يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئادەملەرنى ئۆز دىنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلامدۇ؟
ياق، بىز ئۇنداق قىلمايمىز. مۇھىم ژورنىلىمىز «كۈزىتىش مۇنارى»دا : «ئادەملەرنى دىنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ناتوغرا»، دەپ ئېيتىلغان a. بىز ئادەملەرگە بېسىم قىلمايدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن:
ئەيسا پەيغەمبەر ھېچقاچان ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى (مەتتا 7:13، 14). مەسىلەن، ئەيسانىڭ ئېيتقانلىرى بەزى شاگىرتلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولغان ئىدى. بىراق، ئەيسا پەيغەمبەر ئۇلارنى ئۆزى بىلەن قېلىشقا مەجبۇرلىمىغان. ئەكسىنچە، ئەشۇ ئادەملەرنىڭ كېتىشىگە يول قويغان (يۇھاننا 6:60—62، 66—68).
ئەيسا پەيغەمبەر ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە باشقىلارنى ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلماسلىققا ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئادەملەرگە زورلاپ قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشمىغان، بەلكى سەمىمىي كىشىلەرنى ئىزدىگەن (مەتتا 10:7، 11—14).
ئادەملەرگە بېسىم قىلىپ ئۆز دىنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش — بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئىشتۇر. چۈنكى، خۇدا چىن قەلبىدىن ئىبادەت قىلىدىغانلارنى قوبۇل قىلىدۇ (تەكرار قانۇن 6:4، 5؛ مەتتا 22:37، 38).
ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى ئۆز دىنىمىزغا تارتىشمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، «دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-بۇچقاقلىرىغىچە»، ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە ئۆي-ئۆيمۇ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىدىغانلىقىمىز راست (ئەلچىلەر 1:8؛ 10:42؛ 20:20). بەزىدە بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كەبى، بىزنىمۇ قانۇنسىز ئادەملەرنى ئۆز دىنىمىزغا تارتقان، دەپ ئەيىبلىشىدۇ (ئەلچىلەر 18:12، 13). بىراق، شۇنداق ئەيىبلەشلەر يالغاندۇر. بىز ھېچكىمنى كۆزقارىشىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمايمىز. ئەكسىنچە، ھەر بىر ئادەم زۆرۈر بىلىملەرنى ئېلىپ، ئۆزى شەخسەن قارار قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.
بىز ئادەملەرنى ئۆز دىنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىمايمىز. دىننى دەستەك قىلىپ، سىياسىي ئىشلارغا قاتناشمايمىز ياكى ماددىي ھەم ئىجتىمائىي ياردەملەرنى تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئادەملەرنى دىنغا قىزىقتۇرمايمىز. بۇ ئۆزىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى، دەپ ئاتاپ، ئەكسىچە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن مەسىھنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرگەنلىكتۇر. b
ئىنساننىڭ ئۆز دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقى بارمۇ؟
ھەئە، بار. مۇقەددەس كىتاب ئىنساننىڭ ئۆز دىنىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. مۇقەددەس يازمىلاردا، شەخسىي قارار قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئەمەس، ھەق خۇدانىڭ يولىنى تاللىغان كۆپ ئادەملەر ھەققىدە يېزىلغان. مونۇ بىرنەچچە مىسال: ئىبراھىم پەيغەمبەر، رۇت، بەزى ئافىنالىقلار ۋە ئەلچى پاۋلۇس (يەشۇئا 24:2؛ رۇت 1:14—16؛ ئەلچىلەر 17:22، 30—34؛ گالاتىلىقلارغا 1:14، 23). بۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس يازمىلاردا ھەتتا خۇدانىڭ يولىنى تاشلاپ، ئەخمىقانە قارار چىقارغان ئادەملەر توغرىلىقمۇ يېزىلغان (يۇھاننانىڭ 1-خېتى 2:19).
«دۇنيا ئىنسان ھوقۇق خىتابنامىسى»دە، دىنىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى قوللايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ «خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقلىرى قانۇنى ئاساسىي»، دەپ ئاتىغان. شۇ ھۆججەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ «ئۆز دىنىنى ياكى كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىش» ۋە «مەلۇم بىر ئىدىيىنى ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكى» بارلىقى توغرىسىدا ئېيتىلغان. بۇ دىنىي كۆزقاراشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. c ئەلۋەتتە، بۇ ھوقۇقلار باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەيدىغان ۋە ماس كەلمەيدىغان باشقا ئىدىيىنى رەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەمنىڭ باشقا دىننى قوبۇل قىلىشى ئەنئەنىلەرگە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟
ياق، ئۇنداق ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب ئادەملەرنىڭ دىنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:17). ئۇنىڭدىن تاشقىرى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا دىندا بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتىكى ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەتلە، دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 6:2، 3).
ئەمما، بەزى ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆزقارىشىغا قوشۇلمايدۇ. زامبىيىدىكى بىر ئايال: «مەن ياشايدىغان جايدا دىنىنى ئۆزگەرتىش ... ئائىلىگە ھەم شۇ مەھەللە كىشىلىرىگە ۋاپاسىزلىق ۋە ساتقۇنلۇق قىلىش، دەپ سانىلىدۇ» دېگەن. شۇ ئايال ئۆسمۈرلۈك چېغىدا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان ۋە نەتىجىدە دىنىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغاندا، ئەشۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانام مېنىڭ شۇنداق قارارىمغا رازى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈلىنى رەنجىتكەنلىكىمنى قايتا-قايتا ئېيتقان. بۇ مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىيىن بولغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى مەن ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىدى. ... دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەس، يەھۋا خۇداغا سادىق بولۇشنى تاللىغىنىم ئائىلىگە ساتقۇنلۇق قىلغاننى بىلدۈرمەيدۇ». d
a «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2002-يىل، 1-يانۋار سانى، 12-بەت، 15-ئابزاسقا قاراڭ.
b مەسىلەن، تەخمىنەن مىلادى 785-يىلى، رىم ئىمپېرىيسىدە ئىمپىراتۇر كارلىماگنى چىقارغان قانۇنى بويىچە، ساكسونىيدا مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى رەت قىلغانلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مىلادى 1555-يىلى بۈيۈك رىم ئىمپېرىيىسى ئاۇگسبۇرگ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن. بۇ كېلىشىمگە بىنائەن، ھەر بىر تېررىتورىيە ھۆكۈمدارى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى پۇقرالار رىم كاتولىك دىنىنى ياكى پروتېستانت دىنىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنى رەت قىلغانلار باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشى لازىم ئىدى.
c خۇددى شۇنداق ھوقۇقلار «ئافرىقا ئىنسان ھوقۇقى ۋە مىللەتلەر ھوقۇقلىرى نىنامنامىسى»، «ئامېرىكا قىتئەسى ئىنسان ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيەتلىرى خىتابنامىسى»، 2004-يىلدىكى «ئەرەبلەر ئىنسان ھوقۇقى نىزامنامىسى»، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى»، «ياۋۇرپا ئىنسان ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ۋە «پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەدىنامىسى» قاتارلىقلاردىمۇ ئىنسان ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. گەرچە بەزى دۆلەتلەر شۇ ھوقۇقلارغا كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما بەزىدە ئۇنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشكە ئامالسىز.
d مۇقەددەس كىتابقا بىنائەن، ھەقىقىي خۇدانىڭ ئىسمى يەھۋا.