22-تەتقىق ماقالىسى
كۆزگە كۆرۈنمەس سوۋغاتلارنى قەدىرلەڭ
«كۆزىمىزنى كۆرۈنىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەرگە تىكىمىز. چۈنكى، كۆرۈنگەن نەرسىلەر ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمىگەن نەرسىلەر مەڭگۈلۈكتۇر».—2-كورىنت. 4:18.
22-ناخشا يەھۋا — مېنىڭ پادىچىمدۇر
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسا ئاسماندىكى بايلىق توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟
بايلىقنىڭ ھەممىسىلا كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ قىممەتباھا خەزىنىلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەيسا تاغدىكى ۋەز نەسىھىتىدە ئاسماندىكى بايلىقنىڭ يەردىكى مال-دۇنيادىن نەقەدەر باھالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن، ئۇ :«بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، كۆڭلۈڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 6:19—21). بىز ئادەتتە نېمىنى قەدىر-قىممەتلىك دەپ قارىساق، كۆڭلىمىز شۇنىڭغا ئېرىشىشكە بەكرەك ئىنتىلىدۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئارقىلىق بايلىقنى «ئاسماندا» توپلاۋاتىمىز. ئەيسا ئېيتقاندەك، بۇ بايلىقنى ھېچكىم ۋەيران قىلالمايدۇ ياكى ئوغرىلاپ كېتەلمەيدۇ.
2. (1) 2-كورىنتلىقلار 4:17، 18-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇس بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئەلچى پاۋلۇس بىزنى «كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەرگە» كۆز تىكىشكە ئۈندىگەن (2-كورىنتلىقلار 4:17، 18-نى ئوقۇڭ). كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ سوۋغاتلارغا خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيادا ئېرىشىدىغان بەرىكەتلەرمۇ كىرىدۇ. بۇ ماقالىدە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزگە پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقان تۆت سوۋغاتنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇلار: خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز، دۇئا قىلىش ھەدىيەسى، مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ھەمدە يەھۋا، مەسىھ ئەيسا ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ۋەز ئىشىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان سوۋغاتلار ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق
3. كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئەڭ ئېسىل بايلىق نېمە ۋە بۇ قانداق مۇمكىن بولغان؟
3 كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئەڭ ئېسىل بايلىق — يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىمىز (زەبۇر 25:14). مۇقەددەس خۇدانىڭ گۇناھكار ئادەملەر بىلەن دوست بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ھەئە، «دۇنيانىڭ گۇناھىنى كۆتۈرىدىغان» ئەيسانىڭ بەرگەن تۆلەم قۇربانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ مۇمكىن بولغان (يۇھاننا 1:29). ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى يەھۋا ئالدىن-ئالا بىلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ، ئۇ ھەتتا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ياشىغان ئادەملەر بىلەنمۇ دوست بولالىغان.—رىملىقلار 3:25.
4. مەسىھ يەرگە كەلمەستىن بۇرۇن، خۇدا بىلەن دوست بولغان بەزى ئادەملەر توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىڭ.
4 مەسىھ يەرگە كەلمەستىن بۇرۇن، خۇدا بىلەن دوست بولغان بەزى ئادەملەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. مەسىلەن، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان. ئۇ ئۆلۈپ، 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۋا ئۇنى «دوستۇم» دەپ ئاتىغان (يەشايا 41:8). دېمەك، ھەتتا ئادەملەر ئۆلگەن ھالەتتىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى يەنىلا يېقىن دوستلىرى دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەھۋانىڭ ئېسىدە تېخىغىچە ھايات (لۇقا 20:37، 38). يەنە بىر مىسال — ئايۇپ. ئاسماندا پەرىشتىلەر يىغىلغاندا، يەھۋا ئايۇپقا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. يەھۋا: «ئۇ نۇقسانسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ۋە يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم»،— دېگەن (ئايۇپ 1:6—8). خۇدا دانىيال توغرۇلۇق قانداق ئوي-پىكىردە بولغان؟ دانىيال بۇتقا چوقۇنىدىغانلارنىڭ زېمىنىدا تەخمىنەن 80 يىلچە خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغانىدى. پەرىشتىلەر ئۈچ قېتىم ياشانغان دانىيالغا، خۇدا ئەزىز كۆرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن (دانىيال 9:23؛ 10:11، 19). يەھۋانىڭ ئۆز يېقىن دوستلىرىنى تىرىلدۈرىدىغان ۋاقتىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر.—ئايۇپ 14:15.
5. يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
5 بۈگۈنمۇ مىليونلىغان نامۇكەممەل ئىنسانلار يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە. سەۋەبى، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كۆپلىگەن ئەرلەر، ئاياللار، شۇنداقلا بالىلار خۇدانىڭ دوستى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىۋاتىدۇ. يەھۋا «توغرا كىشىلەرنى يېقىن دوست تۇتار» (پەند. نە 3:32). ئۇلار ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى سەۋەبلىك، خۇدا بىلەن دوست بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. مۇشۇ قۇربانلىق ئاساسىدا، بىز ئۆزۈمىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ۋە ئالەمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخس بىلەن يېقىن دوست بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ قاتارىغا قوشۇلدۇق!
6. خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
6 خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ خۇداغا يۈز يىلدىن كۆپرەك سادىق بولغان ئىبراھىم بىلەن ئايۇپتىن ئۈلگە ئېلىپ، بىزمۇ مۇشۇ دۇنيادا يەھۋا خۇداغا قانچە يىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىماي، چوقۇم ئۇنىڭغا داۋاملىق سادىق بولۇپ قېلىشىمىز زۆرۈر. دانىيالغا ئوخشاش، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى ئۆز ھاياتىمىزدىنمۇ ئەزىز كۆرۈشىمىز لازىم (دانىيال 6:7، 10، 16، 22). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بىز ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىمىزنى مەھكەم ساقلىيالايمىز.—فىلىپى. 4:13.
دۇئا قىلىش سوۋغىتى
7. (1) پەندى-نەسىھەت 15:8-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، خۇدا دۇئالىرىمىزغا قانداق قارايدۇ؟ (2) يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟
7 كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان يەنە بىر خەزىنە — دۇئا. جان دوستلار ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىر-بىرىگە ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزمۇ دەل شۇنداق. ئۇ ئۆز سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆزلەپ، ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇنىڭغا يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى دۇئادا ئېيتىپ بېرىمىز. يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزنى تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:8-نى ئوقۇڭ). يەھۋا كۆيۈمچان دوستىمىز، ئۇ پەقەت دۇئالىرىمىزنى تىڭشاپلا قويماي، ئۇلارغا ھەم جاۋاب بېرىدۇ. بەزىدە ئۇ بەك تېز جاۋاب بېرىدۇ، لېكىن بەزىدە بىر مەسىلە توغرۇلۇق قايتا-قايتا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى قانداق بولسۇن، خۇدا دۇئايىمىزغا دەل ۋاقتىدا ۋە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ جاۋابى بىز كۈتكەندىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ بىزنى سىناقلاردىن نېرى قىلىشىنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن دانالىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلەيدۇ.—1-كورىنت. 10:13.
8. دۇئا قىلىشنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
8 بۇ بىباھا سوۋغات ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — خۇدانىڭ «توختىماي دۇئا قىلىڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىش (1-سالونىكا. 5:17). خۇدا بىزنى دۇئا قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئەكسىنچە، تاللاش ئەركىنلىكىمىزنى ھۆرمەتلەپ، بىزنى ھەرقاچان دۇئا قىلىشقا ئۈندەيدۇ (رىملىقلار 12:12). دېمەك، دۇئا قىلىش ھەدىيەسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى ھەر كۈنى پات-پات دۇئا قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، دۇئايىمىزدا يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.—زەبۇر 145:2، 3.
9. بىر قېرىنداش دۇئا توغرۇلۇق نېمە دېگەن ۋە سىز دۇئاغا قانداق قارايسىز؟
9 يەھۋا خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلغانسېرى ۋە ئۇنىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنسېرى، دۇئا ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. 47 يىل تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان كرىس مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن. قۇياش نۇرى چىقىپ، ئەتراپ ئىنتايىن گۈزەل بىر تۈسكە كىرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى كۆتىرىدۇ! دۇئا قىلىش ئىمتىيازى ۋە باشقا بارلىق سوۋغاتلىرى ئۈچۈن رەھمىتىنى ئېيتىمەن. ھەر كۈن ئاخىرلاشقاندا، دۇئا قىلغاندىن كېيىن، تىنچ-خاتىرجەم، پاك ۋىجدان بىلەن ئۇخلىيالايمەن».
مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى
10. بىز نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك؟
10 خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى — بىز چوقۇم قەدىرلىشىمىز زۆرۈر يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خەزىنە. ئەيسا بىزنى مۇقەددەس روھنى سوراپ دۇئا قىلىشقا ئۈندىگەن (لۇقا 11:9، 13). يەھۋا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت، ھەتتا ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ بېرىدۇ (2-كورىنت. 4:7؛ ئەلچى. 1:8). خۇدا روھىنىڭ ياردىمى بىلەن بىز ھەرقانداق سىناققا سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
11. مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 مۇقەددەس روھ خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدۇ. خۇدانىڭ روھى قابىلىيەتلىرىمىز ۋە تالانتلىرىمىزنى ئاشۇرالايدۇ. بىز خىزمەتتىكى ئۇتۇقلارغا ئۆز كۈچىمىز بىلەنلا ئەمەس، مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن يېتىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىمىز.
