يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟
«ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار».—رىملىقلار 12:2.
ناخشىلار: 34، 43
1، 2. روھىي جەھەتتىن ئۆسكەنسېرى، بىز نېمىنى چۈشىنىشكە باشلايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
كىچىك بالا بىر سوۋغات ئالدى دەيلى. يېنىدا تۇرغان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «رەھمەت دېمەمسىز؟»— دەيدۇ. شۇ چاغدا، بالا پەقەت ئاتا-ئانىسى ئېيتقانلىقتىن رەھمەت دەيدۇ. لېكىن، بالا چوڭ بولغانسېرى نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى مۇھىم دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. كېيىن، ئۇ مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىپ، باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىشقا باشلايدۇ.
2 بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ ئوخشاش ۋەزىيەت يۈز بەرگەن. بىز ھەقىقەتنى ئۆگەنگەندە، يەھۋانىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىگە بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۇق. روھىي جەھەتتىن ئۆسكەنسېرى، بىز يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە باشلىدۇق: ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە نېمىنى ئۆچ كۆرىدۇ ھەمدە ئۇ ھەرخىل ۋەزىيەتلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى قارارلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويساق، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىمىز.
3. يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
3 يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگەنگەندە خۇشال بولساقمۇ، بىز نامۇكەممەل بولغاچقا، بەزىدە ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولىدۇ. مەسىلەن، بىز ئەخلاقىي ئۆلچەملەر، مال-دۇنيا، ۋەز قىلىش ئىشى، قاننى ئىشلىتىش ۋە باشقا نەرسىلەرگە قارىتا يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلىمىز. بىراق، بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىش قىيىن بولىدىغاندۇ. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشنى قانداق داۋاملاشتۇرالايمىز؟ بۇ ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ توغرا ھەرىكەت قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى
4. ئەقلىمىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
4 رىملىقلار 12:2-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتە، ئەلچى پاۋلۇس يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى يازغان. ئۇ: «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرمەڭلار»،— دېگەن. ئۆتكەن ماقالىدىن بىلگىنىمىزدەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ دۇنيادىكى ئوي-پىكىرلەر ۋە كۆز قاراشلارنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس يەنە ئۆز ئەقلىمىزنى يېڭىلاش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىشقا، يەھۋانىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ۋە خۇداغا ئوخشاش ئويلاشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
5. ئوقۇش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
5 شەخسىي ئۆگىنىش پەقەت مەلۇماتنى تېز ئوقۇپ، جاۋابلارنى سىزىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز تەتقىق قىلغاندا «يەھۋا قانداق خۇدا؟ ئۇ قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟» دېگەن سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، بىز يەھۋانىڭ بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىزنى ۋە يەنە بەزى ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشىمىزنى نېمە سەۋەبتىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەن كۆز قارىشىمىزنى قايسى تەرەپتىن ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە سوئاللار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، مۇلاھىزە قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەك. بەلكىم، شەخسىي ئۆگىنىشكە بېغىشلىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىنى مۇلاھىزە قىلىشقا بۆلسەك بولىدۇ.—زەبۇر 119:97؛ 1-تىموتىي 4:15.
6. مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىمىز؟
6 مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا ئاجايىپ نەتىجىگە ئېرىشىمىز. بىز يەھۋانىڭ ئويلىرى مۇكەممەل ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىمىز. يەھۋانىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ ئەقلىمىز يېڭىلىنىپ، يېڭى ئۇسۇلدا ئويلاشنى باشلايمىز. بارا-بارا بىز يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىمىز.
ئويلىرىمىز ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ
7، 8. (1) يەھۋانىڭ مال-دۇنياغا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىملەرگە قاراڭ) (2) مال-دۇنياغا يەھۋا قارىغاندەك قارىساق، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى نېمە بولىدۇ؟
7 ئويلىرىمىز ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ (ماركۇس 7:21—23؛ ياقۇپ 2:17). بۇنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، كېلىڭلار، بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچىسى، ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى ۋەقە. بۇ ۋەقەدىن يەھۋانىڭ مال-دۇنياغا بولغان كۆز قارىشى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئاددىي ھايات كەچۈرسىمۇ، ئوغلىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن يەھۋا ئۇلارنى تاللىغان (لاۋىيلار 12:8؛ لۇقا 2:24). ئەيسا تۇغۇلغاندا، مەريەم ئۇنى «بىر ئېغىلدا ئوقۇرغا ياتقۇزۇپ قويدى، چۈنكى مېھمان سارايلار تولۇپ كەتكەن» (لۇقا 2:7). يەھۋا خالىسا، ئوغلىنىڭ ياخشىراق بىر جايدا تۇغۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالايتتى. بىراق، ئۇ ئەيسانىڭ پاك ئىبادەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئائىلىدە ئۆسۈشىنى خالىغان. بۇ يەھۋا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان.
