3-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا خۇدا سىزنى قەدىرلەيدۇ
«ئۇ چۈشكۈن بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسكە ئالدى».—زەبۇر 136:23.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. يەھۋانىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
مۇنداق ئۈچ مىسالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ياش بۇرادەر كۈندىن-كۈنگە سالامەتلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى. 50 ياشتىن ئاشقان ئىشلەمچان بىر بۇرادەر ئىشتىن بوشىتىلدى ۋە قانچە تىرىشىپ باقسىمۇ، باشقا ئىش تاپالمايۋاتىدۇ. ياشانغان سادىق ئايال قېرىنداش سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا، يەھۋاغا بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمايۋاتىدۇ.
2 شۇنداق ۋەزىيەتنىڭ بىرىگە دۇچ كەلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىر تىيىنغا يارىمايدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا خۇشاللىقىڭىزنى يوقۇتۇپ، ئۆز-ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلماسلىقىڭىز ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بۇزۇلۇشى مۇمكىن.
3. شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئىنسان ھاياتىغا قانداق قارايدۇ؟
3 شەيتانغا ئوخشاش، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرمۇ ئىنسان ھاياتىنى قەدىرلىمەيدۇ. شەيتان ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ھېچقاچان مۇھىم دەپ ھېسابلىمىغان. ياۋۇز شەيتان ھاۋا-ئانىنىڭ يەھۋا خۇداغا بويسۇنمىسا، ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھاۋا-ئانىغا ئەركىنلىككە ئىگە بولىسەن، دەپ ئېيتقان. مۇشۇ دۇنيادىكى سودا-سېتىق، سىياسىي ۋە دىنىي تۈزۈملەر شەيتاننىڭ قولى ئاستىدا. شۇڭا، تىجارەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ئىنسان ھاياتىنى قەدىرلىمەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولمايمىز.
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 يەھۋا خۇدا بولسا، ئۇ بىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۆزۈمىزنى كېرەكسىز ھېس قىلغان ۋاقىتلاردا، يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 136:23؛ رىملىقلار 12:3). بۇ ماقالىدە، بىز: (1) ئاغرىققا مۇپتىلا بولغاندا، (2) پۇل تەرەپتىن قىسىلغاندا ۋە (3) يېشىمىز چوڭ بولغاچقا، يەھۋا ئۈچۈن ھېچقانداق كېرىكىم يوق دەپ ئويلىغاندا، ئۇنىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال، يەھۋا خۇدا بىزنى نېمە ئۈچۈن قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
يەھۋا خۇدا بىزنى قەدىرلەيدۇ
5. ئادەملەر يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا قىممەت-باھالىق ئىكەنلىكىنىڭ قانداق ئىسپاتلىرى بار؟
5 گەرچە تۇپراقتىن يارىتىلغان بولساقمۇ، بىز خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئوچۇم توپىغا قارىغاندا، كۆپ قىممەت-باھالىق (يارىت. 2:7). يەھۋا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا ئىنساننى ياراتقاندا، ئۆزىگە خاس ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش قابىلىيىنى ئىنسانغا بەرگەن (يارىت. 1:27). شۇڭا، ئۇ بىزگە يەر يۈزى ۋە ھايۋاناتلارنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇپ، بىزنى ھەممە يەر يۈزىدىكى مەۋجۇداتلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغان.—زەبۇر 8:4—8.
6. يەھۋا خۇدا نامۇكەممەل ئادەملەرنى قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ يەنە قانداق ئىسپاتى بار؟
6 ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغاندىن كېيىنمۇ، يەھۋا خۇدا ئىنسانىيەتنى قەدىرلەشنى توختاتمىغان. يەھۋا بىزنى شۇقەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يەككە-يېگانە ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرگەن (1-يۇھاننا 4:9، 10). تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا، يەھۋا خۇدا ئادەم-ئاتىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى، يەنى «ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەرنى» تىرىلدۈرىدۇ (ئەلچى. 24:15). مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، يەھۋا خۇدانىڭ بىزنى قەدىرلىشىگە سالامەتلىك ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ۋە يېشىمىز تەسىر قىلمايدۇ.—ئەلچى. 10:34، 35.
7. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ يەنە قانداق دەلىللىرى بار؟
7 يەھۋا بىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ يەنە دەلىللىرى بار. ئۇ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ۋە خۇش خەۋەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىمىزنى بايقىدى (يۇھاننا 6:44). بىز يەھۋاغا يېقىنلاشقانسېرى، ئۇمۇ بىزگە يېقىنلاشتى (ياقۇپ 4:8). يەھۋا خۇدا يەنە ۋاقتى ۋە كۈچىنى ئايىماي تەلىم بېرىش ئارىلىق بىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ھازىر قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە كېلەچەكتە قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرگەچكە، بىزگە نەسىھەت بېرىپ تەربىيىلەيدۇ (پەند. نە 3:11، 12). بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا خۇدا بىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟
8. زەبۇر 18:27—29ئايەتلەردىكى سۆزلەر قىيىنچىلىقلىرىمىزغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
8 بەزى كىشىلەر داۋۇت پادىشاھنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس، دەپ قارىسىمۇ، ئۇ يەھۋا خۇدا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇنى بىلىش داۋۇتنىڭ ئېغىر كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ۋەزىيتىگە مۇۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇشىغا ياردەم بەرگەن (2-سام. 16:5—7). ئۆزۈمىزنى كېرەكسىز ھېس قىلغاندا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا ۋەزىيىتىمىزگە باشقىچە قاراپ، ئۇلارنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 18:27—29-نى ئوقۇڭ). ئەگەر يەھۋا بىزگە يار-يۆلەك بولسا، ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ (رىملىقلار 8:31). ھازىر يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئاغرىقلارغا دۇچ كەلگەندە
9. ئاغرىقلار بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
9 ئاغرىقلار تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ئۆزۈمىزنى ھېچكىمگە كېرىكىمىز يوقتەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. باشقىلار ئاغرىۋاتقىنىمىزنى كۆرگەندە ياكى بىز باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغاندا، بەلكىم خىجالەت بولىدىغاندىمىز. ھەتتا باشقىلار ئاغرىۋاتقىنىمىزنى بىلمىسىمۇ، بۇرۇن قىلغان ئىشلارنى ھازىر قىلالماچقا، نۇمۇستا قالغاندەك ھېس قىلىدىغاندىمىز. شۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا، يەھۋا بىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ. قانداق قىلىپ؟
10. پەندى-نەسىھەت 12:25-ئايەتكە ئاساسەن، ئاغرىغاندا بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 ئاغرىغاندا «ياخشى سۆز» كۆڭلىمىزنى كۆتۈرەلەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 12:25-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان سۆزلەر، مەيلى ئاغرىق بولساقمۇ، يەھۋا خۇدا ئۈچۈن يەنىلا قەدىرلىك ئىكەنلىكىمىزنى يادىمىزغا سالىدۇ (زەبۇر 31:19؛ 41:3). ئەگەر بىز خۇدانىڭ سۆزىنى قايتا-قايتا ئوقۇساق، يەھۋا سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن كۈرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ.
11. بىر بۇرادەر يەھۋادىن قانداق تەسەللى ئالغان؟
11 خورخېنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ ياش چېغىدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكى تېزلا ناچارلىشىپ كەتكەچ، ئۇ ئۆزىنى كېرەكسىز ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاغرىقىم سەۋەبلىك قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشقا ياكى باشقىلار ماڭا كۆزقاراشتا بولىدۇ، دەپ نۇمۇس ھېس قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەس ئىدىم. ئەھۋالىم بەكمۇ يامانلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ھاياتىم قانداق ئۆزگىرىدۇ، دەپ غەم قىلدىم. مەن ئۈمىدسىزلىنىپ، يەھۋادىن يالۋۇرۇپ ياردەم سورىدىم». يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ خورخې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ماڭا دىققىتىمنى يىغىش قىيىن بولغاچ، مۇقەددەس كىتابتىن بىرنەچچە ئايەتلەرنىلا ئوقۇيالايتتىم. مەن زەبۇر كىتابىدىكى يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئايەتلەرنى ئوقاتتىم. ھەر كۈنى شۇ ئايەتلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، تەسەللى تاپتىم. ۋاقىت ئۆتۈپ ئادەملەر خۇشال كەيپىياتىمنى بايقاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلھاملىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. يەھۋانىڭ دۇئالىرىمغا جاۋاب بەرگىنىگە كۆزۈم يەتتى! ئۇ ئۆزۈمگە بولغان كۆزقارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەردى. يەھۋانىڭ ئاغرىق بولۇشىمغا قارىماستىن، مېنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ سۆزىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا باشلىدىم».
