تەرجىمىھال
گاداي ئىدىم، باي بولدۇم
مەن لىبېرتى (ئىندىئانا شتاتى، ئا.ق.ش) دېگەن كىچىك شەھەردە، بىر ئېغىزلىق ياغاچ ئۆيدە تۇغۇلدۇم. دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئاللىقاچان بىر ئوغلى بىلەن ئىككى قىزى بولغان. مېنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى ئىنىم، بىر سىڭلىم تۇغۇلدى.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا، شەھىرىمىزدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان. بىرىنچى سىنىپقا بىللە كىرگەن سىنىپداشلىرىم بىلەن مەكتەپنى پۈتەرگىچە ئوقۇدۇم. شەھىرىمىز بەك كىچىك بولغانلىقتىن، ئادەملەر بىر-بىرىنى ياخشى توناتتى.
لىبېرتى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بولغان. ئېتىزلىقلاردا كۆپىنچە كۆمۈقوناق ئۆستۈرۈلەتتى. مەن تۇغۇلغاندا دادام بىرسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۆسمۈر چېغىمدا تراكتور ھەيداشنى ۋە ئېتىزلاردىكى باشقا ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.
مەن تۇغۇلغاندا دادام 56، ئاپام بولسا 35 ياشتا ئىدى. ئامما دادام كۈچلۈك ۋە ساغلام كىشى بولغان. ئۇ ئىشلەمچان كىشى بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمگەكنى سۆيۈشكە ئۆگەتكەن. ئۇ كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ، بىزدە تۇرىدىغان جاي، كىيىم-كېچەك ۋە يېتەرلىك يېمەك-ئىچمەكلەر بولغان. ئۇ ھەردائىم بىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان. دادام 93 يېشىدا، ئاپام 86 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئىككىلىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلمىغان. قېرىنداشلىرىمنىڭ بىرى 1972-يىلدىن باشلاپ ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ياش چېغىم
ئاپام خۇداغا ئىشەنگەنلىكتىن، بىزنى ھەر يەكشەنبە كۈنى چىركوۋغا ئاپىراتتى. مەن بىرىنچى قېتىم ئۈچ بىرلىك ھەققىدە 12 يېشىمدا ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئاپامدىن: «ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى
بولسا، ئۇ قانداقلارچە يەنە خۇدانىڭ ئۆزى بولالايدۇ؟»— دەپ سورىدىم. ئۇنىڭ جاۋابى ھازىرغىچە ئېسىمدە: «بالام، بۇ — سىر. بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز». مەن ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر سىر بولغان. شۇنداق بولسىمۇ مەن 14 ياشقا كىرگەندە، ئۆستەڭدە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتۈم. مېنى ئۈچ قېتىم سۇغا چۆكتۈردى: بىر قېتىم ئاتا، بىر قېتىم ئوغۇل ۋە بىر قېتىم مۇقەددەس روھ ئۈچۈن.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، بىر دوستىم بوكس مەشىق قىلاتتى، مېنىمۇ قاتنىشىشقا چاقىردى. شۇڭا، مەن مەشىق قىلىشنى باشلاپ، «ئالتۇن قولقاپ» ناملىق بوكس تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولدۇم. بىراق ئانچە ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىكتىن، مەن بىرنەچچە قېتىم مۇسەبىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن بوكستىن قول ئۈزدۈم. كېيىنىرەك مەن قوشما شتاتلاردا ئەسكەرلىككە چاقىرىلىپ، گېرمانىياگە ئەۋەتىلدىم. شۇ يەردە بولغاندا، باشلىقلىرىم مېنى ياخشى باشلامچى بولالايدۇ دەپ ئويلاپ، ھەربىي مەكتەپكە ئەۋەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئەسكەرلىكتە داۋاملىق خىزمەت قىلىپ قېلىشىمنى خالىغان. لېكىن مەن قېلىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئىككى يىل ھەربىي خىزمەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 1956-يىلى ئۆيگە قايتتىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، مەن تامامەن باشقىچە بىر ئەسكەرلىككە قاتناشتىم.