8 بۇ ۋەقەدىن يەھۋانىڭ مال-دۇنياغا بولغان كۆز قارىشى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار مال-دۇنياغا بولغان ناتوغرا كۆز قاراش بالىلىرىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە قىممەت نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشىنى خالايدۇ. ئەمما، يەھۋا ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بەك مۇھىم. سىز مال-دۇنياغا يەھۋاغا ئوخشاش قارامسىز؟ سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز شۇنى كۆرسىتەمدۇ؟—ئىبرانىيلار 13:5-نى ئوقۇڭ.
9، 10. باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشقا، يەھۋانىڭكىدەك كۆز قاراشتا قارايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
9 يەنە بىر مىسال سۈپىتىدە يەھۋا باشقىلارنى پۇتلىكاشاڭ قىلىدىغان ئادەملەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. مۇنداق ئادەم باشقىلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ياكى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەيسا: «كىمكى ماڭا ئىشەنگەن بۇ كىچىكلەردىن بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، ئۇنى ئىمان يولىدىن تايدۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشىنى باغلاپ، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزغا تاشلاپ چۆكتۈرۈۋەتسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىراق بولىدۇ»،— دېگەن (ماركۇس 9:42). بۇ نېمە دېگەن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش! ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، ئەيسا يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، بىرەر كىشى ئەيسانىڭ شاگىرتىغا پۇتلىكاشاڭ بولسا، يەھۋا رەنجىيدۇ.—يۇھاننا 14:9.
10 باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشقا قارىتا كۆز قارىشىمىز يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشامدۇ؟ بۇ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدىن كۆرۈنەمدۇ؟ مەسىلەن، بىز مەلۇم كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈلگىلىرىگە ئامراق بولۇشىمىز مۇمكىن. لېكىن، بۇ جامائەتتىكى بىرسىگە يامان تەسىر قىلسا ياكى ئۇنىڭدا ناپاك ئويلارنى ئويغاتسا، نېمە قىلىمىز؟ ئېتىقادداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلامدۇ؟—1-تىموتىي 2:9، 10.
11، 12. يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغاننى ئۆچ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىش بىزنى نېمىدىن ھىمايە قىلىدۇ؟
11 ئۈچىنچى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى: يەھۋا رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىدۇ (يەشايا 61:8). بىز نامۇكەممەل بولغاچ، توغرا ئىش قىلىش بەزىدە بىز ئۈچۈن قىيىن. خۇدا بۇنى ياخشى بىلسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 97:10-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىز يەھۋانىڭ يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن نېرى تۇرىمىز.
مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بەزى يامان ئىشلار ناتوغرا بولىدۇ
12 رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىشنى ئۆگەنسەك، مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بەزى يامان ئىشلارنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندە بىر كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناشتەك ئەخلاقسىز ھەرىكەت كەڭ تارقالغان. بەزى ئادەملەر «بۇ ئۇسسۇلنى ئوينىغاندا، بىرسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمايسىز، شۇڭا ئۇنىڭ ھېچ يامىنى يوق» دېيىشى مۇمكىن a (ئىزاھاتقا قاراڭ). بىراق يەھۋا بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇن، يەھۋا يامانلىقنىڭ ھەرقانداق تۈرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنى تۇتۇشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋە يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىش ئارقىلىق يامانلىقتىن نېرى تۇرايلى.—رىملىقلار 12:9.