12. ئاغرىققا مۇپتىلا بولسىڭىز، يەھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
12 ئاغرىققا مۇپتىلا بولسىڭىز، يەھۋانىڭ دەردىڭىزنى چۈشىنىدىغانلىقا ئىشىنىڭ. ئۆز ئەھۋالىڭىزغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سوراڭ. ئاندىن مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋانىڭ كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان ياخشى سۆزلىرىنى ئىزدەپ تېپىڭ. يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرىگە ئۆز ياخشىلىقىنى ئايىمايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزىسىز.—زەبۇر 84:11.
پۇل تەرەپتىن قىسىلغاندا
13. ئائىلە بېشى ئىشتىن بوشىتىلسا، ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىشى مۇمكىن؟
13 ھەربىر ئائىلە بېشى، ئۆز ئائىلىسىنى تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. مۇنداق ۋەزىيەتنى كۆز ئالىدىمىزغا كەلتۈرەيلى. بۇرادەرنىڭ ھېچ بىر خاتالىقى بولمىسىمۇ، ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغان. ئۇ باشقا ئىشنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، تاپالمايۋاتىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئۇ ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىشى مۇمكىن. يەھۋا خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە كۆز تىكىش ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14. يەھۋا خۇدا ئۆز ۋەدىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟
14 يەھۋا خۇدا ھەرقاچان ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يەشۇئا 21:45؛ 23:14). نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئىسمىغا داغ چۈشىشىنى خالىمايدۇ. يەھۋا خۇدا ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىشنى ۋەدە قىلغان ۋە شۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلايدۇ (زەبۇر 31:1—3). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلمىسا، ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشكە ۋەدە قىلغان. ئۇنىڭ ئاشۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ!—مەتتا 6:30—33؛ 24:45.
15. (1) بىرىنچـى ئەسـىردىكـى ئېتـىقـادداشـلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ (2) زەبۇر 37:18، 19-ئايەتتىكى سۆزلەر بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
15 يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆز سۆزىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالساق، ماددىي جەھەتتىن قىينالغاندا، ئۇ بىزگە چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچلىك بولالايمىز. بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. يېرۇسالىمدىكى ئېتىقادداشلار دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، «ئەلچىلەردىن باشقا ھەممىسى … تارقىلىپ كەتتى» (ئەلچى. 8:1). شۇ چاغدا ئۇلار ماددىي تەرەپتىن قىينالغان. ئۇلار ئۆيلىرىدىن، ئىشلىرىدىن ۋە تىجارەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، يەھۋا ئۇلارنى تاشلىمىغان، شۇڭا ئۇلار خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان ئىدى (ئەلچى. 8:4؛ ئىبرانىي. 13:5، 6؛ ياقۇپ 1:2، 3). يەھۋا خۇدا شۇ سادىق خىزمەتچىلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەندەك، بىزنىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيدۇ.—زەبۇر 37:18، 19-نى ئوقۇڭ.
