ئەر-ئاياللار ئۈچۈن
4. كەچۈرۈمچان بولۇش
دېگەن نېمە؟
كەچۈرۈمچان بولۇش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى بولدى قىلىۋېتىپ، ھەرقانداق ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ ئېغىر خاتالىققا سەل قاراش ياكى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى بىلدۈرمەيدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ھەتتا ئەگەر كىمدۇ-بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايەت قىلىشىغا ئاساس بولسىمۇ، بىر-بىرىڭلارغا سەۋرچان بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن كەچۈرۈڭلار».—كولوسىلىقلار 3:13؛ ي.د.
«ئەگەر بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھەمىشە ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىگە ئەمەس، ئۇ قانداق ئىنسان بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىسىز» (ئارون).
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئاداۋەت ساقلاش ئۆزىڭىزنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە نىكاھىڭىزنى بۇزۇشى مۇمكىن
«بىر كۈنى ئېرىم كۆڭلۈمنى قاتتىق ئاغرىتتى. كېيىن، ئۇ كەچۈرۈم سورىدى. ئۇنى كەچۈرۈش ئاسانغا چۈشمىدى. ۋاقىت ئۆتۈپ، مەن ئۇنى كەچۈرگەن بولساممۇ، بىراق ئۇنى بۇرۇنراق كەچۈرسەم بوپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلدىم. چۈنكى، بالدۇرراق شۇنداق قىلسام، مۇناسىۋىتىمىز ئۇنچە بەك يىرىكلىشىپ كەتمەس ئىدى» (جۇلىيا).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ
كېيىنكى قېتىم جۈپتىڭىز سىزنى رەنجىتىپ قويسا، ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
-
مەن ھەددىدىن زىيادە نازۇك بولۇپ كەتتىممۇ؟
-
ئۇ بەك ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟ چوقۇم ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكمۇ؟ ياكى بولدى قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟
جۈپتىڭىز بىللە مۇھاكىمە قىلىڭ
-
بىر-بىرىمىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن بىزگە قانچە ۋاقىت كېرەك؟
-
بىر-بىرىمىزنى چاپسانلا كەچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
مەسلىھەتلەر
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز سىزنى رەنجىتىپ قويسا، ئۇ يامان نىيەت بىلەن قىلدى دەپ ئويلىماڭ.
-
ھەمرايىڭىزنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈشكە تىرىشىڭ، شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، «ھەممىمىز تولا ئىشلاردا خاتا قىلىمىز».—ياقۇپ 3:2.
«ئەگەر ھەر ئىككىسى ئەيىبلىك بولسا، كەچۈرۈمچان بولۇش ئاسان. لېكىن، خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىرى دەپ قارالسا، كەچۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەمتەر بولۇش كېرەك» (كىمبېرلى).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «دەۋاگەرىڭ بىلەن تېخى يولدا كېتىپ بارغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن رازىلاشقىلى ئالدىرىغىن».—مەتتا 5:25.
ئاداۋەت ساقلاش ئۆزىڭىزنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە نىكاھىڭىزنى بۇزۇشى مۇمكىن