يەھۋاغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈڭ!
«پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا، ئۆز ئەقلىڭگە تايانما». —پەندى-نەسىھەت 3:5.
ناخشىلار: 152، 49
1. نېمە ئۈچۈن ھەممىمىز تەسەللىگە مۇھتاج؟
بىز ھەممىمىز تەسەللىگە مۇھتاج. بەلكىم، ھاياتىمىز غەم-ئەندىشىلەر، ئۈمىدسىزلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىككە تولغاندۇ. ئاغرىق ۋە قېرىلىقنىڭ دەردىنى تارتقاچ ياكى يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلغاچ ئازابلىنىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. باشقىلار بولسا ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلىۋاتقاندۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر بارغانسېرى زوراۋان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. راستىنلا، بۇ «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار» بىزنىڭ «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھەم يېڭى دۇنيانىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (2-تىموتىي 3:1). ئېھتىمال، يەھۋانىڭ ۋەدە قىلغان كۈنىنى ئۇزاق ۋاقىت كۈتۈۋاتقاندىمىز. قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، تەسەللىنى قەيەردىن تاپالايمىز؟
2، 3. (1) ھاباققۇق ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟ (2) ھاباققۇق كىتابىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟
2 بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھاباققۇق كىتابىدىن تاپالايمىز. يازمىلاردا ھاباققۇقنىڭ ھاياتى تەپسىلىي تەسۋىرلەنمىسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابىدا ئىلھام بېرىدىغان كۆپ نەسىھەتلەر بار. ئېھتىمال، ھاباققۇق دېگەن ئىسىم «قىزغىن باغرىغا بېسىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەھۋانىڭ بىزگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن باغرىغا باسىدىغانلىقىنى ياكى بىزنىڭ ئۇنى مەھكەم تۇتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ھاباققۇق يەھۋا بىلەن سۆزلىشىپ، بىرنەچچە سوئال سورىغان. يەھۋا بۇ سۆھبەتنىڭ بىزگىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ھاباققۇققا يازدۇرغان.—ھاباققۇق 2:2.
3 مۇقەددەس يازمىلاردىن ھاباققۇق ھەققىدە پەقەت مۇشۇ سۆھبەتتىن بىلىم ئالالايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەن. خۇدا سۆزىدە «قەدىمدە يېزىلغان بارچە نەرسىلەر بىزنىڭ تەلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغان. شۇڭا، سەۋر-تاقەت ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئالغان تەسەللىي ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولالايمىز»،— دەپ يېزىلغان (رىملىقلار 15:4). ھاباققۇق كىتابىدىن قانداق پايدا ئالالايمىز؟ بىز ئۇنىڭدىن يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن، ھاباققۇق كىتابىدىكى بېشارەت مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەيلى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرىدۇ.
يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ
4. ھاباققۇقنىڭ كۆڭلى نېمە سەۋەبتىن ئازابلانغان؟
4 ھاباققۇق 1:2، 3-نى ئوقۇڭ. ھاباققۇق پەيغەمبەر قىيىن ۋاقىتتا ياشىغان. شۇ چاغدا، ئادەملەر ناھايىتى رەزىل ۋە زوراۋان بولغان. مەيلى قاياققا قارىماڭ، ئىسرائىللىقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىزلارچە مۇئامىلە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ھاباققۇقنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازابلانغان. بەلكىم، ئۇ: ‹بۇ زوراۋانلىقلار قاچانمۇ ئاخىرلىشار؟ يەھۋا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا يول قويۇۋاتىدۇ؟›،— دەپ ئويلىغان. ئۇ ئۆزىنى بەك ئاجىز ھېس قىلغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋاغا يالۋۇرۇپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى سورىغان. بەلكىم، ھاباققۇق يەھۋانى ئۆز خەلقىگە ئەمدى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ياكى ھېچنېمە قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان. سىزدىمۇ شۇنداق ئويلار بولغانمۇ؟
5. ھاباققۇق كىتابىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
5 ھاباققۇق بۇ سوئاللارنى يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاشقانلىقتىن سورىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! پەيغەمبەر گۇماندىن خالى بولۇش ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرىشىش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سورىغان. بۇ ئۇنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاپ، ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھاباققۇق بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، غەم-قايغۇغا پاتقان. ئۇ يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە قىيىنچىلىقلارغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەن. يەھۋا خۇدا ھاباققۇقنىڭ ئۆز غەم-ئەندىشىسىنى يازمىلارغا يازدۇرغانلىقىدىن بىر مۇھىم ساۋاق ئالىمىز. بىز يەھۋاغا ئۆز غەم-ئەندىشىلىرىمىز ياكى گۇمانلىرىمىزنى ئېيتىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈشكە چاقىرىدۇ (زەبۇر 50:15؛ 62:8). پەندى-نەسىھەت 3:5-ئايەتتە مۇنداق سۆزلەر بار: «پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا، ئۆز ئەقلىڭگە تايانما». ھاباققۇق بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغان.
