21-تەتقىق ماقالىسى
«بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى»غا ئالدىنىپ قالماڭ
«بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى خۇدانىڭ كۆزىدە نادانلىقتۇر».—1-كورىنت. 3:19.
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
بۇ ماقالىدە a
1. مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلار بىزگە قانداق پايدا ئەكېلىدۇ؟
يەھۋا خۇدادىن ئۇلۇغ ئۇستاز يوق. شۇڭا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيلى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا خۇدا ئۆزى ياردەم بېرەلەيدۇ (يەشايا 30:20، 21). ئۇنىڭ سۆزى بىزگە «ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار» تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ھەممىنى بېرىدۇ (2-تىموت. 3:17). بىز مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان نەسىھەتلەرگە ماس ياشىساق، «بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى»دىن ئېشىپ چۈشىدىغان دانالىققا ئىگە بولىمىز.—1-كورىنت. 3:19؛ زەبۇر 119:97—100.
2. بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىمىز؟
2 بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى ئادەملەرنى تەننىڭ ھەۋەسلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇپ، كۆپچىلىككە ئوخشاش ھەرىكەت قىلماسلىق ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتاب بىزنى: «ئېھتىيات قىلىڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى بىمەنە پەلسەپە ۋە بىھۇدە قۇرۇق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ، ئەسىرلىككە ئېلىۋالمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى»،— دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ (كولوسى. 2:8). بۇ ماقالىدە، بىز تارىخقا نەزەر سېلىپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ شەيتان چىقارغان ئىككى يالغان ئويغا قانداق ئىشىنىپ كەتكەنكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى نېمە سەۋەبتىن ئەخمەقلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ سۆزىدىكى دانالىق مۇشۇ دۇنيا تەغدىم قىلىۋاتقان ھەربىر نەرسىدىن قانچىلىك يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.
جىنسىي ئەخلاققا بولغان كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى
3، 4. 20-ئەسىرىنىڭ بېشىدا ئادەملەرنىڭ ئەخلاققا بولغان كۆز قارىشى قانداق ئۆزگەرگەن؟
3 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئادەملەرنىڭ جىنسىي ئەخلاققا بولغان كۆز قارىشى قاتتىق ئۆزگەردى. بۇرۇن ئادەملەر جىنسىي ئالاقە پەقەت توي قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا بولۇش كېرەك، دەپ ئويلىغان ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئوچۇق سۆزلەشمىگەن. لېكىن، ئادەملەرنىڭ ئەخلاققا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق كەڭ تارقالدى.
4 1920-يىللاردا ئەخلاقىي ئۆلچەملەر تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەردى. بىر تەتقىقاتچى مۇنداق دەيدۇ: «فىلىملەر، سەھنىلىك كۆرۈنۈشلەر، ناخشىلار، كىتاب-ژۇرناللار ۋە ئېلانلار جىنسىي ئالاقىگە قىزىقىشنى ئويغىتىشقا باشلىدى». شۇ يىللىرى جىنسىي ھەۋەسلەرنى قوزغايدىغان ئۇسسۇللار ۋە كىيىم كىيىش ئۈلگىلىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن-ئالا ئېيتىلغاندەك، زامان ئاخىرىدا ئادەملەر «ئەيش-ئىشرەتنى سۆيىدىغان» بولىدۇ.—2-تىموت. 3:4.
5. 1960-يىللاردىن تارتىپ، ئادەملەرنىڭ ئەخلاققا بولغان كۆز قارىشى قانداق ئۆزگىرىپ كەتكەن؟
5 1960-يىللاردىن تارتىپ نىكاھ قۇرماي بىللە تۇرۇش، ئاجرىشىش ۋە ئوخشاش جىنىسلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى كەڭ تارقالدى. جىنسىي ئالاقە ئوچۇق كۆرسىتىلىدىغان ئويۇن-تاماشا تۈرلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىر يازغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا، بالىلىرىنى يالغۇز تەربىيىلەيدىغان ئاتا ياكى ئانىلار ھەم شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە خۇمار بولغانلار كۆپىيىپ كەتكەن. ئەيدىزغا ئوخشاش جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى — بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.—2-پېتر. 2:19.
6. جىنسىي ئالاقىگە بولغان ناتوغرا كۆز قاراشنى نېمە ئۈچۈن شەيتان ياخشى كۆرىدۇ؟
6 جىنسىي ئالاقىگە بولغان شۇنداق كۆز قاراشنى شەيتان ياخشى كۆرىدۇ. نىكاھ ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش — خۇدادىن كەلگەن سوۋغات. ئادەملەر بۇ سوۋغاتنى ناتوغرا ئىشلەتكەندە، شەيتان بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىپ خۇشال بولىدۇ، چۈنكى بۇ خۇدا ھەدىيە قىلغان نىكاھنى قەدىرلىمەي ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر (ئەفەس. 2:2). جىنسىي ئەخلاقسىزلىق يەھۋا خۇدانىڭ ئادەملەرگە پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ئاجايىپ سوۋغىسىنى بىر تىيىن قىلىپلا قويماي، مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدىدىن ئايرىدۇ.—1-كورىنت. 6:9، 10.
خۇدانىڭ جىنسىي ئەخلاققا بولغان كۆز قارىشى
7، 8. مۇقەددەس كىتاب جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە قانداق كۆز قاراشنى ئۆگىتىدۇ؟
7 بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىنى سىڭدۈرۈۋالغان ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھەتلىرىنى زاڭلىق قىلىپ، ئۇلارنى كونىراپ كەتتى دەيدۇ. شۇنداق ئادەملەر: «خۇدا بىزنى جىنسىي ھەۋەس بىلەن ياراتسا، نېمە ئۈچۈن ھەۋىسىمىزنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك؟»— دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق كىشىلەرنىڭ پىكىرىچە، ئادەم ھەربىر خاھىشىنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەمما مۇقەددەس كىتاب تامامەن باشقىچە ئۆگىتىدۇ. بىز تەن ھەۋەسلىرىگە بېرىلمەي، ئۆزىمىزنى تۇتالايمىز (كولوسى. 3:5). شۇنداقلا، ئادەملەر جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى توغرا قاندۇرۇش ئۈچۈن يەھۋا خۇدا نىكاھنى ئورۇنلاشتۇرغان (1-كورىنت. 7:8، 9). ئەر-ئايال جىنسىي ئېھتىياجلىرىنى ئورۇنلۇق تۈردە قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. لېكىن، تۇرمۇش قۇرماي جىنسىي ئالاقىدە بولغانلار ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ.
8 مۇقەددەس كىتاب جىنسىي مۇناسىۋەتكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. راست، جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-ئايالغا ھوزۇر-بەخش ئېتىشى مۇمكىن (پەند. نە 5:18، 19). لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر بىرىڭلار چوقۇم ئۆز بەدىنىڭلارنى مۇقەددەسلىك ۋە شان-شەرەپ ئىچىدە تىزگىنلەشنى بىلىشىڭلار كېرەك. خۇدانى تونۇمايدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئاچكۆزلۈك ۋە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار».—1-سالونىكا. 4:4، 5.
9. (1) 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى دانالىققا تايىنىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (2) 1-يۇھاننا 2:15، 16دە، قانداق دانا مەسلىھەت يېزىلغان؟ (3) رىملىقلار 1:24—27دە يېزىلغاندەك، قانداق ئەخلاقسىز ئىشلاردىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك؟
9 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەھۋانىڭ خەلقى «ئار-نومۇسنى ئۇنتۇپ»، ئەخلاقسىزلىققا بېرىلگەنلەرنىڭ بۇرمىلانغان كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىدە تەۋرىنىپ قالمىغان (ئەفەس. 4:19). ئۇلار يەھۋا خۇدانىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىنى مەھكەم تۇتقانىدى. 1926-يىل، 15-ماي سانىدىكى «كۈزىتىش مۇنارى»دا، مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھەر بىر ئەر كىشى ياكى ئايال كىشىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى پاك ۋە ئۈلگىلىك بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ يات جىنىسلىق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغان تېخىمۇ شۇنداق». بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر قانداق ئىشلارنى قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭ سۆزىدىكى دانالىققا تايىنىدۇ (1-يۇھاننا 2:15، 16-نى ئوقۇڭ). بىز مۇقەددەس كىتاب ئۈچۈن بەك مىننەتدار! جىنسىي ئەخلاققا توغرا كۆز قاراشتا بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن يەھۋا خۇدا بېرىۋاتقان روھىي ئوزۇقلۇقنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز b.—رىملىقلار 1:24—27-نى ئوقۇڭ.