ھاياتىمنىڭ يېڭى دەۋرى
ھەقىقەتنى بىلمىگەندە، مەن ھەقىقىي ئەر كىشى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ناتوغرا چۈشىنەتتىم. ماڭا كىنولار بىلەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى تەسىر قىلغان. شۇڭا مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆزلىشىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس دەپ ئويلاتتىم. لېكىن مەن كېيىنرەك ئالغان بىلىم پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. بىر كۈنى ئېسىل قىزىل ماشىنامنى ھەيدەپ، شەھەرنى ئارىلاۋاتقاندا، مېنى ئىككى قىز چاقىردى. بۇ ئىككى قىز قېيىنئاكامنىڭ سىڭلىلىرى ئىدى. ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىدى. بۇرۇن مەن ئۇلار بەرگەن «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىڭلار!» ژۇرناللىرىنى ئوقاتتىم، لېكىن «كۈزىتىش مۇنارى» چۈشىنىشكە قىيىن دەپ ئويلىدىم. بۇ قېتىم ئۇلار مېنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇقەددەس كىتابنى جامائەتتە تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇ يىغىلىشتا ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلاتتى. مەن ئۇلارغا: «ئويلىنىپ باقاي»،— دېدىم. ئۇلار كۈلۈمسىرەپ: «ۋەدە بېرەمسىز؟»— دېگەندە، مەن: «ۋەدە بېرىمەن»،— دەپ ئېيتتىم.
ۋەدە بېرىپ قويغىنىمغا ئۆكۈندۈم، لېكىن سۆزۈمدە تۇرۇشنى قارار قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، شۇ كۈنى كەچتە يىغىلىشقا باردىم. شۇ يەردىكى كىچىك بالىلار مېنى بەك ھەيران قالدۇردى! ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن! ھەر يەكشەنبە كۈنى ئاپام بىلەن چىركوۋغا بارغان بولساممۇ، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئانچە كۆپ بىلىمىم يوق ئىدى. مەن كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى خالىغانلىقتىن، مۇقەددەس كىتابنى بىرى بىلەن تەتقىق قىلىشقا كېلىشتىم. ئەڭ ئاۋۋال مەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئاپامدىن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كىم دەپ سورىغاندا، ئۇ ماڭا: «ۋاي، ئۇلار يەھۋا دېگەن بىر بوۋايغا ئىشىنىدۇ»،— دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئەمدى بولسا كۆزۈم ئېچىلغاندەك بولدى!
مەن ھەقىقەتنى تاپقانلىقىمنى بىلگەچكە، روھىي جەھەتتىن تېز ئۆستۈم. يىغىلىشقا بىرىنچى قېتىم بارغاندىن كېيىن توققۇز ئاي ئۆتۈپ، 1957-يىلنىڭ مارت ئېيىدا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتۈم. مېنىڭ كۆز قارىشىم ئۆزگەردى. مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقىي ئەر كىشى قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە نېمە ئېيتىلغانلىقىنى بىلگىنىمدىن بەك خۇشالمەن. مەسىلەن، ئەيسا مۇكەممەل ئەر كىشى بولغان. ئۇ ھەرقانداق كىشىدىن كۈچلۈك بولسىمۇ، ھېچقاچان ئۇرۇش-جېدەللەرگە ئارىلاشمىغان. ئەكسىچە، يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقاندەك، ‹ئازاپ چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى› (يەشايا 53:2، 7). ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتى ھەممىسىگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەندىم.—2-تىموتىي 2:24.
مەن 1958-يىلى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىدىم. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىزمەتنى توختىتىشقا توغرا كەلدى. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، مەن ئۆيلەنمەكچى بولغان ئىدىم. مېنى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلغان قىزلارنىڭ بىرى، گلورىيا بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بولدۇم! مەن بۇ قارارىمغا ھېچقاچان ئۆكۈنمىگەن. گلورىيا شۇ چاغدىمۇ، ھازىرمۇ مەن ئۈچۈن خۇددى ئېسىل گۆھەر تاشتەك. مەن ئۈچۈن ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئالماس تاشتىنمۇ قىممەتباھا. ئۇنىڭغا ئۆيلەنگىنىمگە بەك خۇشالمەن! ھازىر ئۇ ئۆزى توغرىسىدا ئېيتىپ بەرسۇن:
«ئائىلىمىزدە 17 بالا ئىدۇق. ئاپام يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان. 14 يېشىمدا ئاپام ۋاپات بولدى. شۇ چاغدا دادام مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئەمدى ئاپىمىز بولمىغاچ، دادىمىز ئىشتىن كەلگىچە، بىرىمىز كىچىك قېرىنداشلىرىمىزغا قاراپ، ئۆيدىكىلەرگە تاماق ئېتىشىمىز كېرەك ئىدى. شۇڭا دادىمىز مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ھەدەم ئىككىمىزنىڭ نۆۋەتلىشىپ مەكتەپكە بېرىشىمىزغا رۇخسەت سورىدى. شۇ يىلى ھەدەم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۈرەتتى. مەكتەپ مۇدىرى رۇخسەت قىلدى. شۇڭلاشقا بىرىمىز دائىم ئۆيدە بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتۇق. ھەدەم مەكتەپنى پۈتەرگىچە شۇنداق قىلدۇق. بىز بىلەن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلدى ۋە ئون بىرىمىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدۇق. مەن تارتىنچاق بولساممۇ، ۋەز قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. ھەمراھىم سېم يىللار داۋامىدا ماڭا تارتىنچاقلىق بىلەن كۈرىشىشكە ياردەم بەردى».
گلورىيا ئىككىمىز 1959-يىلنىڭ فېۋرالدا توي قىلدۇق. بىز بىرگە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. دۇنياۋىي باش ئىدارىدە خىزمەت قىلىشنى خالىغانلىقتىن، شۇ يىلى ئىيۇلدا بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا ئىلتىماس قىلدۇق. سايمون كرېيكېر ئىسىملىك قېرىنداش بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بەيتەلگە ھازىرچە ئەر-ئاياللارنى تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئارزۇيىمىز سوۋۇپ كەتمىدى، ئەمما بىز ئارزۇيىمىزغا يەتكىچە كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى.
بىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا قەيەر ئەڭ مۇھتاج ئىكەنلىكىنى سوراپ، باش ئىدارىگە خەت يازدۇق. ئۇلار بىزگە ئاركانزاس شتاتىدىكى پاين-بلاف شەھىرىگە بېرىڭلار دەپ جاۋاب يازدى. شۇ چاغدا پاين-بلافتا ئىككى جامائەت بار ئىدى. بىرسىدە ئاق تەنلىك قېرىنداشلار، ئىككىنچىسىدە قارا تەنلىك قېرىنداشلار بولغان. بىز قارا تەنلىك قېرىنداشلار بار جامائەتكە تايىنلاندۇق، ئۇنىڭدا پەقەت 14 ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ئىدى.
مىللەتچىلىك سەۋەبىدىن بولغان قىيىنچىلىقلار
بەلكىم، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئاق ۋە قارا تەنلىك ۋەز ئېيتقۇچىلارغا بۆلۈنگەن دەپ سورايدىغانسىز. بۇنىڭ سەۋەبى — بىزدە باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇ چاغدا ئاق ۋە قارا تەنلىك كىشىلەرنىڭ بىرگە جەم بولۇشى قانۇنغا خىلاپ بولغان. بۇنىڭدىن باشقا زوراۋانلىق كەڭ تارقالغان. كۆپ جايلاردا قېرىنداشلار ئىككى ئىرقنىڭ ئادەملىرى بىر يەرگە يىغىلسا، ئىبادەت ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قورققان. چۈنكى، مۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى. ئەگەر قارا تەنلىك قېرىنداشلار ئاق تەنلىكلەر ياشايدىغان رايوندا ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلسا، ئۇلار قولغا ئېلىنىپ، ھەتتا ئۇرۇپ-سوقۇلۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ۋەز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز قانۇنغا بويسۇندۇق ۋە كېلەچەكتە ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلدۇق.
ۋەز قىلىش دائىم ئاسان بولمىغان ئىدى. بىز قارا تەنلىكلەر ياشايدىغان رايوندا ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغاندا، بەزىدە ئاق تەنلىك كىشىلەر ئىشىكنى ئاچاتتى. شۇ ۋاقىتتا بىز قىسقىچە سۆھبەتلىشىمىزمۇ ياكى كەچۈرۈم سوراپ، باشقا ئۆيگە بارىمىزمۇ، دەرھال قارار قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. شۇ زامانلاردا ئەھۋال مانا شۇنداق بولغان.
ئەلۋەتتە، تولۇق ۋاقىت ۋەز خىزمەت قىلساقمۇ، جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلەتتى. ئادەتتە بىز كۈنىگە ئۈچ دوللار تاپاتتۇق. گلورىيا بىرنەچچە يەردە ئۆي تازىلاتتى. بىر ئۆيدە ماڭا گلورىياغا ياردەم بېرىشكە رۇخسەت قىلغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىشىنى تېزلا پۈتىرەتتى. بۇ ئۆيدە بىزگە تاماق بېرەتتى، كېتىشتىن ئاۋۋال ئۇنى يەۋالاتتۇق. گلورىيا باشقا بىر ئۆيدە ھەپتىسىگە بىر قېتىم كىيىمگە دەزمال سالاتتى. مەن بولسام، بۇ ئۆينىڭ بېغىدا ئىشلەتتىم، دېرىزە سۈرىتەتتىم ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتىم. يەنە بىر ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە دېرىزە يۇياتتۇق. گلورىيا دېرىزىنى ئىچىدىن، مەن تېشىدىن يۇغان. بىز بۇ ئىشنى كەچ كىرگىچە قىلغانلىقتىن، شۇ ئۆيدىن تاماق يەتتۇق. گلورىيا تاماق يېگەندە، شۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئولتارماتتى. مەن بولسام ماشىنا قويىدىغان ئىسكىلاتتا تاماق يەيتىم. تاماقلىرى بەك ياخشى ئىدى، شۇڭا مەن سىرتتا تاماق يېسەممۇ، بۇنىڭدىن رەنجىمەيتىم. ئۇلار ناھايىتى ياخشى ئادەملەر ئىدى، لېكىن شۇ زاماندىكى جەمئىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغان. بىر قېتىم ماي قاچىلاش پۇنكتىدا توختىغان ۋاقىت تېخىغىچە ئېسىمدە. ماينى قاچىلاپ بولۇپ، شۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئەر كىشىدىن
ئايالىمنىڭ ھاجەتخانىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا كۆزىنى ئالايتىپ: «ھاجەتخانا قۇلۇپلاقلىق!»— دەپ ئاچچىقلىنىپ جاۋاب قايتۇردى.ئەستىن چىقماس ياخشىلىقلار
ئادالەتسىزلىككە قارىماستىن، بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ۋە ۋەز قىلىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. پاين-بلاففقا ئەندىلا كەلگەندە، بىز شۇ چاغدا جامائەت خىزمەتچىسى بولغان قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە تۇردۇق. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايالى تېخى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئىدى، شۇڭا گلورىيا ئۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ يولدىشى بىلەن ئۆگىنىشنى باشلىدىم. كېيىن ئانىسى بىلەن قىزى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى.
ئاق تەنلىك قېرىنداشلار جامائىتىدە ياخشى دوستلىرىمىز بولغان. ئۇلار بىزنى مېھمان قىلاتتى، بىراق ھېچكىم كۆرمىسۇن، دەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەقەت قاراڭغۇ چۈشكەندە باراتتۇق. شۇ چاغلاردا مىللەتچىلىك ۋە زوراۋانلىققا ئۈندەيدىغان كۇ-كلۇكىس-كلان دېگەن تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى. بىر كېچىسى قورقۇنۇچلۇق كىيىمنى كىيىۋېلىپ، ئۆز ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا ئولتارغان بىر كىشىنى كۆردۈم. لېكىن، مۇنداق ئىشلار قېرىنداشلارنى بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىن توختاتمىغان ئىدى. بىر ياز پەسلىدە كونگرېسسقا بېرىش ئۈچۈن بىزگە پۇل كېرەك بولغان ئىدى. شۇڭا، بىر قېرىندىشىمىز ماشىنىمىزنى سېتىۋالدى، شۇنداق قىلىپ كونگرېسسقا بېرىش ئۈچۈن پۇلىمىز بولدى. بىر كۈنى ئىسسىق ئاپتاپتا ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىپ ۋە مۇقەددەس كىتابنى كۆپ ئادەمگە ئۆگىتىپ، ئۆيگە چارچاپ كېلىۋاتاتتۇق. ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، كۆزۈمىز ئالاق-جالاق بولدى. چۈنكى ئۆيۈمىزنىڭ ئالدىدا بىر ئاي بۇرۇن سېتىۋەتكەن ماشىنىمىز تۇرغان ئىدى! ماشىنىمىزنىڭ ئەينىكىگە قىسقا بىر پارچە خەت قىستۇرۇلغان ئىدى. خەتتە: «ماشىناڭلارنى سىلەرگە سوۋغات سۈپىتىدە قايتۇردۇم. سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار»،— دەپ يېزىلغان ئىدى.
يەنە بىر ياخشىلىق قەلبىمگە بەكمۇ تەسىر قىلدى. 1962-يىلى، مەن نيۇ-يوركتىكى سائۇت-لانسىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پادىشاھلىق خىزمەت مەكتىۋىگە تەكلىپ قىلىندىم. بۇ مەكتەپتە جامائەت ئاقساقاللىرى ۋە سەييار نازارەتچىلەر بىر ئاي ئوقۇغان. شۇ چاغدا ئىشسىز بولغاچقا، پۇل تەرەپتىن قىينالغان ئىدۇق. بىراق، پاين-بلافتىكى بىر تېلېفون شىركىتى مېنى ئىشقا ئالماقچى بولۇپ، يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتلەشتى. ئەگەر بۇ ئىشقا كىرسەم، شۇ شىركەتتىكى ئەڭ بىرىنچى قارا تەنلىك ئىشچى بولاتتىم. ئۇلار مېنى ئىشقا ئالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم. نيۇ-يوركقا بارىدىغان پۇلۇم يوق ئىدى. مەن مەكتەپكە بارماي، تەكلىپ قىلىنغان ئىشقا كىرىش ھەققىدە ئويلىدىم. بەيتەلگە ئەمدى خەت يازاي دەۋاتقاندا، ئېسىمدىن چىقماس بىر ئىش يۈز بەردى.
جامائىتىمىزدە يولدىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس بىر قېرىندىشىمىز بار ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئۆيۈمىزگە كېلىپ، قولۇمغا پۇلغا لىق تولغان بىر كونۋېرتنى تۇتقۇزدى. ئۇ بىرنەچچە بالىسى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ، پاختا ئېتىزلىرىدا ياۋايى ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇلار بۇنى مېنىڭ نيۇ-يوركقا بېرىشىم ئۈچۈن قىلغان ئىدى. قېرىندىشىمىز: «مەكتەپكە بېرىپ، ياخشى ئوقۇڭ. كېيىن بىزگە ئۆگىتىسىز!»— دىدى. ئاندىن مەن ھېلىقى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەش ھەپتىدىن كېيىن ئىشقا چىقسام
بولامدۇ، دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا «بولمايدۇ!» دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى. بۇنىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولمىدى. سەۋەبى، مەن قارار قىلىپ بولغان ئىدىم. شۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن!گلورىيا پاين-بلافتىكى ۋاقتىمىزنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ يەرگە بەك ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم! 15—20 ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەندىم. ئەتىگەندە ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىپ، كېيىن تەتقىق دەرسلىرىنى ئۆتكۈزەتتۇق. بەزىدە كەچ سائەت ئون بىرلەرگىچە ۋەز قىلاتتۇق. خىزمىتىمىز شۇنچىلىك قىزىقارلىق بولغان ئىدى! مۇمكىن بولسا، پاين-بلافتا قالاتتىم. راستىنى ئېيتسام، يېڭى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىپ، جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلاشنى ئانچە خالىمايتتىم. ئەمما يەھۋانىڭ باشقىچە پىلانى بولغان ئىدى».
جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىمىز
پاين-بلافتا خىزمەت قىلىپ يۈرگەندە بىز مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ئىلتىماسىنى تولدۇردۇق. بىزنى تەيىنلەيدۇ، دەپ ئويلىدۇق. چۈنكى، دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال تېكساستىكى جامائەتكە ياردەم بېرىشىمىزنى ۋە شۇ يەردە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىمىزنى خالىغان ئىدى. بۇ بىزگىمۇ ياقتى. شۇڭا، تەشكىلاتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇردۇق، ھېچبىر جاۋاب خەت كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەت كېلىپ قالدى. 1965-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بىزنى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا تەيىنلىدى! بىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا لىئون ۋېئاۋېر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. ھازىر ئۇ قوشما شتاتلاردىكى بەيتەل كومىتېتىدا رىياسەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
يېڭى ۋەزىپەمنى ئويلاپ، كۆپ ئەنسىرىدىم. بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال جېيمىس تومپسون ئىسىملىك دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال ئۆز ۋەزىپەمنى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن قانداق خىسلەتلەر كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. قايسى تەرەپنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ دېگەن ئىدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئۇنىڭ مەسلىھىتىنىڭ ماڭا بەكمۇ كېرەكلىكىنى شۇ چاغدىلا چۈشەندىم. مەن ھەمكارلاشقان بىرىنچى دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال دەل شۇ تومپسون قېرىنداش ئىدى. بۇ سادىق قېرىنداشتىن بەك كۆپ نەرسىنى ئۆگەندىم.
شۇ يىللىرى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئاز ۋاقىت بېرىلەتتى. مەسىلەن، مەن بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن پەقەت ئىككى ھەپتە بىرگە خىزمەت قىلدىم. بىر ھەپتە مەن ئۇنىڭ جامائەتنى قانداق زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەندىم، ئىككىنچى ھەپتە باشقا جامائەتنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ مېنى كۈزەتتى. ئۇ ماڭا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى. كېيىن، ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە كەتتۇق. شۇ چاغدا مەن گلورىياغا: «ئۇ شۇنداق تېزلا كېتىپ قالامدۇ؟»— دېگىنىم ئېسىمدە. ئەمما بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، مەن بىر مۇھىم نەرسىنى چۈشەندىم: ئەگەر ياردەمنى قوبۇل قىلىشنى خالىسىڭىزلا، ھەردائىم ياردەم بېرەلەيدىغان ياخشى قېرىنداشلار تېپىلىدۇ. شۇ چاغدا جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغان جېيمىس براۋۇن ۋە بەيتەلدە خىزمەت
قىلغان فرېد راسېكقا ئوخشاش تەجرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى ھازىرغىچە قەدىرلەيمەن.شۇ كۈنلەردە مىللەتچىلىك ئەۋجىگە چىققان ئىدى. مەسىلەن، بىز تېننېسسى شتاتىدىكى بىر كىچىك شەھەرگە سەپەر قىلغاندا، كۇ-كلۇكىس-كلان تەشكىلاتى نامايىشقا چىققانلىقىنى كۆردۇق. يەنە بىر كۈنى خىزمەتتە يۈرگەندە، تېز تاماق يەۋالايلى، دەپ ئاشخانىغا كىردۇق. مەن ھاجەتخانىغا كىرگەندە، كەينىمدىن يوغان ئاق تەنلىك ئەر كىشى كىردى. غەزەپلەنگەن چىرايىدىن ۋە بەدىنىگە چېكىلگەن سۈرەتلەرگە قاراپ، ئۇنىڭ مىللەتچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بىراق، كېيىن بوي-بەستى بۇ كىشىدىنمۇ چوڭ بىر ئاق تەنلىك قېرىندىشىمىز كىرىپ: «خيورد قېرىنداش، ھەممە ئىشلار جايدىمۇ؟»— دەپ سورىدى. ھېلىقى ئەر كىشى ھەتتا ھاجەتخانىنى ئىشلەتمەي، چىقىپ كەتتى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۇنى چۈشەندىم: مىللەتچىلىكنىڭ يىلتىزى — ئادەمنىڭ ئىرقى ئەمەس، بەلكى بىزدىكى گۇناھ. قېرىنداشنىڭ ئىرقى قانداق بولسۇن، ئۇ بەرىبىر مېنىڭ قېرىندىشىم ۋە زۆرۈر بولسا، ھەتتا مەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار.
زور بايلىق
رايوندا زىيارەت خىزمىتىدە 12 يىل ۋە دائىرىدە زىيارەت خىزمىتىدە 21 يىل بولدۇق. بۇ يىللار خۇشاللىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئىدى. ئەمما بىزنى يەنە بىر مۇكاپات كۈتۈۋاتاتتى. 1997-يىلى ئاۋغۇستتا ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى: بىرىنچى ئىلتىماسنى يازغاندىن 38 يىل ئۆتۈپ، بىز ئاخىرى قوشما شتاتلاردىكى بەيتەلگە چاقىرىلدۇق! سېنتەبىردە بىز بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى باشلىدۇق. مەن مەسئۇلىيەتلىك قېرىنداشلار مېنى ۋاقىتلىق ياردەم بېرىشكە چاقىردى، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولمىدى.
مەن خىزمەت بۆلۈمىگە تەيىنلەندىم ۋە بۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم! ئاقساقاللار كېڭەشلىرى ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار بۇ بۆلۈمگە بەك مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە سوئاللارنى ئەۋەتەتتى. قېرىنداشلارنىڭ ماڭا سەۋرچان بولغانلىقىغا مىننەتدارمەن. ئەگەر شۇ بۆلۈمدە قايتىدىن خىزمەت قىلسام، شۇ يەردىكى قېرىنداشلاردىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتىم.
گلورىيا ئىككىمىز بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈمىز. بىز بۇرۇندىنلا ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ھەم بۇ بىزگە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ خىزمەت كومىتېتىغا ياردەمچى بولۇپ تەيىنلەندىم. 1999-يىلى بولسا، رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدۇم. بۇ خىزمەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. شۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى — جامائەتنىڭ بېشى ئادەم ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر.
ھاياتىم ھەققىدە ئويلانغاندا، بەزىدە مەن ئۆزۈمنى ئاموس پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھېس قىلىمەن. يەھۋا بۇ كەمتەر كىشىنى بايقىغان ئىدى. ئاموس گادايلار يېگەن ياۋايى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى ئۆستۈرگەن، بىراق يەھۋا ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللاپ، ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەن ئىدى (ئاموس 7:14، 15). شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا مەندەك بىر گاداي دېھقاننىڭ ئوغلىغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىنىڭ زور بەرىكەتلىرىگە ئېرىشتۈردى. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئالسام، ھەقىقەتەن بەكمۇ كۆپ (پەندى-نەسىھەت 10:22). گەرچە مەن گاداي ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولساممۇ، كېيىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور بايلىققا ئىگە بولدۇم!