مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ
مەن ھازىر باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمەن
تۇغۇلغان يىلى: 1981
دۆلىتى: گۋاتېمالا
قىسقىچە مەلۇمات: پاجىئەلىك بالىلىق چاغ
ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:
مەن گۋاتېمالانىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان ئاكۇل دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردە تۇغۇلدۇم. ئائىلەم ماييا مىللىتىنىڭ ئىشىل قوۋمىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىدى. ئىسپان تىلىدىن باشقا يەنە ئانا تىلىمدا سۆزلەپ چوڭ بولغان ئىدىم. مەن تۇغۇلغان چاغدا، گۋاتېمالادا ئىچكى ئۇرۇش يۈر بېرىۋاتقان ئىدى. دەھشەتلىك ئۇرۇش 36 يىل داۋام قىلىدى. بۇ رەھىمسىز ئۇرۇشتا ئىشىل خەلقىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
4 ياش ۋاقتىمدا، 7 ياشلىق ئاكام تېپىۋالغان قول بومبىسىنى ئويناۋاتقاندا، شۇ بومبا توساتتىن پارتىلاپ كەتتى. شۇ پاجىئەلىك ۋەقەدە،مەن قارغۇ بولۇپ قالدىم، ئاكام بولسا ئۆلۈپ كەتتى. شۇ سەۋەب، بالىلىق چاغلىرىم گۋاتېمالا شەھىرىدىكى قارغۇ بالىلارنىڭ مەكتىپىدە ئۆتتى ۋە ئۇ يەردە ئەمالار يېزىقىنى ئوقۇشنى ئۆگەندىم. ئۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار مېنىڭ باشقا بالىلار بىلەن پاراڭلىشىشىمغا رۇخسەت بەرمەيتتى، شۇڭا ھەممىسى مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلاتتىم. شۇڭا ھەر يىلى ئۆيگە بېرىپ، ئاپام بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئىككى ئايلىق ۋاقىتنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. ئاپام مېھرىبان ئايال ئىدى، ئۇ دائىم ماڭا كۆيۈنەتتى ۋە كۆڭۈل بۆلەتتى. بەك ئەپسۇس، 10 يېشىمدا ئاپام ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ دۇنيادا بىردىن-بىر ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان كىشىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئازابلىنىپ قان يىغلىدىم.
11 يېشىمدا ئۆز يۇرتۇمغا قايتتىم ۋە ئۆگەي ئاكامنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشاشقا باشلىدىم. ئۇلار قورسىقىمنى ئاچ، ئۇچامنى كىيىم-كېچەكسىز قويمىغان بولسىمۇ، ھېس-تۇيغۇلىرىمغا ھېچكىم ياردەم بېرەلمەيتتى. بەزىدە: «نېمە ئۈچۈن ئاپام ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەن قارغۇ بولۇپ قالدىم؟»— دەپ خۇدادىن سورايتتىم. ئادەملەر بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى دېيىشەتتى. شۇڭا، مەن خۇدا شەپقەتسىز، ئادالەتسىز ئىكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن ۋە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم.
قارغۇ بولغىنىم ئۈچۈن، مەن جىسمانىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىن بەك ئاجىز ئىدىم. بالىلىق چېغىمدا بىرقانچە قېتىم جىنسىي خورلاشقا ئۇچۇردۇم. بۇ توغرۇلۇق باشقىلارغا ئېيتماي يۈردۈم. چۈنكى، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئادەملەر ماڭا كەمدىن-كەم سۆز قىلاتتى ۋە مېنىڭمۇ ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيتتى. مەن باشقىلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالغان ئىدىم ۋە ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتىم.
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى:
13 يېشىمدا، مەكتەپتە تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئەر-ئايال يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يېنىمغا كەلدى. بىر ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئىچى ئاغرىپ، شۇ ئەر-ئايالدىن مېنى يوقلاپ كېلىشنى سورىغان ئىكەن. ئۇلار ماڭا مۇقەددەس كىتابتىن ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ ۋە قارغۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ دېگەن ۋەدىلەرنى ئېيتىپ بەردى (يەشايا 35:5؛ يۇھاننا 5:28، 29). ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بەك ياقتۇراتتىم، بىراق ئادەتتە ئادەملەر بىلەن پاراڭ قىلمىغاچ شۇ ئەر-ئايال بىلەن پاراڭلىشىش قىيىن بولدى. ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرغىنىمغا قارىماستىن، ئۇلار مېھرىبانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مېنى يوقلاپ كېلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار مەن ياشايدىغان شەھەرگە كېلىش ئۈچۈن تاغدىن ھالقىپ، 10 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول مېڭىشقا توغرا كەلگەن ئىدى.
ئۆگەي ئاكامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر-ئايال پاكىز-رەتلىك كىيىنگەن، لېكىن ئانچە باي ئەمەس كىشىلەر ئىدى. ئەمما، ئۇلار دائىم ماڭا سەمىمىي قىزىقىش كۆرسىتىپ، ھەتتا كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ياخشى مۇئامىلىسىنى ھېس قىلىپ، پەقەت خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى بۇنداق مېھىر-مۇھەببەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم.
مەن ئەمالار يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ ياردىمىدە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندىم. گەرچە ئەقلىم بىلەن ئۆگەنگەنلىرىمنى چۈشەنسەممۇ، قەلبىمدە بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش تەس بولغان. مەسىلەن، خۇدانىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلارنىڭ خۇددى خۇدا كۆرسەتكەندەك، ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. مەن باشتىن ئۆتكۈزگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقىتلىق يول قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن، بىراق ئۇنى كۆيۈمچان ئاتا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش ماڭا قىيىن بولغان ئىدى.
مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىملەر ئاستا-ئاستا ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن، خۇدانىڭ ئازاب چەككەن ئىنسانلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىۋالدىم. قوپال مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن خىزمەتچىلىرى ھەققىدە خۇدا مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. . . . ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن» (چىقىش 3:7). مەن يەھۋانىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنىپ يەتكەچ، ھاياتىمنى ئۇنىڭغا بېغىشلاشنى قارار قىلدىم. 1988-يىلى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدۇم.
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، بىر يىلدىن كېيىن ئېسىكۋىنتىلا شەھىرىگە يېقىن ئەمالارنى تەربىيلەش كۇرسىغا ئوقۇشقا چۈشتۈم. ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن بىرى مېنىڭ ئۆز يۇرتۇمدا ياشاۋاتقاندا، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مېنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقان. سىزگە ئېيتسام، ئەڭ يېقىن جامائەت مەن بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ياشايدىغان تاغنىڭ ئارقىسىدا ئىدى ۋە مەندەك كۆزى كۆرمەس كىشىگە سەپەر قىلىش بەك قىيىن ئىدى. بۇ ئاقساقال ماڭا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئېسىكۋىنتىلا شەھىرىدە مېنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇشقا ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىمغا ياردەم بېرىشكە تەييار بولغان گۇۋاھچىلارنى تاپتى. شۇ كۈندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، ئۇلار ماڭا ئۆز ئائىلە ئەزاسىدەك غەمخورلۇق قىلىپ كەلمەكتە.
ئېتىقادداشلار ماڭا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە يەنە كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرى مېنى خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىمگە ئىشەندۈردى.—يۇھاننا 13:34، 35.
ھاياتىم ئۆزگەردى:
ئەمدى مەن ئۆزۈمنى كېرەكسىز ۋە ئۈمىدسىز ھېس قىلمايمەن. ھازىر مەنىلىك ھايات كەچۈرىۋاتىمەن. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىسى سۈپىتىدە، مەن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىم بېرىش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىمەن. ئۆز ئاجىزلىقلىرىمغا ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىشكە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرۇۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن جامائەتتە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نۇتۇقلارنى ئېيتىش ۋە ھەتتا چوڭ يىغىلىشلاردا، يەنى مىڭلىغان كىشىلەر ئالدىدا نۇتۇقلارنى ئېيتىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولدۇم.
2010-يىلى، مەن سالۋادور شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىدە» (ھازىر «پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئوقۇشنى تاماملىدىم. بۇ مەكتەپ جامائەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىمنى ياخشىراق ئورۇنلاشقا تەييارلىدى. بۇنداق تەلىم-تەربىيىلەرنى ئېلىپ، يەھۋا مېنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنداقلا ئۇ ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنساننى تەربىيىلەپ تەييارلىيالايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
ئەيسا پەيغەمبەر: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر»،— دەپ ئېيتقان (ئەلچىلەر 20:35). بۈگۈنكى كۈندە، مەن ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بەختلىك دەپ ئېيتالايمەن ۋە ئىلگىرى بۇ مۇمكىن ئەمەس بولۇپ كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمدى باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمەن.