ئەيسا نېمە سەۋەبتىن خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا پات-پات «خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ ئاتىلىدۇ (يوھان 1:49). «خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەن ئىبارە خۇدا ھاياتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەممىنى، شۇ جۈملىدىن ئەيسانى، ياراتقانلىقىنى تەستىقلەيدۇ (زەبۇر 36:9؛ ۋەھىي 4:11). مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئۇدۇل مەنادا بالا تاپقانلىقى ئېيتىلمىغان.
مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەر «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» دەپ ئاتالغان (ئايۇپ 1:6). شۇنداقلا يازمىلاردا ئادەم ئاتىمۇ «خۇدانىڭ ئوغلى» ئىكەنلىكى يېزىلغان (لۇقا 3:38). لېكىن ئەيسا خۇدانىڭ ئەڭ بىرىنچى ۋە يالغۇز ئۆزى ياراتقان تۇنجا مەۋجۇداتى بولغاچقا، مۇقەددەس كىتابتا ئۇ خۇدانىڭ يېگانە ئوغلى دەپ ئاتالغان.
ئەيسا يەرگە ئادەم بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاسماندا ياشىغانمۇ؟
ھە. ئەيسا يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاسماندا روھىي شەخس بولغان. ئۇ ئۆزى ھەققىدە: «مەن... ئاسماندىن چۈشتۈم»،— دېگەن (يوھان 6:38؛ 8:23).
خۇدا ئەيسانى ھەممە مەۋجۇداتلاردىن ئاۋۋال ياراتقان. مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان:
«ئۇ — پۈتكۈل مەۋجۇداتلار تۇنجىسى» (كولوسىلىقلارغا 1:15).
ئۇ «خۇدانىڭ مەۋجۇداتىنىڭ باشلانمىسى» (ۋەھىي 3:14).
«چىقىشلىرى قېدىمدىن تارتىپ، يەنى ئەزەلدىن تارتىپ بولغان ئىدى» دېگەن پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئەيسانىڭ ھاياتىدا ئەمەلگە ئاشقان (مىكا 5:2؛ مەتتا 2:4—6)
ئەيسا يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسماندا نېمە قىلغان؟
ئەيسا ئاسماندا ژۇقۇرى دەرىجىگە ئىگە بولغان. ئەيسا: «ئاتام، دۇنيا يارىتىلىشتىن ئاۋۋال سېنىڭ يېنىڭدا بولغان شان-شەرىپىم بىلەن مېنى مەدھىيىلىكىنە»،— دەپ دۇئا قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دەرىجىسى توغرۇلۇق ئېيتقان (يوھان 17:5).
ەيسا ئاتىسىغا، باشقا ھەممە نەرسىلەرنى يارىتىشقا ياردەم بەرگەن. ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىدا «ئۇستا ھۈنەرۋەندەك» بولغان (پەندى-نەسىھەت 8:30). ئەيسا توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاسماندىكى ۋە يەردىكى... ھەممىسى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر»،— دەپ ئېيتىلغان (كولوسىلىقلارغا 1:16).
خۇدا ئەيسا ئارقىلىق ھەممىنى، شۇ جۈملىدىن ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنى ۋە يەردىكى ئادەملەرنى ياراتتى (ۋەھىي 5:11). خۇدانىڭ ئەيسا بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئەمگەك قىلغانلىقىنى ئارخىتېكتور بىلەن قۇرۇلۇشچىنىڭ بىللە ئەمگەك قىلغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئارخىتېكتور بېنانىڭ لايىھىسىنى ئويلاپ تاپىدۇ، قۇرۇلۇشچى بولسا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ەيسا سۆز بولغان. مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ يەرگە كېلىشىدىن بۇرۇن ئاسماندىكى ھاياتى توغرۇلۇق يېزىلغان. ئەيسا «سۆز» دەپ ئاتالغان (يوھان 1:1). دېمەك، خۇدا ئوغلى ئارقىلىق باشقا مەۋجۇداتلارغا ئۆزىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ۋە يول-يورۇق بەرگەن.
شۇنداقلا ئەيسا خۇدانىڭ خەۋىرىنى ئادەملەرگە يەتكۈزۈپ، يەردە يەھۋانىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. يەھۋا خۇدا ئېرەم بېغىدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا يول-يورۇق بېرىش ئۈچۈن ئەيسا ئارقىلىق سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن (يارىتىلىش 2:16، 17). بەلكىم، ئىسرائىللىقلارنى چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن پەرىشتە ئەيسا بولغان. ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش كېرەك ئىدى * (چىقىش 23:20—23).
^ 18-ئابزاس يەھۋا خۇدا ئۆز خەۋىرىنى پەقەت ئەيسا ئارقىلىق يەتكۈزمىگەن. مەسىلەن، ئۇ باشقىمۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە قانۇنلارنى بەرگەن (ئەلچىلەر 7:53؛ گالاتىلىقلارغا 3:19؛ ئىبرانىيلارغا 2:2، 3).