6. يەھۋاغا دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
6 ھاباققۇق ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ئاتىسى بولغان يەھۋاغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ غەم قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئۆز قولىغا ئالماي، ئەكسىچە دۇئادا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە غەم-تەشۋىشلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە. دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى يەھۋا بىزنى دۇئادا ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈپ، ئۇنىڭغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ (زەبۇر 65:2). شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ بىزگە تەسەللىي بەرگەندە ۋە يېتەكلىگەندە، بىزنى باغرىغا باسقاندەك ھېس قىلىمىز (زەبۇر 73:23، 24). بىز مەيلى قانداق سىناققا دۇچ كېلەيلى، يەھۋا ۋەزىيىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. دۇئا قىلىش — يەھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.
يەھۋانى تىڭشاڭ
7. ھاباققۇق غەم-تەشۋىشلىرىنى ئېيتقاندا، يەھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
7 ھاباققۇق 1:5—7-نى ئوقۇڭ. ھاباققۇق ھەممە غەم-تەشۋىشلىرىنى يەھۋاغا ئېيتقاندىن كېيىن، يەھۋا قانداق ھەرىكەت قىلار دەپ ئويلىغاندۇ. كۆيۈمچان ئاتىدەك يەھۋا ھاباققۇقنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەن. ئۇ ھاباققۇقنىڭ ئازاب چېكىپ، ياردەم سوراپ يالۋۇرغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، يەھۋا ھاباققۇقنى ئەيىبلىمەي، بەلكى ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىمىغان يەھۇدىيلارنى پات-ئارىدا جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەھۋا ئۆز خەلقىنى پات-يېقىندا جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغان بىرىنچى ئادەم ھاباققۇق بولغان بولۇشى مۇمكىن.
8. يەھۋانىڭ جاۋابى نېمە ئۈچۈن ھاباققۇقنى ھەيران قالدۇرغان؟
8 يەھۋا ھاباققۇققا ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ رەزىل ۋە زوراۋان يەھۇدا خەلقىنى جازالىماقچى بولغان. يەھۋا بۇ «سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا» يۈز بېرىدۇ دېيىش ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمنىڭ ھاباققۇقنىڭ ياكى ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ ۋاقتىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەھۋانىڭ مۇنداق جاۋابى ھاباققۇقنى ھەيران قالدۇرغان. كالدانلىقلار دەپمۇ ئاتالغان بابىلونلۇقلار ناھايىتى رەھىمسىز خەلق بولغان. ئۇلار يەھۋانىڭ تەلەپلىرىنى بىلىمىز دەيدىغان ئىسرائىللىقلاردىنمۇ بەكرەك زوراۋان ۋە رەھىمسىز بولغان. ئۇنداقتا، يەھۋا ئۆز خەلقىنى جازالاش ئۈچۈن نېمە سەۋەبتىن يالغان ئىلاھلارغا سەجدە قىلىدىغان زوراۋان خەلقنى ئىشلەتمەكچى بولغان؟ شۇنداق قىلسا، ئىسرائىللارنىڭ دەردىگە دەرد قوشۇلاتتىغۇ؟! ئەگەر سىز ھاباققۇقنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولاتتىڭىز؟
9. ھاباققۇق يەھۋادىن يەنە قانداق سوئاللارنى سورىغان؟
9 ھاباققۇق 1:12—14، 17-نى ئوقۇڭ. ھاباققۇق يەھۋانىڭ ۋاپاسىز خەلقنى جازالاش ئۈچۈن بابىلونلۇقلارنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلسىمۇ، بەزى تەپسىلاتلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ئېنىق بولمىغان. بىراق، ئۇ كەمتەر بولۇپ، داۋاملىق يەھۋاغا تايىنىشقا بەل باغلىغان. شۇڭا، ھاباققۇق يەھۋا ئۇنىڭ ئۈچۈن دائىم «قورام تاش» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (تەكرار قانۇن 32:4؛ يەشايا 26:4). ھاباققۇق يەھۋانىڭ مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن يەنە باشقا سوئاللارنى سوراشتىن قورقمىغان. مەسىلەن: يەھۋا نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيىدىكى شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئازاب چېكىشىگە يول قويۇۋاتىدۇ؟ خۇدا نېمە ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلمايدۇ؟ خۇدا نېمە سەۋەبتىن تىپ-تىنچ تۇرۇپ، زوراۋانلىققا چىداۋاتىدۇ؟ دەرھەقىقەت، يەھۋا «مۇقەددەس تەڭرى» ۋە ئۇنىڭ «كۆزلىرى شۇنچىلىك پاككى، يامانلىققا قاراپ تۇرالمايدۇ».
10. نېمە ئۈچۈن بەزىدە ئۆزىمىزنى ھاباققۇققا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟
10 بەزىدە بىزمۇ ئۆزىمىزنى ھاباققۇققا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بىز يەھۋانى تىڭشايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز ۋە سۆزىنى ئوقۇپ-ئۆگىنىمىز. شۇنداق قىلىپ ئۈمىدكە ئېرىشىمىز. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن ئۇنىڭ ۋەدىلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلىمىز. شۇنداق بولسىمۇ، بىز: «ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئاخىرى كېلەمدۇ؟»— دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ھاباققۇقنىڭ كېلەركى ھەرىكىتىدىن قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرەيلى.
يەھۋانى كۈتۈڭ
11. ھاباققۇق نېمە قىلىشقا بەل باغلىغان؟
11 ھاباققۇق 2:1-نى ئوقۇڭ. ھاباققۇق يەھۋا بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئىگە بولغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشكە بەل باغلىغان. ھاباققۇقنىڭ «مەن تىپ-تىنچ ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى كۈتىمەن» دېگەن سۆزلىرى بۇنى ئىسپاتلىغان (ھاباققۇق 3:16). يەھۋانىڭ باشقىمۇ سادىق خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساداقەتمەن بولۇپ قالغان بولسا، شۇنداق قىلىش بىزنىڭمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.—مىكاھ 7:7؛ ياقۇپ 5:7، 8.
بىز يەھۋانىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قىيىنچىلىقلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك
12. ھاباققۇقنىڭ قەتئىي قارارىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 ھاباققۇقنىڭ قەتئىي قارارىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بىرىنچىدىن، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، يەھۋاغا دائىم دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەھۋانىڭ بىزگە مۇقەددەس كىتاب ۋە تەشكىلات ئارقىلىق بېرىۋاتقان تەلىمىگە قۇلاق سېلىشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۆز ۋاقتىدا قىيىنچىلىقلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. ھاباققۇقتىن ئۈلگە ئالساق، بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ۋە سەۋر-تاقەتكە ئىگە بولىمىز. مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلەيلى، ئۈمىدىمىز بىزگە سەۋرچان ۋە بەختلىك بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.—رىملىقلار 12:12.
13. يەھۋا ھاباققۇققا قانداق قىلىپ تەسەللىي بەرگەن؟
13 ھاباققۇق 2:3-نى ئوقۇڭ. ھاباققۇقنىڭ كۈتۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ، يەھۋا سۆزسىز خۇشال بولغان ئىدى. ھەممىگە قادىر خۇدا ھاباققۇقنىڭ ئازاب چەككەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا پەيغەمبەرنىڭ ھەممە سوئاللىرىغا چوقۇم جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. پات-ئارىدا ھاباققۇق ھەممە غەم-تەشۋىشلىرىدىن ئازاد بولاتتى. يەھۋا ئۇنىڭغا خۇددى مېھرىبان ئاتا بالىسىغا: «سەۋرچان بول ۋە ماڭا تايانغىن. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندەك تۇيۇلسىمۇ، مەن سېنىڭ دۇئايىڭغا چوقۇم جاۋاب بېرىمەن»،— دېگەندەك بولغان. يەھۋا ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن-ئالا بەلگۈلەپ قويغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھاباققۇقنى داۋاملىق كۈتۈشكە دەۋەت قىلغان. شۇنداق قىلغىنىدا، پەيغەمبەر يەھۋانىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغىنىغا پۇشايمان قىلمايتتى.
14. قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
14 بىزمۇ يەھۋانىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشىشىمىز لازىم. شۇ چاغدىلا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلەيلى، بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مەھكەم ئىشەنچكە ئىگە بولىمىز. ئەيسا مەسىھ بىزگە نامەلۇم ۋاقىت-سائەت ھەققىدە ئەنسىرەشنىڭ كېرىكى يوق، دەپ ئېيتقان (ئەلچىلەر 1:7). يەھۋا ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۆزى بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. شۇڭا، بىز كەمتەر ۋە سەۋرچان بولۇپ، خۇداغا ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم. ھازىر بولسا، يەھۋانى كۈتۈپ ۋاقتىمىزدىن دانالىق بىلەن پايدىلىنايلى ۋە يەھۋاغا بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلايلى.—ماركۇس 13:35—37؛ گالاتىيالىقلار 6:9.