قانداق يول تۇتۇشنى ئالدىن-ئالا ئويلاشتۇرۇڭ
13. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ھەققىدە ئويلانساق، كەلگۈسىدىكى قارارلىرىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
13 شەخسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا، يەھۋانىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. بۇ دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا، قارارنى تېز چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، بىز تەييار بولىمىز (پەندى-نەسىھەت 22:3). ھازىر مۇقەددەس كىتابتىكى بىرنەچچە مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
14. يۈسۈپنىڭ پوتىفارنىڭ ئايالىغا بەرگەن جاۋابىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
14 پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ئېزىقتۇرغاندا، ئۇ ئۇنى بىردىن رەت قىلغان. يۈسۈپ يەھۋانىڭ نىكاھقا نىسبەتەن كۆز قارىشى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلغان بولسا كېرەك (يارىتىلىش 39:8، 9-نى ئوقۇڭ). ئۇ پوتىفارنىڭ ئايالىغا: «قانداقمۇ مەن بۇنداق زور ياۋۇزلۇقنى قىلىپ، خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟»— دېگەن. بۇ ئۇنىڭ يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟ ئەگەر خىزمەتدىشىڭىز سىزگە قاش-كۆز ئوينىتىشقا باشلىسا، نېمە قىلىسىز؟ ياكى بولمىسا بىرسى يانفونىڭىزغا ئەخلاقسىز ئۇچۇر ياكى رەسىم ئەۋەتسىچۇ؟ b (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ مۇنداق نەرسىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلساق ۋە قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئالدىن-ئالا قارار قىلساق، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىش ئاسانراق بولىدۇ.
15. ئۈچ ئىبرانىي يىگىتكە ئوخشاش يەھۋاغا سادىق بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
15 شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئىسىملىك ئۈچ ئىبرانىي يىگىتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. نېبۇقادنىسار پادىشاھ ياسىغان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشنى بۇيرىغاندا، ئۇلار بۇنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇلارنىڭ پادىشاھقا بەرگەن ئېنىق جاۋابىدىن، ئۇلار ساداقەتمەنلىكى قانداق سىنىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالدىن-ئالا مۇلاھىزە قىلغانلىقى كۆرۈنىدۇ (چىقىش 20:4، 5؛ دانىيال 3:4—6، 12، 16—18). ئۇنداقتا، بىز مۇنداق ئەھۋال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى، باشلىقىڭىز يالغان دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايرام ئۈچۈن پۇل بېرىشنى سورىسا، نېمە قىلىسىز؟ مۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندىلا ئەمەس، ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەھۋانىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىمىز مۇھىم. شۇ چاغدىلا، شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ھېلىقى ئۈچ ئىبرانىي يىگىتكە ئوخشاش دەرھال توغرا ھەرىكەت قىلىپ، توغرا جاۋاب بېرىشكە تەييار بولىمىز.
16. يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىش بىزنى جىددىي تىببىي ياردەم كېرەك بولغان ۋەزىيەتكە قانداق تەييارلايدۇ؟
16 بەزىدە، بىز جىددىي تىببىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش شۇ ۋەزىيەتتىمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز قاننىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ تۆت ئاساسىي تەركىبى قىسىملىرىنى قۇيدۇرۇشتىن باش تارتىمىز (ئەلچىلەر 15:28، 29). لېكىن، قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا داۋالىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ، شەخسىي قارار قىلىشى كېرەك. قانداق يول تۇتۇشنى قاچان قارار قىلىشىمىز لازىم؟ دوختۇرخانىدا جېنىمىز قىينىلىپ، قارارنى تېز چىقىرىش بېسىمى ئاستىدا بولغان ۋاقىتتىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. بىز ھازىردىن تارتىپ ئىزدىنىپ ئىرادىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ھۆججەتنى تولدۇرۇپ قويساق ۋە بۇ ھەققىدە دوختۇر بىلەن ئالدىن-ئالا سۆزلەشسەك، ياخشى بولىدۇ c.
17—19. يەھۋانىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ھازىر بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 پېترۇسنىڭ «خۇدا سېنى ساقلىسۇن، ھەزرىتىم» دېگەن ئەقىلسىز سۆزىگە ئەيسانىڭ دەرھال قايتۇرغان جاۋابى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئېنىقكى، ئەيسا ئۆزىدىن يەھۋانىڭ نېمىنى كۈتىدىغانلىقى ۋە يەردىكى ھاياتى بىلەن ئۆلۈمى ھەققىدە كۆپ مۇلاھىزە قىلغان. بۇ يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشىغا ھەم بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشىغا كۈچ بەرگەن.—مەتتا 16:21—23-نى ئوقۇڭ.
18 خۇدا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشىمىزنى ۋە بار كۈچىمىز بىلەن خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشىمىزنى خالايدۇ (مەتتا 6:33؛ 28:19، 20؛ ياقۇپ 4:8). بىراق، پېترۇسقا ئوخشاش، بەزى ئادەملەر ياخشى نىيەت بىلەن بىزنى ئويۇمىزدىن يالتايتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، باشلىقىمىز كۆپ پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىدىغاندۇ، ئەمما بۇ كۆپرەك ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلغاچقا، يىغىشلارغا ياكى ۋەز خىزمىتىگە ۋاقتىمىز يەتمەي قېلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، مۇئەللىملەر سىزگە ئۆيىڭىزدىن ئايرىلىپ، يىراق بىر يەردە قوشۇمچە بىلىم ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى دەيلى. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە سىز قارار قىلىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىپ، ئىزدىنىپ كۆرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىڭىز ياكى ئاقساقاللار بىلەن مەسلىھەتلەشسىڭىز بولىدۇ. يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ھازىر بىلىپ، ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلسىڭىز ياخشى. شۇ چاغدىلا، مۇنداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلىش ئاسان بولىدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بەل باغلىغانلىقتىن، بىز قانداق يول تۇتۇشنى ئېنىق بىلىمىز.
19 بەلكىم، سىز ئېتىقادىڭىز كۈتۈلمىگەندە سىناققا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتلەر ھەققىدىمۇ ئويلايدىغانسىز. ئەلۋەتتە، ھەربىر ۋەزىيەتكە تەييار بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بىراق، بىز شەخسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، بىلىمىمىزنى ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولىدۇ. شۇ چاغدا، بىلگەنلىرىمىزنى ھەرخىل ۋەزىيەتتە قانداق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا، شەخسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزگەندە يەھۋانىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە قارىتا ئوي-پىكىرىنى ئېنىقلاشقا ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ بىزگە ھازىرمۇ ھەم كېلەچەكتىمۇ دانا قارار قوبۇل قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ.
يەھۋانىڭ كۆز قارىشى كېلەچىكىمىزگە تەسىر قىلىدۇ
20، 21. (1) يېڭى دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ئەركىنلىكىمىزدىن ھۇزۇرلىنىمىز؟ (2) ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ بەختلىك ھايات كەچۈرەلەيمىز؟
20 ھەممىمىز يېڭى دۇنيانى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز. كۆپچىلىكىمىز يەردىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمىز. خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىز بۇ دۇنيادا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، ھەممىمىز تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ھەربىرىمىز ئۆز ئارزۇ-ھەۋىسىمىزگە ماس قارار قىلىمىز.
21 ئەمما، بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز چەكسىز بولمايدۇ. كەمتەر كىشىلەر داۋاملىق يەھۋانىڭ قانۇنلىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا تايىنىپ قارار قىلىدۇ. بۇ ئۇلارغا زور خۇشاللىق ۋە تۈگىمەيدىغان تىنچلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ (زەبۇر 37:11). شۇ ۋاقىت كەلگىچە، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ھەم شاد-خۇرام ھايات كەچۈرەلەيمىز.
a بىرسىنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناش — خېرىدارنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ، جىنسىي ھەۋەسىنى قوزغايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش. شۇنداق ئۇسسۇلنى ئوينايدىغان ئادەم يېرىم يالىڭاچ بولۇشى مۇمكىن. ۋەزىيەتكە باغلىق دەلىللەر ئاساسىدا بۇ ھەرىكەت جىنسىي ئەخلاقسىزلىق دەپ ھېسابلىنىپ، سوت كومىتېتىنى تەشكىللەش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق ھەرىكەتكە قاتناشقان ئېتىقادداش ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىشى كېرەك.—ياقۇپ 5:14، 15.
b شەھۋانىي ئۇچۇر ئەۋەتىش، بۇ يانفون ئارقىلىق ئەخلاقسىز رەسىملەرنى، ئۇچۇرلارنى ياكى فىلىملەرنى يوللاشنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك دەلىللەر ئاساسىدا مۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى قاراشتۇرۇش ئۈچۈن سوت كومىتېتىنى تەشكىللەش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بەزى چاغلاردا، ئۆسمۈرلەر شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ سوتتا ئەيىنلەنگەن. كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىگە كىرىپ، «مەن شەھۋانىي ئۇچۇر ئەۋەتىش ھەققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرەك؟» دېگەن ماقالىگە قاراڭ (مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى > ئۆسمۈرلەر). يا بولمىسا، «ئويغىنىش!» (باشقا تىل) ژۇرنىلى 2013-يىل، نويابىر سانىنىڭ 5، 4-بەتلىردىكى «شەھۋانىي ئۇچۇر ئەۋەتىشتىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە بالىلارغا قانداق ياردەم بېرىشكە بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c سىزگە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» دېگەن كىتابنىڭ 246—248-بەتلىرىدىن تاپالايسىز.