يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باشقا دىنلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەمدۇ؟
بىز ئادەملەرنىڭ دىنىغا قارىماي، مۇقەددەس كىتابتىكى «بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار»، دېگەن مەسلىھىتكە ئەمەل قىلىمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:17). مەسىلەن، بەزى دۆلەتلەردە نەچچە يۈز مىڭلىغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بار. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋە قانۇن تۈزگۈچىلەرگە بېسىم قىلىپ، باشقا دىنلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنمايمىز. ھەمدە ئەخلاقىي ۋە دىنىي كۆزقاراشلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن قانۇن سۈپىتىدە يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلمايمىز. ئەكسىچە، باشقىلار بىزنى ھۆرمەتلىشى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز (مەتتا 7:12).