12. زەبۇر 139:23، 24-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مۇقەددەس روھنىڭ نېمە قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىشىنى سوراپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
12 خـۇدانـىـڭ مـۇقـەددەس روھـىـنـى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — مۇقەددەس روھنىڭ بىزگە يامان ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھەۋەسلىرىمىزنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىشىنى سوراپ دۇئا قىلىش (زەبۇر 139:23، 24-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلساق، يەھۋا ئۆز روھى ئارقىلىق بىزگە يامان ئوي-خىياللىرىمىز ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنى كۆرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇلارنى ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن، بىز خۇداغا دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق شۇ ئوي-خىياللار بىلەن ھەۋەسلىرىمىزگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى سورىشىمىز لازىم. شۇندىلا، يەھۋا بىزگە ئۆز مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى توختاتماسلىقى ئۈچۈن، قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.—ئەفەس. 4:30.
13. مۇقەددەس روھ ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
13 مۇقەددەس روھنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نېمە قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلساق، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولىمىز. ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال شاگىرتلىرىغا: «ئۈستۈڭلارغا مۇقەددەس روھ چۈشكەندە، سىلەر . . . يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىلىرىغىچە مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر»،— دەپ ئېيتقان (ئەلچى. 1:8). بۇ سۆزلەر بۈگۈنكى كۈندە ئاجايىپ تۈردە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى 8.6 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا روھىنىڭ ياردىمى بىلەن بىز روھىي جەننەتتە ياشاۋاتىمىز، چۈنكى مۇقەددەس روھ سۆيگۈ، خۇشاللىق، تىنچلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىمان، مۇلايىملىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتەك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ — «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» (گالاتىيا. 5:22، 23). دەرھەقىقەت، مۇقەددەس روھ — قىممەتباھا سوۋغات!
يەھۋا، ئەيسا ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ۋەز ئىشىمىزنى قوللىشى
14. ۋەز ئىشىغا قاتناشقاندا، بىزنى كىملەر قوللايدۇ؟
14 يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خەزىنە — يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسمى بىلەن «بىرگە ئەمگەك» قىلىش (2-كورىنت. 6:1). بىز شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز. ئەلچى پاۋلۇس ئۆزى ۋە بۇ ئىشقا قاتنىشىدىغانلار توغرۇلۇق: «بىز — خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى»،— دەپ ئېيتقان (1-كورىنت. 3:9). ۋەز قىلغاندا، بىز ئەيسا بىلەنمۇ خىزمەتداش بولىمىز. ئېسىڭىزدە بولسا، بارلىق خەلقلەردىن «شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە: «مەن سىلەر بىلەن بولىمەن»،— دېگەن (مەتتا 28:19، 20). ئۇنداقتا، پەرىشتىلەرچۇ؟ بىز «يەر يۈزىدە ياشاۋاتقانلارغا، . . . مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر»نى ئېيتىۋاتقاندا، پەرىشتىلەرنىڭ بىزنى يېتەكلەيدىغانلىقى ئاجايىپ بىر بەرىكەت!—ۋەھىي. 14:6.
15. ۋەز خىزمىتىمىزدە، يەھۋا خۇدانىڭ رولى قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان مىسالنى كەلتۈرۈڭ.
15 ئاسماندىن كەلگەن ياردەم ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئۇرۇنلايمىز؟ پادىشاھلىق خۇش خەۋەر ئۇرۇقلىرىنى چاچقىنىمىزدا، بەزى ئۇرۇقلار مۇنبەت تۇپراققا ئوخشاش يۈرەكلەرگە چۈشۈپ، ئۆسۈپ مول ھوسۇل بېرىدۇ (مەتتا 13:18، 23). ئاشۇ ھەقىقەت ئۇرۇقلىرىنى كىم ئۆستۈرۈپ، مول ھوسۇللۇق قىلىدۇ؟ ئەيسا ئېيتقاندەك، ئاتىسى ئادەمنى ئۇنىڭغا «جەلپ قىلمىسا»، ئۇ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالمايدۇ (يۇھاننا 6:44). مۇقەددەس كىتابتا، بۇنى ئىسپاتلايدىغان ياخشى بىر مىسال بار. پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر توپ ئاياللارغا ۋەز قىلغاندا نېمە يۈز ئىش بەرگەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالايلى. مۇقەددەس كىتابتا شۇ ئاياللارنىڭ بىرى لىدىيا توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان: «پاۋلۇسنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى قوبۇل قىلسۇن دەپ يەھۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاچتى» (ئەلچى. 16:13—15). خۇدا خۇددى ئاشۇ لىدىياغا ئوخشاش مىليونلىغان ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.
