ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ھەئە، ئۇيغۇن. مۇقەددەس يازمىلار ئىلىم-پەن كىتابى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭدا ئىلىم-پەنگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەر يېزىلغان. ئىلىم-پەن ۋە مۇقەددەس كىتاب ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بەزى مىساللارغا دىققەت قىلىڭ. شۇنداقلا قەدىمدە مۇقەددەس يازمىلار يېزىلغان زامانلاردا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۆزقاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن دەلىللەردىن پەرقلىق بولغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب كائىناتنىڭ باشلىنىشى بولغان دەيدۇ (يارىتىلىش 1:1). لېكىن، كۆپلىگەن قەدىمقى ئەپسانە-رىۋايەتلەردە، كائىناتنىڭ يارىتىلغانلىقى ئەمەس، ئەكسىنچە ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بابىلونلۇقلار كائىناتنى ياراتقان ئىلاھلار ئىككى ئوكياندىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئىشەنگەن. باشقا ئەپسانە-رىۋايەتلەردە بولسا، كائىنات يوغان بىر تۇخۇمدىن پەيدا بولغان دەپ ھېكايە قىلىنغان.
مۇقەددەس كىتاب، كائىنات نامەلۇم بىر ئىلاھلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (ئايۇپ 38:33؛ يەرەمىيا 33:25). دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر، ئىلاھلارنىڭ ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان ۋە ھەتتا بەزىدە رەھىم-شەپقەتسىزلىكى ئالدىدا، ئىنسانلار بەك ئاجىز دەپ ئۆگىتىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب، يەر شارى كائىناتتا بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغان دەيدۇ (ئايۇپ 26:7). قەدىمدە ياشىغان كۆپلىگەن ئىنسانلار يەر تۈز تەكشىلىكتە ۋە يوغان بىر نەرسە ياكى ھايۋاننىڭ، مەسىلەن بۇقا ياكى تاشپاقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ دەپ ئىشەنگەن.
مۇقەددەس كىتاب، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ۋە باشقا مەنبەلەردىن ھورغا ئايلانغان سۇلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر ھالىتىدە، يەرگە قايتىپ چۈشۈپ، دەريالار ۋە بۇلاقلارنى تولدۇرىدۇ دەيدۇ (ئايۇپ 36:27، 28؛ ۋەز 1:7؛ يەشايا 55:10؛ ئاموس 9:6). قەدىمقى گرېكلار بولسا، دەريالار يەر ئاستىدىكى دېڭىز سۇلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ دەپ ئويلىغان. بۇ كۆزقاراش 18-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان.
مۇقەددەس كىتابتىكى تازلىق قائىدىلىرى كىشىلەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن تەۋرات قانۇنىدا، بىر جەسەتكە قول تەككۈزگەندىن كېيىن يۇيۇنۇش، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنى كارانتىن قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرەتلىرىنى يەرگە كۆمۈۋېتىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقلار بار (لاۋىيلار 11:28؛ 13:1—5؛ تەكرار قانۇن 23:13). بىراق، بۇ بۇيرۇقلار بېرىلگەن ۋاقىتتا، مىسىردا كىشىنىڭ ئوچۇق يارىسىغا ئىنساننىڭ تەرەتلىرى قوشۇلغان ئارلاشمىلارنى چاپلاپ داۋالاش تەۋسىيە قىلىنغان.
مۇقەددەس كىتابتا ئىلىم-پەنگە ماس كەلمەيدىغان خاتالىقلار بارمۇ؟
مۇقەددەس يازمىلارنى پۇختا تەتقىق قىلساق، بۇنداق خاتالىقلارنى تاپالمايمىز. تۆۋەندە مۇقەددەس كىتاب ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن ئەمەس دەيدىغان كەڭ تارقالغان بەزى ناتوغرا كۆز قاراشلار بار:
ناتوغرا كۆزقاراش: مۇقەددەس كىتابتا كائىنات 24 سائەت ۋاقىتنى بىرلىك قىلغان 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغان دەپ يېزىلغان.