يەھۋا ئۇنىڭغا تايانغان كىشىلەرگە مەڭگۈ ھايات بېرىدۇ
15، 16. (1) ھاباققۇق كىتابىدا خۇدانىڭ قانداق ۋەدىلىرى يېزىلغان؟ (2) بۇ ۋەدىلەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
15 يەھۋا «ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ» ۋە «پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ»، دەپ ۋەدە قىلغان (ھاباققۇق 2:4، 14). دەل شۇنداق، يەھۋا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلايدىغان كىشىلەرگە مەڭگۈ ھاياتنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.
16 ھاباققۇق 2:4-ئايەتتىكى ۋەدە شۇنچىلىك مۇھىمكى، ئەلچى پاۋلۇس ئۇنى ئۆز خەتلىرىدە ئۈچ قېتىم نەقىل كەلتۈرگەن! (رىملىقلار 1:17؛ گالاتىيالىقلار 3:11؛ ئىبرانىيلار 10:38). بىز قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يەھۋاغا تايانساق، ئۇنىڭ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرىمىز. يەھۋا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈمىدكە كۆز تىكىشىمىزنى خالايدۇ.
17. يەھۋا ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلايدىغان كىشىلەرگە قانداق ۋەدە بېرىدۇ؟
17 ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەملەر ھاباققۇق كىتابىدىن ساۋاق ئالالايدۇ. يەھۋا ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلايدىغان ھەربىر ھەققانىي كىشىگە مەڭگۈ ھاياتنى بېرىشنى ۋەدە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قانداق قىيىنچىلىقلار ۋە غەم-قايغۇلىرىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇداغا بولغان ئىشەنچىمىزنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيلى. يەھۋانىڭ ھاباققۇققا ئېيتقان سۆزلىرى ئۇنىڭ بىزنىمۇ قوغداپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. يەھۋا ئۆز پادىشاھلىقىنى يەر يۈزىدە ئورنىتىدىغان ۋاقىتنى بەلگۈلەپ قويغان. ئۇ بىزنى ئۇنىڭغا تايىنىپ، شۇ ۋاقىتنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە چاقىرىدۇ. شۇ چاغدا، يەرشارى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان شاد-خۇرام ۋە تىنچلىقپەرۋەر ئادەملەرگە تولىدۇ.—مەتتا 5:5؛ ئىبرانىيلار 10:36—39.
يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن ئىشەنچ باغلايلى
18. يەھۋانىڭ سۆزلىرى ھاباققۇققا قانداق تەسىر قىلغان؟
18 ھاباققۇق 3:16—19-نى ئوقۇڭ. يەھۋانىڭ سۆزلىرى ھاباققۇققا قاتتىق تەسىر قىلغان. ھاباققۇق يەھۋانىڭ قەدىمقى ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەملەنگەن. ئۇ يەھۋانىڭ پات-ئارىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن! پەيغەمبەر يەنە بىراز ۋاقىت ئازاب چېكىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. ھاباققۇقنىڭ گۇمانى تامامەن يوق بولغانىدى. ئۇ يەھۋانىڭ ئۇنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن. ھاباققۇقنىڭ 18-ئايەتتىكى سۆزلىرىنى، مۇقەددەس كىتابتىكى ئالاھىدە ئىشەنچ بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايەت ئۇدۇل مەنىدە، «رەب سەۋەبلىك خۇشاللىقىمدىن سەكرەيمەن، ئىگەم خۇدايىم سەۋەبلىك چۆرگىلەپ ئۇسسۇل ئوينايمەن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. 16—19-ئايەتلەردە، ھەممىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر دەرس بار! يەھۋا بىزگە كېلەچىكىمىز ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىپلا قويماي، شۇ ۋەدىلىرىنى يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.
19. ھاباققۇققا ئوخشاش بىز قانداق قىلىپ يەھۋادىن تەسەللى ئالالايمىز؟
19 ھاباققۇق كىتابىدىن يەھۋاغا تايىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق (ھاباققۇق 2:4). يەھۋاغا داۋاملىق تايىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز، بىرىنچىدىن، يەھۋاغا دۇئادا ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشاپ، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئارقىلىق ئالىدىغان كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈپ، ساداقەتمەن ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز مۇھىم. ھاباققۇق پەيغەمبەر دەل شۇنداق ھەرىكەت قىلغان. ئۇ يەھۋاغا بىرىنچى قېتىم سۆزلىگەندە، كۆڭلى ئازابلانسىمۇ، ئاخىرىدا ئۇ تەسەللىي ئېلىپ، خۇشاللىققا ئېرىشكەنىدى. ھاباققۇقتىن ئۈلگە ئالساق، ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋا بىزنى باغرىغا بېسىپ، ئىلھامبەخش ئاتا قىلىدۇ. بۇ رەزىل دۇنيادا بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان تەسەللى يوقتۇر!