16. ۋەز خىزمىتىدە قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلىرىمىز ئۈچۈن كىم ماختاشقا سازاۋەر؟
16 ۋەز خىزمىتىمىزدە، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار ئۈچۈن كىم ماختاشقا سازاۋەر؟ بۇ سوئالغا كورىنتتىكى جامائەتكە يازغان خېتىدە پاۋلۇس مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن تېرىدىم، ئاپوللوس سۇغاردى، لېكىن خۇدا ئۆزى ئۆستۈردى. دېمەك، تېرىغان ۋە سۇغارغان ئەمەس، بەلكى ئۆستۈرگەن خۇدا ئۇلۇغلىنىشى لازىم» (1-كورىنت. 3:6، 7). ئۇنداقتا، پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، خىزمەتتىكى ھەرقانداق ئۇتۇقلىرىمىز ئۈچۈن شان-شەرەپنى خۇدايىمىز يەھۋاغا بېرەيلى.
17. خۇدا، مەسىھ ۋە پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
17 خۇدا، مەسىھ ۋە پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ قىزغىنلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ئېيتىش پۇرسىتىنى ئىزدەش ئارقىلىق. بۇنى قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ. مەسىلەن، «خەلق ئالدىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي» ۋەز ئېيتىش (ئەلچى. 20:20). يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلار نارەسمىي گۇۋاھلىق بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئادەمنى ئۇچراتقاندا، دوستانە مۇئامىلە بىلەن ئىللىق سالاملىشىپ، سۆھبەت باشلاشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ئادەم سۆزلىشىشنى خالىسا، پەم-پاراسەت بىلەن سۆھبەت تېمىسىنى پادىشاھلىق خەۋىرىگە يۆتكەيدۇ.
18، 19. (1) ھەقىقەت ئۇرۇقىنى قانداق سۇغۇرىمىز؟ (2) يەھۋا خۇدا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن بىر كىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
18 خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى بولغاچقا، بىز پەقەت ھەقىقەت ئۇرۇقىنى تېرىپلا قويماي، يەنە ئۇنى سۇغۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئادەم خۇش خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسەتسە، ئۇنىڭ بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلاش ئۈچۈن قايتا يولۇقۇشقا ياكى ئۇنىڭغا باشقا بىرسىنىڭ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سالىمىز. يەھۋا شۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرىنى ۋە ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، قەلبىمىز شاد-خۇراملىققا تولىدۇ.
19 جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ۋە بۇرۇن داخان بولغان رافالالانى ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىمنى بەك ياخشى كۆرگەن. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا ئەرۋاھلار بىلەن ئالاقە قىلىش توغرۇلۇق نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولغان (تەكرار. قا 18:10—12). بىراق، ئۇ ئاستا-ئاستا ئوي-پىكىرىنى خۇدانىڭ ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇپ، ۋاقىت ئۆتۈپ جان باقىدىغان يالغۇز بىر ئۇسۇلى داخانلىقنى تاشلىغان. ھازىر 60 ياشقا كىرگەن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ماڭا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا بەك مىننەتدارمەن. ئۇلار ئىش تېپىشىمغىمۇ ياردەم بەرگەن. ئەڭ مۇھىمى، ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەن يەھۋاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. ھازىر مەن چۆمۈلدۈرۈلگەن ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە، ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىمەن».
20. سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
20 بۇ ماقالىدە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تۆت بايلىقنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى — يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز. يەھۋا بىلەن دوست بولساق، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان باشقىمۇ بايلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلالايمىز، مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيمىز ۋە يەھۋا خۇدا، ئەيسا مەسىھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولالايمىز. ئۇنداقتا، كېلىڭلار، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ بايلىق ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆيۈمچان دوستىمىز يەھۋاغا رەھمەت ئېيتىشنى ھەرگىزمۇ توختاتمايلى!
19-ناخشا خۇدا ۋەدە قىلغان جەننەت
a ئالدىنقى ماقالىدە، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان بەزى سوۋغاتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بۇ ماقالىدە بولسا، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان سوۋغاتلارغا دىققەتنى قارىتىمىز ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنىڭدەك، بۇ قىممەتلىك سوۋغاتلارنى بەرگەن يەھۋاغا تېخىمۇ مىننەتدار بولىمىز.
b سۈرەتتە: 1) قېرىنداش مەۋجۇداتلارغا قاراپ زوقلىنىپ، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: 2) ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن يەھۋادىن كۈچ سوراۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: 3) مۇقەددەس روھ قېرىنداشنىڭ جاسارەتلىك بولۇپ نارەسمىي گۇۋاھلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: 4) قېرىنداش ئۆزى نارەسمىي گۇۋاھلىق بەرگەن ئايال بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.