى بېغىشلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3. مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋاغا بېغىشلانغانلارنىڭ مىساللىرىنى كەلتۈرۈڭ.
3 مۇقەددەس كىتابتا بېغىشلاش دېگەن سۆز مەلۇم بىر نەرسىنى ئالاھىدە بىر مەقسەت ئۈچۈن، بىر تەرەپكە ئايرىپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمقى ئىسرائىل خەلقى يەھۋاغا بېغىشلانغان ئالاھىدە بىر مىللەت ئىدى. ئەمما، بۇ مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا يەنە ئالاھىدە بىر ئۇسۇلدا بەزى شەخسلەر يەھۋاغا بېغىشلانغان. مەسىلەن، ھارۇننىڭ بېشىغا ئورالغان سەللىنىڭ ئالدىغا «بېغىشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان» پارقىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن قاداق ئېسىلغان. بۇ كىچىك تاختا ئۇنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىسىگە، يەنى باش روھانىيلىققا ئايرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن (لاۋى. 8:9). نەزىر قىلىنغانلارمۇ ئالاھىدە ئۇسۇلدا يەھۋاغا بېغىشلانغان كىشىلەر ئىدى. «نەزىر قىلىنغانلار» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «نەزىر» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ «ئايرىپ قويۇلغان» ياكى «بېغىشلانغان» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. نەزىر قىلىنغانلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن قانۇندىكى ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.—سانلار 6:2–8.
4. (1) ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغىنىڭىزدا، پۈتۈن دىققىتىڭىزنى قايسى ئالاھىدە مەقسەتكە قاراتقان بولىسىز؟ (2) «ئۆزىدىن ۋاز كەچسۇن» دېگەن نېمە؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىسىڭىز، ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشنى خالىغان بولىسىز ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلىنىدۇ. ئۇنداقتا، خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كىمكى مېنىڭ ئارقامدىن ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كەچسۇن» (مەتتا 16:24). گرېك تىلىدىكى «ئۆزىدىن ۋاز كېچىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبارىنى «چوقۇم ئۆز-ئۆزىگە ياق دېيىشى كېرەك» دەپمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. سىز يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغان خىزمەتچى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە زىت كېلىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە ياق دېيىشىڭىز كېرەك (2-كورىنت. 5:14، 15). بۇ «تەننىڭ ئىشلىرى»، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (گالاتىيا. 5:19–21؛ 1-كورىنت. 6:18). بۇنداق چەكلەش ھاياتىڭىزنى قىيىنلاشتۇرامدۇ؟ ئەگەر سىز يەھۋانى سۆيسىڭىز ۋە ئۇنىڭ چەكلەيدىغان قانۇنلىرى سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرى ئېغىر يۈك بولمايدۇ (زەبۇر 119:97؛ يەشايا 48:17، 18). نىكولاس ئىسىملىك بىر بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «سىز يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنى ئەركىنلىكىڭىزنى چەكلەيدىغان تۈرمىنىڭ تۆمۈر بالداقلىرىغا ئوخشاتسىڭىز بولىدۇ ياكى ئۇنى سىزنى شىرلاردىن قوغدايدىغان تۆمۈر قەپەزنىڭ باداقلىرى دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قاراشنى تاللاش ئۆزىڭىزگە باغلىق».
5. (1) يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى قانداق بېغىشلايسىز؟ (2) يەھۋاغا بېغىشلاش بىلەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
5 سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا قانداق بېغىشلايسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر دۇئا قىلىپ، يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ۋەدە قىلىسىز. سىز داۋاملىق «خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن» دېگەن ئەمر بويىچە ياشاشقا ۋەدە قىلىسىز (ماركۇس 12:30). ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش سىز شەخسەن قىلىدىغان ئىش. ئۇنى پەقەت سىز ۋە يەھۋا بىلىدۇ. ئەكسىچە، چۆمۈلدۈرۈلۈش بولسا، كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارا قىلىنىدىغان ئىش. بۇ كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش بىر مۇقەددەس قەسەم بولۇپ، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن شۇ قەسەمگە سادىق ياشاشنى قارار چىقارغاندەك، يەھۋا سىزدىن شۇ قەسىمىڭىزگە سادىق ياشىشىڭىزنى كۈتىدۇ. —ۋەز 5:4، 5.
نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلايسىز؟
6. كىشىنى ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟
6 ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىشىڭىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبى بولسا، سىزنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز. بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت پەقەت ھېس-تۇيغۇغا ئاساسلانمىغان. ئەكسىنچە، «توغرا بىلىم» ۋە «روھىي چۈشەنچىلەر»گە ئاساسلانغان. سىز يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى كۆپرەك تونۇغانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ (كولوسى. 1:9). سىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىسىز. (1) يەھۋا ھەقىقەتەن مەۋجۇت، (2) مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغان، (3) ئۇ ئۆز تەشكىلاتىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
7. ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشتىن ئىلگىرى قانداق قەدەملەرنى تاشلىشىمىز لازىم؟
7 ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلار مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي تەلىماتلارنى بىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشى كېرەك. ئۇلار قولىدىن كېلىشىچە ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا باشقىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (مەتتا 28:19، 20). ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى كۈچەيگەنسېرى، پەقەت ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى كۈچىيىدۇ. سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز؟ ئەگەر سىزدە شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى پەقەت سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىنى ياكى ئاتا-ئانىڭىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىشىم كېرەك دەپ قارىمايسىز ياكى دوستلىرىڭىزغا قاراپ، سىزمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىمايسىز.
