ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن
6. تەلىم-تەربىيە بېرىش
دېگەن نېمە؟
تەلىم-تەربىيە بېرىش يولباشچىلىق ۋە تەلىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە بالىنىڭ ناتوغرا يۈرۈش-تۇرۇشىنى تۈزىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە ۋاقىتتا تەلىم-تەربىيە بېرىش بالىغا ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
يېقىنقى يىللاردا، بەزى ئاتا-ئانىلار تەلىم-تەربىيە بېرىشنى پۈتۈنلەي دېگىدەك توختاتتى، سەۋەبى ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمىتى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن قورقىدۇ. لېكىن، دانا ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە.
«بالىلار نېمىنى قىلىش ۋە نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگىنىشى زۆرۈر، شۇندىلا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر بالىلار تەلىم-تەربىيە كۆرمىسە، رولى يوق كېمىگە ئوخشاش، ئاخىرىدا توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ» (پامېلا).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئىزچىل بولۇڭ. ئەگەر بالىڭىز ئائىلىدە ئورنىتىلغان قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنمىسا، ئۇنى جازاڭ. ئەكسىنچە، ئۇ سۆزىڭىزگە كىرىپ بۇيسۇنسا، ھەردائىم ماختاشنى ئۇنتۇماڭ.
«ئىتائەتچانلىق ئاز ئۇچرايدىغان بۇ دۇنيادا، مەن بالىلىرىمنى ئىتائەتچان بولغىنى ئۈچۈن دائىم ماختاپ تۇرىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بالىلارنى تۈزىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇلار نەسىھەتنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ»(كرىستىن).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئادەم نېمە تېرىسا، شۇنى ھەم ئورىدۇ».—گالاتىيالىقلار 6:7.
تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭ. بالىڭىزنىڭ يېشى، قابىلىيەتلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقى قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىگە قاراپ، تەلىم-تەربىيە بېرىڭ. ئەگەر بالىڭىز ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى چۈشەنسە، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. مەسىلەن، بالىڭىز يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرەلمىسە، ئۇنى قولىغا ئېلىشقا رۇخسەت بەرمەڭ ياكى مەلۇم ۋاقىت ئۇنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇڭ. ئەمما، تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
«مەن بالام بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالدىمۇ ياكى قەستەن قىلىدىمۇ؟ دەپ ئىنچىكە ئويلىنىشقا تىرىشىمەن. ئەگەر ئۇ دائىم ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىسا، بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىق تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاشقا بالىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئەگەر ئاددىيلا بىر خاتالىق بولسا، بالىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويساق يېتەرلىك» (ۋېندېل).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئەي ئاتىلار، جۈرەتسىز [چۈشكۈن] بولمىسۇن دەپ، ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئاچچىقلاندۇرماڭلار».—كولوسىلىقلار 3:21.
مېھىر-مۇھەببىتىڭىزگە ئىشەندۈرۈڭ. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسە، تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئاسان بولىدۇ.
«ئوغلىمىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئىلگىرى قىلغان توغرا ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىمىزغا ئۇنى ئىشەندۈرىمىز. ئەگەر ئۇ كېرەكلىك تۈزىتىشنى قىلسىلا، ئۇنىڭ ئابرويى چۈشمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىمىز» (دانىيال).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «مۇھەببەت ئۆزى كۆڭلى كەڭدۇر، مۇھەببەت مېھرىبانلىقتۇر».—1-كورىنتلىقلار 13:4.