ئۆز-ئۆزىنى ئويلاش كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى
10، 11. مۇقەددەس كىتابتا ئاخىر زامان توغرۇلۇق نېمە ئېيتىلغان؟
10 مۇقەددەس كىتابتا، ئاخىر زاماندا «ئىنسانلار ئۆزىنىلا سۆيىدىغان» بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغانىدى (2-تىموت. 3:1، 2). بۇ دۇنيادا شەخسىيەتچىلىكنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بىر كىتابتا يېزىلغاندەك، 1970-يىللىرى «ئۇتۇققا ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرگە تولغان كىتابلار كۆپەيدى». شۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنى ياخشىراق چۈشۈنۈپ، شۇ پېتى بىلەن قېلىشقا ۋە «مېنىڭ بىرمۇ كەمچىلىكىم يوق» دەپ ئويلاشقا دەۋەت قىلغان. مەسىلەن، بىر كىتابتا: «ئالەمدىكى ئەڭ ئاجايىپ، ئەڭ گۈزەل ۋە سۆيۈشكە لايىق ئادەمنى ياخشى كۆرۈڭ. ئۇ — دەل ئۆزۈڭىز»،— دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابتا ئادەم نېمىنى قىلىشنى خالىسا، ئۆزى بىلىدۇ، نېمىنى توغرا دەپ بىلسە، شۇنى قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.
11 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا شەيتانمۇ ھاۋا ئانىنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. شەيتان ئۇنىڭغا: «ياخشى بىلەن ياماننى بىلىپ، خۇدادەك بولىسىلەر»،— دېگەنىدى (يارىت. 3:5). بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئۆزلىرى توغرۇلۇق ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلىغاچ، ئۇلار ھېچكىم، ھەتتا خۇدامۇ، نېمىنىڭ توغرا ۋە نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتالمايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنداق ئوي-پىكىر بولۇپمۇ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
12. بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر نىكاھقا قانداق كۆز قاراشتا؟
12 مۇقەددەس كىتاب ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى «بىر ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز خوتۇنى بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئۇلار بىر تەن بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئەر-ئايالنى بىر-بىرىنى ھېچقاچان تاشلاپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ (يارىت. 2:24). بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ماس ياشايدىغانلار بولسا، ئەكسىنچە، ھەربىر كىشى پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىشى كېرەك دەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە قىز بىلەن يىگىت توي قىلغاندا، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا «ئۆلگىچە بىللە بولىمىز» دەپ قەسەم ئىچىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ قەسەم سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، «مۇھەببەت ئوتى ئۆچمىگىچە بىللە بولىمىز» دەيدۇ. ئادەملەر نىكاھ رىشتىسى مەڭگۈگە باغلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن، كۆپلىگەن ئائىلىلەر بۇزۇلغان ۋە سانسىز كۆڭۈللەر يارىلانغان. شۈبھىسىزكى، دۇنيانىڭ نىكاھقا بولغان كۆز قارىشى ئەخمەقلىقتۇر.
13. يەھۋا نېمە ئۈچۈن تەكەببۇر كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ؟
13 مۇقەددەس كىتابتا: «كۆڭلى تەكەببۇرلۇققا تولغان كىشى يەھۋاغا يىرگىنىچلىكتۇر»،— دەپ يېزىلغان (پەند. نە 16:5). يەھۋا نېمە ئۈچۈن تەكەببۇر كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى — ئۆزىنى ھەددىدىن تاشقىرى سۆيىدىغان ئادەملەر شەيتاننىڭ كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ھەممە نەرسە ئەيسا ئارقىلىق يارىتىلغان. لېكىن، شەيتان ئەيسانى سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ دەپ ئويلىغان. نېمە دېگەن تەكەببۇرلۇق! (مەتتا 4:8، 9؛ كولوسى. 1:15، 16). تەكەببۇر كىشىلەر ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمما، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ دانالىقى ئەخمەقلىقتۇر.
خۇدانىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئويلاشقا بولغان كۆز قارىشى
14. رىملىقلار 12:3-ئايەتتىكى سۆزلەر، ئۆزىمىز توغرۇلۇق تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئۆزىمىز توغرۇلۇق تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەيسا: «يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزەڭنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرگىن»،— دېگەن. دېمەك، قانداقتۇ بىر دەرىجىدە ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىشىمىز كېرەك (مەتتا 19:19). بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىشىمىز كېرەك، دەپ ئۆگەتمەيدۇ. ئەكسىچە، خۇدانىڭ سۆزىدە: «ھېچقانداق ئىشنى رىقابەتلىشىش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن قىلىماڭلار. ئەكسىنچە، كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈڭلار»،— دەپ يېزىلغان.—فىلىپى. 2:3؛ رىملىقلار 12:3-نى ئوقۇڭ.
15. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان كۆز قاراش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرى نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟
15 بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ئۆزى دانا، دەپ ھېسابلايدىغان كۆپلىگەن ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنى ئەخمەقلىق، دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق ئادەملەر باشقىلارنى ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن كۆرسەڭ، ئۇلار بېشىڭغا چىقىپ، سېنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ، دېگەن ئويدا. لېكىن، شۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ پەقەت ئۆزىنى ئويلايدىغان ئادەملەر بەختلىكمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي دوستلىرى بارمۇ؟ ئۇلار خۇدا بىلەن دوست بولالامدۇ؟ سىزنىڭچە، قايسىسى ئادەمنى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىمۇ ياكى خۇدانىڭ دانالىقىمۇ؟
16، 17. بىز نېمە ئۈچۈن مىننەتدار بولساق بولىدۇ ۋە نېمە سەۋەبتىن؟
16 بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىنى ئىزدىگەن ئادەملەر ئۆزى ئادىشىپ قالغان ساياھەتچىدىن يول سورىغان ساياھەتچىگە ئوخشايدۇ. ئەيسا ئۆز زامانداشلىرى دانا دەپ ھېسابلىغان ئادەملەر ھەققىدە: «ئۇلار قارىغۇ يولباشچىلاردۇر، ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 15:14). دەرھەقىقەت، بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا نادانلىقتۇر.
17 مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر ھەر ھەرقاچان «تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، تۈزىتىش، ھەققانىيلىق يولىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر» (2-تىموت. 3:16). يەھۋا خۇدا تەشكىلاتى ئارقىلىق بىزنى بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىدىن ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا بەك مىننەتدار! (ئەفەس. 4:14). ئۇ بىزگە بەرگەن روھىي ئوزۇق ئۇنىڭ سۆزىدىكى ئۆلچەملەرنى چىڭ تۇتۇشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. ھەقىقىي ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى دانالىققا تايىنىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ!
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a بىز ئەڭ دانا نەسىھەتنىڭ ياراتقۇچى يەھۋادىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز ۋە بۇ دۇنيانىڭ دانالىقى بويىچە ياشاش ئېچىنارلىق ئاقىۋەتكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ سۆزىدىكى دانالىققا ماس ياشىغانلار بەختلىك ھايات كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرىمىز.
b مەسىلەن، «ياشلارنىڭ سوئاللىرى» ناملىق كىتاب 1-قىسىم، 24—26-بابلىرىغا ۋە 2-قىسىم، 4، 5-بابلىرىغا قاراڭ؛ «ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان 10 سوئال» ناملىق كىتابچە، 21—23-بەتلىرىدىكى 7-سوئالغا قاراڭ.
c سۈرەتتە: گۇۋاھچى ئەر-ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىللە ۋەز قىلىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: 1980-يىللىرى ئايالى ئاغرىپ قالغاندا، يولدىشى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ. يېنىدا قىزى.
e سۈرەتتە: بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەر-ئايال ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ، چوڭ بولغان قىزى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.