«ئويغىنىش!» No. 2 2018
ئائىلىۋى بەختنىڭ 12 سىرى
تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمىغاچ، ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەققىدە دائىم ئاڭلايمىز. ئۇنداقتا، ئائىلىۋى بەختنىڭ سىرى نېمە؟
1990—2015-يىللار ئارىسىدا، ئامېرىكىدا 50 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە، 65 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى.
ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشنى بىلمەيدۇ: بەزى مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنى دائىم ماختاپ تۇرۇش كېرەك، دەيدۇ. باشقىلار بولسا، ئۇلارغا قاتتىق قوللار بولۇش كېرەك، دەپ ئۆگىتىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر ماھارەتلەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپلا، ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ.
بىراق، شۇنىڭغا قارىماستىن:
نىكاھ رىشتىسى مۇستەھكەملىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەلىم-تەربىيە بېرىشنى ئۆگىنەلەيدۇ.
ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن، زۆرۈر پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ھۈنەر ماھارەتلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.
قانداق قىلىپ؟ «ئويغىنىش!» ژۇرنىلىنىڭ بۇ سانىنى ئوقۇپ، ئائىلىۋى بەختنىڭ 12 سىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
1. ۋاپادارلىق
نىكاھ رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدىغان ئۈچ ئۇسۇل.
2. ئۆزئارا ھەمكارلىشىش
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ياتاقدىشىڭىزغا ئوخشاشمۇ؟
3. ھۆرمەت
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ھۆرمىتىڭىزنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن قانداق گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
4. كەچۈرۈمچان بولۇش
جۈپتىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5. ئوچۇق سۆزلىشىش
بالىلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئۈچ ئۇسۇل.
6. تەلىم-تەربىيە بېرىش
بالىنى تۈزىتىش ئۇنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرەمدۇ؟
7. قىممەت قارىشى
سىز بالىلىرىڭىزغا قانداق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئۆگىتىشىڭىز كېرەك؟
8. ئۈلگە كۆرسىتىش
ئەگەر سۆزلىرىڭىز بالىلىرىڭىزنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشىنى خالىسىڭىز، ئۆگىتىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇم ئۆزىڭىزمۇ ئەمەل قىلىشىڭىز زۆرۈر.
9. كىملىك
ياشلار ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
10. ئىشەنچىلىك بولۇش
ئاتا-ئانىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش چوڭ بولۇشقا يېتەكلەيدىغان قەدەم.
11. ئىشچان بولۇش
ياش چېغىڭىزدىن باشلاپ ئىشچان بولۇشنى ئۆگەنسىڭىز، بۇ ھەممە ئىشلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
12. مەقسەت قويۇش
مەقسەتلەرگە يېتىش ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۆپرەك خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئائىلىلەر ئۈچۈن ياردەم
مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر نىكاھىڭىز ۋە ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.