ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن
7. قىممەت قارىشى
دېگەن نېمە؟
قىممەت قارىشى بىر كىشى ئۆز تۇرمۇشىدا چوقۇم ئەمەل قىلىپ ياشاش ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئۆلچەم ياكى قائىدە-پرىنسىپلاردۇر. مەسىلەن، سىز ھەممە ئىشتا راستچىل بولۇشنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشقا تىرىشىسىز، بەلكىم بۇ ئەخلاق ئۆلچىمىنى بالىلىرىڭىزنىڭمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرۈشىنى خالايدىغانسىز.
قىممەت قارىشى ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچىمىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈچلۈك ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن ياشايدىغان كىشى ئەمگەكچان، ئادىل ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئادەتتە بىر كىشى كىچىكىدىن باشلىسا، بۇنداق ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئاسانراق يېتىلدۈرەلەيدۇ
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «بالىنى ئۆزى ماڭىدىغان يول ئۈچۈن كۆندۈرسەڭ، قېرى بولغاندا ئۇنىڭدىن چىقمايدۇر».—پەندى-نەسىھەت 22:6.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
يېڭى پەن-تېخنىكا زامانىدا ئەخلاق قىممەت قارىشى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. «ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە جايدا، بالىلار ئېلېكترونلۇق مەھسۇتلار ئارقىلىق زىيانلىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. ھەتتا ئۇلار كۆز ئالدىمىزدا ئولتۇرۇپ شۇنداق ئەدەبسىز نەرسىلەرنى كۆرۈشى مۇمكىن»،— دەيدۇ كارېن.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «قويۇق تائام يېتىلگەنلەر ئۈچۈن، يەنى ئادەت بىلەن ياخشىنى ۋە ياماننى ئايرىشقا زېھىنلىرىنى كۆندۈرگەنلەر ئۈچۈندۇر».—ئىبرانىيلار 5:14.
ئەخلاق كۆزقارىشى ھەم مۇھىم. باشقىلارغا «رەھمەت»، «مەرھەمەت» ۋە «كەچۈرۈڭ» دېگەندەك ئاددىي، ئەمما كۆڭۈل بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ئېيتىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا، يانفون، كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور دېگەندەك ماددىي نەرسىلەرگە بەكرەك ۋاقىت چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەخلاق قىممەت قارىشى بولۇش ئالتۇندىن ئەۋزەل.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئادەملەر سىلەرگە قانداق قىلىشنى خالىساڭلار، سىلەر ھەم ئۇلارغا شۇنداق قىلىڭلار».—لۇقا 6:31.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئەخلاق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈڭ. مەسىلەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرگە توي قىلىشتىن ئاۋۋال، جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلسە، ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇنىڭدىن قاچۇرۇشى مۇمكىن.
مەسلىھەت. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ئەخلاق قىممەت قارىشى ھەققىدە پاراڭلىشىڭ. مەسىلەن، خەۋەرلەردە قانداقتۇ بىر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا سۆزلىسە، سىز بالىڭىزغا: «بەزى كىشىلەر باشقىلارغا شۇنچە قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. سېنىڭچە، نېمە ئۈچۈن ئادەملەر شۇنداق بولۇپ كەتتى؟»،— دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.
«ئەگەر بالىلار نېمە ياخشى ۋە نېمە ياماننى بىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى تاللاش قىيىن بولىدۇ» (براندون).
ئەخلاق كۆزقارىشىنى ئۆگىتىڭ. ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ «رەھمەت»، «مەرھەمەت» ۋە «كەچۈرۈڭ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئېيتىپ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنەلەيدۇ. بىر كىتابتا: «بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنسېرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئەمەس باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا كۆپرەك مايىل بولىدۇ»،— دەپ يېزىلغان («Parenting Without Borders»).
مەسلىھەت. بالىلىرىڭىزنى كىچىكىدىن ئائىلىدىكى بەزى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگەتسىڭىز، باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىسىز.
«بالىلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىشقا باشلىسا، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەندە، نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالمايدۇ» (تارا).