8. مىننەتدارلىق ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (زەبۇر 116:12–14)
8 يەھۋانىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئويلىغىنىڭىزدا، سىز تەبىئىيلا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاشنى قارار قىلىسىز (زەبۇر 116:12–14-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتاب يەھۋانى «ھەربىر ياخشى ھەدىيە ۋە ھەربىر مۇكەممەل سوۋغات» بەرگۈچى دەپ تەسۋىرلەيدۇ (ياقۇپ 1:17). ئۇ بەرگەن بارچە ھەدىيەلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات بولسا، ئۆز ئوغلى ئەيسانى تۆلەم ئۈچۈن بېرىشتۇر. ئويلاپ كۆرۈڭ، بۇ تۆلەم ئارقىلىق يەھۋا سىزگە چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇش ۋە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەردى (1-يۇھاننا 4:9، 10، 19). سىزمۇ يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئارقىلىق، ئاشۇ چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە باشقا بارلىق بەرىكەتلىرى ئۈچۈن خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز (تەكرار. قا 16:17؛ 2-كورىنت. 5:15). بۇ توغرۇلۇق «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 46-دەرس 4-ئابزاسىدا يېزىلغان ۋە «خۇداغا بېرەلەيدىغان سوۋغىلىرىڭىز» ناملىق ئۈچ مىنۇتلۇق فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولدىڭىزمۇ؟
9. نېمە ئۈچۈن بىر كىشى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلماسلىقى كېرەك؟
9 بەلكىم، سىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار ئەمەستەك ھېس قىلىۋاتىسىز. يەھۋانىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىڭىزدا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك ياكى ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشىڭىز كېرەك دەپ ئويلايدىغانسىز (كولوسى. 2:6، 7). مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئوخشاش سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلمەيدۇ. ياشلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ياشتا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولالمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. گالاتىيا.—6:4، 5.
10. ئەگەر ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاش ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تېخى تەييار ئەمەستەك ھېس قىلسىڭىز، نېمىلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (« ھەقىقەتتە چوڭ بولغانلار ئۈچۈن مەسلىھەتلەر» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ)
10 ھەتتا سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا تېخى تەييار ئەمەستەك ھېس قىلسىڭىزمۇ، بۇ مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ. ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرىڭىز بولسا، يەھۋادىن بەرىكەت سوراپ، دۇئا قىلىڭ (فىلىپى. 2:13؛ 3:16). ئۇ چوقۇم دۇئايىڭىزنى ئاڭلايدۇ ۋە دۇئايىڭىزغا جەزمەن جاۋاب بېرىدۇ.—1-يۇھاننا 5:14.
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئىككىلىنىپ ئارقىغا سۈرىدۇ؟
11. يەھۋا ئۆزىگە ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 بەزىلەر ئۆزىنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ قەدەمنى بېسىشتىن ئىككىلىنىپ قالىدۇ. بەلكىم، ئۇلار: «ئەگەر مەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، جامائەتتىن چىقىرىلسامچۇ؟»،— دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز شۇنداق ئوي-پىكىردە بولسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋا سىزگە ھەممە ئىشتا ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن توغرا يولدا مېڭىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بېرىدۇ (كولوسى. 1:10). ئۇ يەنە توغرا ئىشلارنى قىلىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگىمۇ شۇنداق ياردەم قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان كۆرسەتكەن (1-كورىنت. 10:13). شۇ سەۋەبتىن، ناھايىتى ئاز كىشىلەر جامائەتتىن چىقىرىلغان. يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
12. ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟
12 ھەربىر مۇكەممەل بولمىغان ئىنسان، خاتا ئىشلارنى قىلىشقا مايىل بولىدۇ (ياقۇپ 1:14). ئەمما ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە، قانداق ھەرىكەت قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قانداق ياشاشنى پەقەت ئۆزىڭىز قارار قىلالايسىز. بۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشتىكى بەزى كىشىلەر ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزىمىز كونترول قىلالمايمىز دېيىشىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرى خاتا. سىز خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنەلەيسىز. ھەتتا بەزىدە شۇنداق ئازدۇرۇلۇشلارغا دۇچ كەلسىڭىز، يامان ئىشنى قىلماسلىقنى تاللىيالايسىز. مەسىلەن، ھەر كۈنى يەھۋاغا دۇئا قىلىش، يەھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش، جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىمىز ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش بىزنى گۇناھلاردىن ساقلايدۇ. مۇشۇ قەدەم باسقۇچلارنى بېسىش ئۆزىنى بېغىشلاش قەسىمىگە سادىق ياشىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ. يەنە شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماڭكى، يەھۋا سىزنىڭ قەسىمىڭىزگە سادىق ياشىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. —گالاتىيا. 5:16.
13. يۈسۈپ بىز ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
13 ئەگەر ئېزىقتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن-ئالا قارار قىلغان بولسىڭىز، يەھۋاغا بەرگەن قەسىمىڭىزگە سادىق ياشاش ئاسانراق بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق قەسىمىگە سادىق ياشىغان نۇرغۇن كىشىلەر تىلغا ئېلىنغان. گەرچە ئۇلار نامۇكەممەل كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلار توغرا ئىش قىلغان. مەسىلەن، پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى قايتا-قايتا ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما، يۈسۈپ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاللىقاچان قارار قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ خوجايىنىڭ ئايالىنى رەت قىلغان ۋە ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىل ئىشنى قىلىپ، خۇداغا قارشى گۇناھ قىلاي؟» (يارىت. 39:8–10) بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ئازدۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلگەن. شۇڭا، ئۇ ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئاسان بولغان.
14. ئېزىقتۇرۇلغاندا گۇناھ سادىر قىلىشنى رەت قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟
14 سىز يۈسۈپكە ئوخشاش قەتئىي ئىرادىلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ ئېزىقتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قارار قىلىڭ. يەھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلارغا دەرھال ياق دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (زەبۇر 97:10؛ 119:165). ھەتتا ئۇلار توغرۇلۇق ئوي-خىيال قىلىشتىنمۇ ئۆزىڭىزنى نېرى تۇتۇڭ. شۇنداق بولغاندا، ئېزىقتۇرۇلغاندا گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايسىز. چۈنكى، سىز نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى بىلىسىز ۋە شۇنداق قىلىشنى ئاللىبۇرۇن قارار قىلىپ بولغان.
15. كىشى ئۆزىنىڭ يەھۋانى ئەستايىدىل ئىزدەۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ (ئىبرانىيلار 11:6)
15 بەلكىم، سىز ھازىر ھەقىقەتنى تاپقانلىقىڭىزنى بىلىسىز ۋە يەھۋاغا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانسىز. ئەمما، ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقاندۇرسىز. ئەگەر شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، پادىشاھ داۋۇتتەك قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يەھۋاغا يالۋۇرۇپ، شۇنداق دېگەن: «ئەي خۇدا مېنى تەكشۈرگىن ۋە كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن؛ مېنى تەكشۈرگىن، مېنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىمنى بىلگىن. كۆڭلۈمدە قانداقتۇ بىر يامان يولغا كىرىپ قالدىممۇ كۆرگىن، مېنى مەڭگۈ ئۆز يولۇڭدا يېتەكلىگىن» (زەبۇر 139:23، 24). سىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ، يەھۋانى ‹ئەستايىدىل ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزنى› كۆرسەتتىڭىز. يەھۋا بۇنداق كىشىلەرنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ.—ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ.
يەھۋاغا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
16، 17. يەھۋا ھەقىقەتتە ئۆسكەن ياشلارنى ئۆزىگە قانداق جەلپ قىلىدۇ؟ (يۇھاننا 6:44)
16 ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەھۋانىڭ جەلپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 6:44-نى ئوقۇڭ). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا ئۆزىگە جەلپ قىلغان ھەربىر ئادەمدە بار ئارتۇقچىلىق تەرەپنى كۆرىدۇ. ئۇ ئاشۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ «ئۆزگىچە مۈلكى» ياكى «قىممەتلىك بايلىقى» دەپ قارايدۇ (تەكرار. قا 7:6). يەھۋا سىزگىمۇ شۇنداق قارايدۇ.
17 بەلكىم، ئاتا-ئانىڭىز سىزگە كىچىكىڭىزدىن ھەقىقەتنى تونۇتۇپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەتكەندۇ. شۇڭا، يەھۋا سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلمىدى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ» (ياقۇپ 4:8؛ 1-تارىخ. 28:9). سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەھۋاغا يېقىنلاشسىڭىز، ئۇ سىزگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ. يەھۋا سىزنىڭ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىڭىزغا قارىمايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە سىز ئالاھىدە. ئۇ ھەربىر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، ھەتتا ھەقىقەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەھۋاغا يېقىنلاشسا، خۇددى ياقۇپ 4:8-ئايەتتە دىققەت قىلغىنىمىزدەك، ئۇ ھەم ئاشۇ كىشىگە يېقىنلىشىدۇ. —2-سالونىكالىقلار 2:13-نى سېلىشتۇرۇڭ.
18. كېيىنكى ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (زەبۇر 40:8)
18 ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز، ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلغان بولىسىز. يەھۋا ئۇنىڭدىن نېمىنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇ شۇنى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىسىغا بېغىشلىغان (زەبۇر 40:8-نى ئوقۇڭ؛ ئىبرانىي. 10:7). كېيىنكى ماقالىدە، سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، داۋاملىق يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆگىنىمىز.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
-
يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىق ئۆزىمىزنى بېغىشلاشنى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز