«كۆزىتىش مۇنارى» (تەتقىق قىلىش نەشىرى) ماي 2020
بۇ سان 2020-يىلنىڭ 6-ئىيۇل—2-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا تەتقىق قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»
19-تەتقىق ماقالىسى: 6—12-ئىيۇل، 2020. دانىيال پەيغەمبەر يازغان «جەنۇب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» توغرۇلۇق پەيغەمبەرلىك سۆزلەر تېخىغىچە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىز؟ نېمە سەۋەبتىن، بۇ بېشارەتنى چۈشىنىشىمىز مۇھىم؟
ئاخىر زاماندىكى رىقابەتچى پادىشاھلار
شىمالىي پادىشاھ بىلەن جەنۇبىي پادىشاھقا مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ۋە ئۇلار بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشقان باشقا پەيغەمبەرلىك سۆزلەر كۆرسىتىلگەن. بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەر دۇنيانىڭ ئاخىرى پات ئارىدا كېلىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟
20-تەتقىق ماقالىسى: 13—19-ئىيۇل، 2020-يىل. بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم ۋە ئۇ قانداق يوق قىلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە پات ئارىدا بولىدىغان سىناقلارغا تەييار بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
خۇدا بەرگەن سوۋغاتلارنى قەدىرلەمسىز؟
21-تەتقىق ماقالىسى: 20—26-ئىيۇل، 2020. بۇ ماقالە بىزنى، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئۈچ سوۋغىتى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولۇشقا ئۆگىتىدۇ. شۇنداقلا، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر بىلەن مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ياردەم بېرىدۇ.
كۆزگە كۆرۈنمەس سوۋغاتلارنى قەدىرلەڭ
22-تەتقىق ماقالىسى: 27-ئىيۇل—2-ئاۋغۇست، 2020. ئالدىنقى ماقالىدە، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان بەزى سوۋغاتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بۇ ماقالىدە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان سوۋغاتلارغا دىققەتنى قارىتىمىز ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ بولسا، شۇ سوۋغاتلارنى بەرگەن يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ.