مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇ‌دانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغان يالغانچىلىقلار

ئىنسانلارنىڭ خۇ‌دانى سۆيۈشى قىيىن بولغان

ئىنسانلارنىڭ خۇ‌دانى سۆيۈشى قىيىن بولغان

‏«خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلە‌ن سۆيگىن».‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏5

بە‌زى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانى سۆيۈش قىيىن دە‌يدۇ.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ئاللاغا ئىشە‌نسىمۇ،‏ ئۇ ئىنسانلارغا،‏ شە‌خسە‌ن ماڭا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ ۋە ئۇ مە‌ندىن بە‌ك يىراق دېگە‌ن ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە.‏ بە‌زىلە‌ر بولسا،‏ ھە‌تتا خۇ‌دانى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز دە‌پمۇ قارايدۇ.‏ تۆۋە‌ندە بىر نە‌چچە كىشىلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:‏

  • ‏«مە‌ن خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياردە‌م سورىغان بولساممۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ماڭا شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىنى ھېس قىلمىدىم.‏ مە‌ن خۇ‌دانى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بار شە‌خس دە‌پ قارىمىغان ئىدىم».‏—‏ماركو،‏ ئىتالىيە.‏

  • ‏«گە‌رچە مە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان بولساممۇ،‏ ئۇ مە‌ندىن ئىنتايىن يىراقتە‌ك تۇ‌يۇ‌لغان ئىدى.‏ ھە‌تتا ئۇ رە‌ھىمسىز ۋە پە‌قە‌ت جازالايدۇ دە‌پ ئويلىدىم.‏ ئۇ ئاجايىپ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا تولغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نمىگە‌ن ئىدىم».‏—‏روزا،‏ گۋاتېمالا

  • بالىلىق چېغىمدا خۇ‌دا خاتالىقلىرىمنى ئىزدە‌يدۇ ۋە پە‌قە‌ت جازالاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت كۈتىدۇ دە‌پ ئويلايتتىم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ بىزگە كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ دە‌پ ئويلاشقا باشلىدىم.‏ مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنى باشقۇ‌رىدىغان،‏ لېكىن ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىغا ھە‌رگىزمۇ قىزىقمايدىغان باش مىنىستردە‌ك بولغان.‏—‏رايموندا،‏ كانادا.‏

سىزنىڭچە،‏ خۇ‌دانى سۆيۈش قىيىنمۇ؟‏ قايسى دىنغا تە‌ۋە بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كۆپلىگە‌ن ئىنسانلار ئە‌سىرلە‌ر بويى ئۇ‌شبۇ سوئال ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ ئوتتۇ‌را ئە‌سىرلە‌ردە خرىستىئانلار ھە‌تتا ھە‌ممىگە قادىر تە‌ڭرىگە دۇ‌ئا قىلمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ھىمىگە چۈشۈپ،‏ خۇ‌دادىن قورققان.‏ تارىخشۇ‌ناس ۋىل دۇ‌رانت بۇ ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «ئاددىي بىر گۇ‌ناھكار بە‌ندە شۇ‌نچە ھە‌يۋە‌تلىك ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشقا قانداق جۈرئە‌ت قىلالايدۇ؟‏»‏

قىزىق،‏ قانداقلارچە خۇ‌دانى «قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە يىراق» بىر شە‌خس دېگە‌ن كۆز قاراش پە‌يدا بولدى؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏ خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش ئۇ‌نى سۆيۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