يېشىمىز چوڭ بولغاندا
16. نېمە ئۈچۈن خىزمىتىمىز يەھۋا ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، دەپ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن؟
16 بىز ياشانغانسېرى، يەھۋا خۇداغا بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمايمەن، دەپ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. داۋۇت پادىشاھمۇ ياشانغانسېرى، بەلكىم شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان (زەبۇر 71:9). يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17. جېرى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17 جېرى ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. قېرىندىشىمىز ئىبادەت زاللىرىنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيىلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. بىراق، ئۇنىڭ بارغۇسى كەلمىگەنىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ يېشىم چوڭ، مەن بىر تۇل ئايال، قولۇمدىن ھېچنەرسە كەلمەيدۇ ۋە مېنىڭ ھېچ پايدام تەگمەيدۇ». شۇ تەربىيىلەشكە بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال قېرىنداش يەھۋاغا ئىچ سىرىنى تۆكۈپ دۇئا قىلغان. ئىبادەت زالىغا كەلگىنىدە، مەن بۇ يەرگە بېكار كەلدىممېكىن، دەپ ئويلىغان. ئەمما، تەربىيىلەشتە بىر ناتىق ئەڭ مۇھىم ماھارىتىمىز، يەھۋا خۇدادىن ئۆگىنىشكە تەييار بولۇش، دەپ تەكىتلىگەن. جېرى قېرىندىشىمىز مۇنداق دېگەن: «مېنىڭدە شۇنداق ماھارەت بار ئىكەنغۇ! يەھۋا خۇدا مېنىڭ دۇئايىمغا جاۋاب بەرگىنىنى چۈشەنگەندە، يىغلاپ كەتتىم. يەھۋا خۇدا مېنىڭدە ئۇنىڭغا بەرگۈدەك گۆھەر كەبى بىر نەرسە بار ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى ۋە ماڭا ئۆگىتىشنى خالىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇ تەربىيىلەشكە كېتىۋاتقاندا روھۇم چۈشكۈن، ئۆزۈمنى كېرەكسىز ھېس قىلغان. لېكىن، ئۇ يەردىن قايتقىنىمدا ئىشەنچكە تولۇپ، قەدىر-قىممىتىم ئاشقاندەك، ھېس قىلدىم!»
18. ياشانغان بولساقمۇ، يەھۋا خىزمىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنىمىز؟
18 ياشانغان بولساقمۇ، يەھۋا خۇداغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلدىغانغا خىزمەت بار (زەبۇر 92:12—15). ئەيسا ئېيتقاندەك، ئىشلىرىمىز ئۆزۈمىزگە مۇھىم ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، يەھۋا خۇدا ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ (لۇقا 21:2—4). شۇڭا، قولۇڭىزدىن كېلىدىغان نەرسىلەرگە دىققىتىڭىزنى قارىتىڭ. مەسىلەن، يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق باشقىلارغا ئېيتالايسىز، ئېتىقادداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلالايسىز ۋە باشقىلارنى يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلالايسىز. يەھۋا خۇدا نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىز ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سىزنى ئۆزىنىڭ خىزمەتدىشى دەپ ھېسابلايدۇ.—1-كورىنت. 3:5—9.
19. رىملىقلار 8:38، 39-ئايەتلەردىكى سۆزلەر بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
19 يەھۋا خىزمەتچىلىرىنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىنتايىن مىننەتدار! ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياراتقان ۋە خۇداغا خىزمەت قىلىش كۆڭلىمىزنى ھەقىقىي قانائەت تاپقۇزىدۇ (ۋەھىي. 4:11). بۇ دۇنيا بىزنى كېرەكسىز، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن يەھۋا بىزدىن نۇمۇس قىلمايدۇ (ئىبرانىي. 11:16، 38). ئاغرىققا مۇپتىلا بولۇپ كۆڭلىمىز چۈشكەندە، پۇل تەرەپتىن قىسىلغاندا ياكى ياشىنىپ قالغاچ ئۆزۈمىزنى يارامسىزدەك ھېس قىلغاندا، بىزنى ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچنەرسە ئايرىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەستە تۇتايلى.—رىملىقلار 8:38، 39-نى ئوقۇڭ.
a سىز ئۆزىڭىزنى ئەرزىمەس ھېس قىلغان كۈنلەر بولغانمۇ؟ بۇ ماقالە، يەھۋا سىزنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ ۋە ھاياتىڭىزدا مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلار بولسۇن، ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمەتنى يوقاتماسلىققا ياردەم بېرىدۇ.
51-ناخشا يېپىش چىڭ يەھۋاغا