ھەقىقەت: مۇقەددەس كىتابتا، خۇدا كائىناتنى قانچە ئۇرۇن ۋاقىت ئىچىدە ياراتقانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان (يارىتىلىش 1:1). ئۇنىڭدىن باشقا، يارىتىلىش كىتابىنىڭ 1-بابىدا تىلغا ئېلىنغان يارىتىلىش كۈنلىرى ياكى دەۋىرلىرى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، يەر ۋە ئاسمان يارىتىلغان دەۋىر، مۇقەددەس كىتابتا «كۈن» دەپ تىلغا ئېلىنغان (يارىتىلىش 2:4).
ناتوغرا كۆزقاراش: مۇقەددەس كىتاب، فوتوسىنتېزغا ياردەم بېرىدىغان قۇياش پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئۆسۈملۈكلەر يارىتىلغان دەپ دەيدۇ (يارىتىلىش 1:11، 16).
ھەقىقەت: مۇقەددەس كىتابتا، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ بىرى بولغان قۇياش يارىتىلغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈكلەر يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (يارىتىلىش 1:1). قۇياش چاچقان نۇر يارىتىلىشنىڭ بىرىنچى «كۈنى» ياكى دەۋرىدە يەر يۈزىگە يېتىپ كەلگەن. يارىتىلىشنىڭ ئۈچىنچى «كۈنىگە» كەلگەندە، ئاتموسفېرا بارغانسېرى تازلانغاچ، يەر يۈزىدە فوتوسىنتېزنىڭ باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يورۇقلۇق يېتەرلىك دەرىجىدە پەيدا بولغان ئىدى (يارىتىلىش 1:3—5، 12، 13). بىراق، كېيىنرەك قۇياش يەر يۈزىدىن ئېنىق كۆرۈنگەن (يارىتىلىش 1:16).
ناتوغرا كۆزقاراش: مۇقەددەس كىتابتا قۇياش يەر يۈزىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ دەپ ئېيتىلغان.
ھەقىقەت: ۋەز 1:5-ئايەتتە: «كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. بىراق، بۇ ئايەت يەر يۈزىدە تۇرۇپ قارىغاندا، قۇياشنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. گەرچە يەر شارىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىشىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، «كۈن چىقىدۇ» ۋە «كۈن پاتىدۇ» دېگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىمىز.
ناتوغرا كۆزقاراش: مۇقەددەس كىتابتا يەر شارى تۈز تەكشى شەكلىدە دەپ ئېيتىلغان.
ھەقىقەت: مۇقەددەس كىتابتا «يەر-زېمىننىڭ چەتلىرىگىچە» دېگەن ئىبارە بار. بىراق، بۇ ئىبارە يەر شارىنىڭ تەكشى ۋە ئۇنىڭ چېتى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ (ئەلچىلەر 1:8). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابتىكى «يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن» دېگەن سۆز-ئىبارە، پۈتكۈل يەر يۈزى دېگەن مەنىگە ئىگە (يەشايا 11:12؛ لۇقا 13:29).
ناتوغرا كۆزقاراش: مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، چەمبەرنىڭ ئۇزۇنلىقى دەل ئۇنىڭ دىئامېترىنىڭ 3 ھەسسىگە تەڭ دېيىشىدۇ. لېكىن، توغرا قىممىتى (π)«پى»غا، يەنى تەخمىنەن 3، 1416 سانىغا تەڭ.
ھەقىقەت: پادىشاھلار 1-يازما 7:23؛ تارىخنامە 2-يازما 4:2-ئايەتلەردە كەلتۈرۈلگەن «مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داسنىڭ» دىئامېتىرى 10 كۇب ياكى گەز ئىدى. «ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى». بۇ ئۆلچەملەر قارىماققا تەخمىنەن قىممەت. ئۇنىڭدىن باشقا، مىس دېڭىزنىڭ قېلىن-نىپىزلىكى بار، بەلكىم ئايەتتە «دېڭىزنىڭ» تاشقى گىرۋىكىنىڭ دىئامېتىرى بىلەن ئىچكى ئايلانما ئۇزۇنلىقى ئۆلچەنگەندىكى قىممەت تىلغا ئېلىنغان.